تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر ھويلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 17:51:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     ئۇيغۇر ھويلىسى

       كامال جامال


131.jpg


نىجات نىياز ئېھسان فوتوسى


      ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى، ياشاش مۇھىت ۋە گۈزەللىك قارشى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئارام ، قائىدە-يوسۇنلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ، مۇكەممەللىشىپ، ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، يەنە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر ھويلىلىرى باغچىلاشقان، يېشىللاشقان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلۇپ، ئۇيغۇر ھويلىلىرىدىكى گۈزەللىك ، پۈتۈنلەي ئىكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.زامانىۋىي شەھەرلەردىن يىراق، خىلۋەت سەھرالارغىچە ، ئۇيغۇر ھويلىسىدا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ھويلىسى مەدەنىيەت قاتلاملىرىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرسا، ئۇيغۇر ھويلىسىدىكى تال باراڭلىرى، مېۋىلىك دەرەخ، گۈل-گىياھلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. غۇلجا شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،ئائىلە شاتلىغى ئارامگاھلىرىنى قۇرۇپ، ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىگىنى داڭلىق ماركا ئورنىغا چىقاردى. ئىگەللىشىمچە ھازىرغىچە غۇلجا شەھەردە  قۇرۇلغان ھويلا-ئارام  ساياھەت نۇقتىلىرى 300 دىن ، يىللىق ساياھەت ساپ كىرىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان.دېمەك ئۇيغۇر ھويلىلىرىدىكى بۇ خىل خاسلىق ، ساياھەتچىلىك كەسىپىدە جەلىپكار نۇقتىغا ئايلاندى. غۇلجا شەھەرنىڭ قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى پەقەت ئۇيغۇر ھويلا-ئارام  مەدەنىيىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆيلىرى ، باغچىلاشقان ھويلا-ئاراملار ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. ئۇيغۇر ھويلىسى مىللەت روھىنىڭ يارقىن ئىپادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ  بەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ يىشىللىق بەرپا قىلىش، يىشىللىقنى قەدىرلەش، يىشىللىقتىن ھۇزۇرلىنىش ئېتىقاتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلار تال باراڭلىرى ئاستىدا سايىداپ ئولتۇرۇشنى، غىزالىنىشنى قەدىرلىسە، قورۇسىدىكى مېۋىلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئۇيغۇر قورۇسىدىن  رەيھان گۈللىرىنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر كۈنى قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، قورۇ-كوچىلارغا، سۇ سىپىپ، پاكىزە سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ.قورۇ تاملىرى، ئىشىك ئالدى تاملىرى ئاق ياكى سىنكا سىلىنىپ، ئاقارتىلىپ چىنىدەك پاكىزە قىلىنىدۇ.ئومۇمەن ئۇيغۇر قورۇسىنى پاكىزلىق، يىشىللىقنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

130.jpg


نىجات نىياز ئېھسان فوتوسى


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سايرام
تىللا
182
تۆھپە
66
UID
1383
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 10:35:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇنداق ھويلىلارمۇ كەپىلىك رايونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 11:02:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ كەپىلىك ئۇيلەر دېسە مەن تېخى يەرنى كۇلاپ ياسىغان ئۆيلەر چىغى دەپتىمەن


سەكرا

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
3356
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 19:34:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇپ تەرەپتە نۇرغۇن ئۆيلەر مۇشۇنداق دە ، بىرخىل ئىسسىق سىزىم بىرىدۇ  


Rank: 1

ئىسىمى
زۇلپىقار
تىللا
39
تۆھپە
13
UID
2902
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 20:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurkum يوللىغان ۋاقتى  2011-12-23 19:34
جەنۇپ تەرەپتە نۇرغۇن ئۆيلەر مۇشۇنداق دە ، بىرخىل ئىسسى ...

يۇرتۇم غۇلجىنى بەك سىغىندىم


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
887
تۆھپە
213
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 15:21:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھويلىلار بەخىت بۆشۈكى .


Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
15
UID
2751
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر يېزىلارمۇ شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.ئشىك ئالدىدىكى  كىچىك ئېرىقلاردا سۇلار ئېقىپ تۇرغان، بوسۇغا ئاتلاپ چىقسىلا يېشىللىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بۇنداق ھويلىسى بار ئۆيلەر  بارغانسىرى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ.قەۋەتلىك ئۆيلەرگە قانداق كۆنىمىزكىن-تاڭ؟


Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنچە بۇنداق ھويلىلارنى كۇرمەك تەس بولىدىغان بولدى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۇرالغۇلار تەۋەرۇك بىز ئۇچۇن


Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
165
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، بىز ئۈچۈن تەۋەرۈك، ھازىر مەخسۇس ئاپتاپ كۆرگىلىمۇ ، بالىلىرىمىزنى شۇ مىھرى ئىسسىق توپىغا دەسسىتىش ئۈچۈنمۇ ئاتايىتەن يېزىغا چىقىشىمىزغا توغرا كىلىۋاتىدۇ....


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
29
UID
2930
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ گۈزەل ئۇيغۇر دىگەن ھويلىسى،
بار ئۇنىڭدا مەدەنىيەتنىڭ مەنىسى.
ياز كۈنلىرى قىززىپ كىتەر سەيلىسى،
جەلىپ قىلىپ ئالما ئۈرۈك بىھىسى.

بىراق بۇنداق ھويلا ئەمدى ئاز قالدى،
ھويلىسى يوق ھەممە قەۋەت ئۆي سالدى.
ھۇزۇرنۇلۇپ ياتاي دىسەڭ سۇزۇلۇپ ،
ھويلىسى يوق بىنا ئۆيلەر تاركەلدى.





كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 16:39, Processed in 0.080289 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش