كۆرۈش: 18972|ئىنكاس: 14

شىنجاڭ كوماندىسى تېرىنېر ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى غەلبىنى كۈتۈۋال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6183
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:26:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ كوماندىسى تېرىنېر ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى غەلبىنى كۈتۈۋالدى


00266c4e7e04105c54e522.jpg


مۇرات توپ ئېلىپ ماڭماقتا


    21 - دېكابىر ، CBA2011-2012 - يىللىق مۇسابىقىسىنىڭ 14 - ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ھەمدە 96 غا قارشى 98 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى ئۇتتى .
    ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت قالغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات قارشى تەرەپ مەيدانىدا گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋالدى ، ھەمدە 2 +1 نومۇر ئېلىپ ، لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقنى 6 نومۇرغا قىسقارتتى . ئارقىدىن مۇرات يەنە بىر قېتىم قارشى تەرەپ مەيدانىدا گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋېلىپ ، مىللىسقا پاس بەردى . مىللىس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى ئېتىپ كىرگۈزۈپ ، نومۇر پەرقىنى 3 كە قىسقارتتى .
    مۇراتنىڭ ئىككى قېتىم قارشى تەرەپ مەيدانىدا گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋېلىشى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى . ئارقىدىن مىللىس ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى ئېتىپ ، نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . ئارقىدىن مۇرات يەنە تېز ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نومۇر ئېلىپ ، لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى . مۇراتنىڭ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ جاسارىتى قايتىدىن ئۇرغۇپ تېشىپ ، ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .
    بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى ئالماشقاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ .              

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:33:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تېرنىرنىڭ ئالماشقانلىغى يەنە بىر تېرنىرنىڭ تېخنىكىسى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بۇلغۇسى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:24:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىنى تولۇق كوردۈم . شىنجاڭ كوماندىسى 4 - كونتېردا ئۆزىنى ئوڭشىۋالمىغان بولسا ، يەنىلا يېڭىلىپ قالغان بولاتتى ، بەك تەستە ئۇتتى .
قېرى جياڭ  ئەزالىرىدىن ھەم ئۆزىدىن خوشال بولۇپ قالدى .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
تۇرسۇنجان مۇھەممەت
تىللا
144
تۆھپە
54
UID
647
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 17:04:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كوماندىغا نېمە بولغاندۇ؟ ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىلەردە ئۇدا 2 قېتىم 2- بولغانىدى. ئەمدى ئارقا-ئارقىدىن ئۇتتۇرۇپ، ئەمدى تېرېنىر ئالماشتۇرۇپ ئاران بىر توپ بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. قارىغاندا باشقا كوماندىلارمۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان ئوخشايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:32:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  قېتىم ئىككىنچى بولۇشىمۇ تەسكە چۈشىدىغان بولدى . ھالىتى بەك ناچار .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 13:47:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس ئويناۋاتىدۇ ، ئاخشام ‹‹ 1 - ئاۋغۇست ›› كوماندىسىنى يېڭىپ ، بەشىنچى ئورۇنغا چىقتى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 16:28:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولا يېڭىلىدىغان بولۇپ قالدى ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى مەيۈس قىلىپ . ئاخشاممۇ بېيجىڭ كوماندىسىغا بىر نومۇر پەرقى بىلەن ئۆز مەيدانىدا يېڭىلىپ قالدى . 10 - ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
920
تۆھپە
421
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 16:51:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، بولسا شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگىسى!


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 6Rank: 6

تىللا
800
تۆھپە
426
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 20:30:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەسقۇ؟؟سەۋەبى نىمە؟؟باتۇر قىرىپ قالدىمۇ؟؟چەت ئەللىك ماھىرلارنى ياخشى تاللىيالمىدىقمۇ؟؟؟؟ھەر قىتىم ئۇتتۇرغاندا كۇڭلوم بەك يىرىم بۇلىدۇ،،،گۇڭخۇي شىركىتى پۇتبۇلغا پول خەجلەپ باقسا بۇلاتتى ،،ئىچكىردە توپ تىپىۋاتقان شىنجاڭلىق بالىلارنى يىغىپ...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 17:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەككىز كۈچلۈككە كىردى . ئەمما كىرمىكى ئاسانغا توختىمىدى .
پەسىللىك مۇسابىقەدە ياخشى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:03, Processed in 0.090963 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991