« تەڭرىتاغدا سۆھبەت » پىروگراممىسى ھەققىدە ئۇچۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق دوستلار، ئاۋۋال مەن سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن. بىز بۈگۈن تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سۆيۈملۈك ئوغلانى، ئىقتىسادشۇناس رادىل ئابلا ئاكىنىڭ زىيارەت ھەققىدىكى تورداشلار قالدۇرغان سوئاللارنى يىغىپ رەتلەپ، كونسۇل كوچىسىغا جايلاشقان ئارمان تاللا بازىرىغا مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى تەڭرىتاغ (نىجات نىياز)، مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى، <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى نىدائىي (توخنىياز ئىسمائىل)، مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى، <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پىروگراممىسىنىڭ ئوپېراتورى ئارسلان (ئارسلان كامىل)، تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى بىلىگئەر (ئىمام مۇھەممەت) ۋە مەن، يەنى ئىسيانكار (پەرھات مۇھەممەتئىمىن) قاتارلىق بەش نەپەر كىشى يېتىپ باردۇق. بىزنى ئارمان گورۇھىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان رەھبەرلەردىن خەمىت ئاكا بىلەن گۈزەل ھەدە، شۇنداقلا ئارمان گۇرۇھى ئارمان ئۈرۈمچى تاللا بازىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئارسلان ئاكا كۈتۈۋالدى. بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا، يەنى، سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئارمان گۇرۇھىنىڭ باش لىدېرى رادىل ئاكا بىزنى قوبۇل قىلىپ، تورداشلارنىڭ ئۆزىدىن سورىغان سوئاللىرىنى بىلىگئەر ئاكىنىڭ يەتكۈزۈشى بىلەن ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە تولۇق كۆرۈپ چىقتى. بىز شۇ ئەسنادا تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

بىز بۇ يەردە شۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشاللاندۇقكى، رادىل ئاكىمىز تورداشلار سوئالىنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى، بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ راستىنلا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ۋاقىت جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بەك زىچ بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، بىزگە سەمىمىيلىك بىلەن يەنە بىر قانچە كۈن ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ (يەنى، بۈگۈن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە باشقا ئاخبارات ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭمۇ زىيارەت قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ بىراقلا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن)، تېخىمۇ ياخشىراق، تورداشلار يەنىمۇ ياخشى ئۇچۇرغا ئېرىشەلىگۈدەك قىلىپ ئىشلەش كېرەكلىنى ئەسكەرتتى. ھەمدە بۇ ئىشنى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى زىيارىتىمىز بىر قانچە كۈن كەينىگە سۈرۈلدى. ئەمما بۇ زىيارەت چوقۇم ئۇزۇنغا قالماي تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ. ۋاقىپ بولۇشۇڭلارنى سورايمىز.
|