كۆرۈش: 35938|ئىنكاس: 29

ئالىم ئەھەت جۇڭگودىكى يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
504
تۆھپە
161
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 12:52:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىم ئەھەت،جۇڭگودىكى يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس بولدى


ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت


    بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن.
    مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى ، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.
    بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟
    ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازراق چوڭىيىدۇ.
     بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.
    ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdulla74 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-4 12:51  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2200
تۆھپە
1635
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 18:51:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن، لىكىن دوپپىنى كىيمىسە تازا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كەتمەيدىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6659
تۆھپە
3362
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 19:44:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىمىزدە مۇشۇنداق يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كۆپەيگەن بولسا، بىز خۇددى مۇنبەرلەرگە تېما كۆچۈرگەندەك، خەقنىڭكىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ تەرەققىي قىلىمىز، دەيدىغان خامخىيال تۈگەپ، ۋەتىنىمىز تېز تەرەققىي قىلغان بولاتتى. بىز ماشىنا، ئايروپلان ياسىيالىغان، خەقلەر بىزنىڭكىنى سېتىۋالغان بولاتتى!
مۇبارەك بولسۇن!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2255
تۆھپە
765
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 20:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن


ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
1740
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 21:53:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى قەۋەتتىكى قېرىندىشىم، سىزمۇ دۇپپىنى كەيمىسىڭىز ئۇيغۇرغا ئوخشىماي قالىسىز.


Rank: 2

تىللا
143
تۆھپە
45
UID
1941
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 21:57:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەھەد ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللار ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 22:47:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجرىگە چۇشلۇق ئاخىرى نېگىشلىك شەرەپكە نائىل بوپتۇ . مۇبارەك بولغاي !


مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2127
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 22:49:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

بۇ يازما ئالىم ئەھەت ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغانمۇ؟ مەنبەسى؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1011
تۆھپە
352
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 02:55:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ، ئالىم ئەھەت! ياشاپ كېتىڭ!!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
840
تۆھپە
458
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 04:04:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق كىيۋېلىڭە شۇ دوپپىڭىزنى سىزگە بەكمۇ يارىشىپتۇ... يومشاق دىتاللارنى ئىڭىشىپ تۇرۇپ   ياسىمىغاندىكىن... يە داشۆدە بىزنىڭ ئىدارىدەك باش كىيىم چەكلەندىمۇ يە؟؟؟؟


نەغمە ناۋاسى كۆپ مىللەتنىڭ يىغىسىمۇ كۆپ بولىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:37, Processed in 0.085515 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991