ئۇزۇن گەپنىڭ كالتىسى ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ ئەپەندىم سىز ئۆزكۆز قارىشىڭىزنى ناھايتى ياىشى ئوتتۇرغا قويۇپسىز بۇپىكىرىڭىزنى تۇلۇق قوللاشقا بۇلىدۇ. ئەمما ھازىر ئويغۇر تورچىلىقى تېخى تۇلۇق پىشىپ يىتىلمىدى(خەنزۇ يولداشلارنىڭكىدەك سېستىمىلاشقان، ئۇچۇر مەنبەلىرى تۇلۇق ،كەسىپلەشكەن ،دادىل پىكىر يۈرگۈزۈشلۈك)بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئويغۇر يىزىقىدىكى تور بەت(مۇنبەر) لەرنىڭ بىر بىرىنى قوللاپ بىرىشى، قۇرۇق پوپوزا بىلەن قىلىنغان (رۇخسەتسىز كۈچۈرسىڭىز قانۇنى جاۋابكار بولىسىز دىگەندەك)يالغان چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر ئۇچۇر مەنبەسىنى قۇرۇش تڭلىمۇ زۈزرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدەك بىلىملىك، قەلەم ئىگىلىرىىنڭ ئىجتىھاتى، نەزەر دائىرسى كەڭ يولداشلارنىڭ ئاكتىپ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن مۇنبەرنى(ئويغۇر تورچىلىقىنى) بېيىتىشى، مەندەك «دۆت»لەرنىڭ ئەشۇ يولداشلارنىڭ بىلىم خەزىنىسىدىن كۆپلەپ بىلىم ئېلىشى ھەم ئۈگەنگەنلىرىنى ئۆز ئەتىراپىدىكىلەرگە يۇقتۇرىشى بىلەن بولغۇسى ئەلبەتتە.
ئاددى قىلىپ ئېيتساق ھۈكۈمەت باشقۇرىشىدىكى بۇ تور بەتتىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى سىزلەرمۇ توردىن ئالغان ئەلبەتتە.(ياكى سىز شۇ ئورونلارغا مەخسۇس مۇخبىر ئەبەرتمىگەن، بىرقىسىم فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن باشقا) شۇنداق تۇرۇقلۇق 9مىليون 600مىڭ كۇۋادىراتلىق بۇ زىمىندىكى ھەرتەرەپتىن كەلگەن يېڭىلىق ئۇچۇرلارنى ئوخشاشمىغان ئورۇن(باشقا بېكەت)، ئوخشاشمىغان ۋاقىتتا ھەممىىز پايدىلانساق نىمە بوپتۇ؟؟ (مەن تەڭرىتاغنى ياخشى كۆرىمەن چۈنكى ئۇنىڭدا خەۋەرلەر چىن، چۈنكى ئۇنىڭدا قاچان مۇئاش ئۈسىدىغانلىقى، قاچان دەم ئالىدىغانلىقىمىزنى، قانچىلىك دەم ئالىدىغانلىقىمىزنى، ئۆي زىمىن بازىرى قانداق بۇلىۋاتىدۇ؟؟؟ دىگەندەك مەن ئەڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان ئۇچۇرلار بار) داۋۇت ئەلكۈيىنى ياخشى كۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر خەۋەر ھەۋەسكارى، مامۇت مىسرانىمغا ئامراق چۈنكى ئۇ بىر ناخشا سەۋداسى، ساۋۇت ئىزدەنى زىيارەت قىلىشقا ئامراق چۈنكى ئۇ بىر دىھقان، ساۋاتسىز بولغاچقا ئاغىنىسىنى ئىزدەپ تورخانىغا كىرىپ تاساددىپى بۇ بەتنى بايقاپ قالغان.... ۋەھاكازا، دىمەك ئوخشاش بىر خەۋەرنى ئوخشاشمىغان بىرقانچە ئورۇندا ھەممە ئادەم پايدىلانسا نىمە دىگەن ياخشى ھە!!!
يەنەمۇنبەرداشلاردىن داداللىقنى تەلەپ قىلىپسىز ھەچ بىلمىدىم سىز بىزنى يەنە قانداق دادىللققا يىتەكلىمەكچى؟؟؟ «دادىللىق»تىن سىز گە بىر قانچە مىسال كەلتۈرگۈم بار ئىدى بىراق ... ..داداللىقتىن، نىمىنى ئويلىسا شۇنى بەت يۈزىگە تاشلىغانلار نىڭ كۈنى پىتىنى-ئېغۋالىق ئىنكاسلار بىلەن قۇشۇلۇپ نىمە بوپ كەتتى. بۇ ئاچچىق ساۋاقىنى تېخى دوسلار ئۇنتۇپ قالمىدى!!!!!
سەزگۈر مەلۇم مەزمۇندىكى بىرەر تىما ئوتتۇرغا چۈشتىما بولدى، ھەرۋاقىت «جىم» تۇرىۋالىدىغان ئىنكاسچىلار بۇلبۇلدەك سايراپلا ھەممە ئېقىم جانلىنىپ كىتىدىكەن.بىر جاپادا قەلەم تەۋرەتكۈچى، شۇ تور بەت مەسئۇلىنىڭ جاپالىرى نەدە قالدى؟؟؟؟
ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ، توغرا يىرى بولسا تەنقىدى پىكىرنى قۇبۇل قىلىمەن(ھاقارەتتىن باشقا

) چۈنكى مەن سەل «دۆت» راق....
بىزدىن يەنە دادىلىقىنى، ئۆز ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىمىزنى كۈتىسىڭىز ئۈمۈدۈم «ئىشەككە ئۈگۈتۈش ۋە ئۈگۈنۈش» دىگەن تېمىدىكى تەستىقسىز يازمىنى يەنەبىر تەستىقلاپ قۇيۇشىڭىزنى سورايمەن.
ھۆرمەت بىلەن: دۆت