ئىگىسى: تەڭرىتاغ

تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ئەزالارغا بىر تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
390
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 17:34:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان ئىجادىي يازمىلارنى يېزىپ مۇنبەرلەرگە يوللىغان ئىدىم بۇرۇن  ، قېنى ئۇ مۇنبەرلەر ؟ قېنى ئۇ يازمىلار ؟ شۇڭا ھازىر ئاستا قەغەزگە يېزىپ ساندۇققا يىغىدىغان بولدۇم ! توغرا ، ئەلۋەتتە كۆرۈرمەنى يوق ئەسەرنى ھەرگىز نادىر ئەسەر دەپ قارىغىلى بولمايدۇ . چىرىمايدىغان قىلىپ ، يەرگە كۆمۈپ قويدۇم ، كېيىنكىلەر تېپىۋالسا ، كلاسسىك ئەسەر بۇلۇپ قالا !


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1932
تۆھپە
1155
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 17:27:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىز گەپ بەك ياخشى بوپتۇ مەن قوللايمەن .


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 17:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2011-11-27 17:34
نۇرغۇنلىغان ئىجادىي يازمىلارنى يېزىپ مۇنبەرلەرگە يول ...

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەۋلادلىرىڭىز ياخشى ساقلىيالىسا، ئاكادېمىيەگە تاپشۇرۇپ بەرسە، كلاسسىك ئەسەر ساقلىغىنى ئۈچۈن ئەۋلادلىرىڭىز ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر! خۇددى پادا بېقىپ يۈرۈپ «مائىترى سىمىت» نى تېپىۋالغان يەھيا رەھىم ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا دۇنيا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سۆيۈملۈك كىشىسى بولغىنىدەك


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
165
تۆھپە
114
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 23:44:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىرلەر بولىۋاتىدۇ.


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
11
UID
271
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 21:28:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكەتنىڭ تېما تەھرىرلەش،يوللاش ئىقدىدارىنى  ئىمكانىيەت بولسا سۈرەتلىك قىلىپ بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار. باياتىن بىر تېما يوللىغانتىم، ئوتتۇرغا ئەكىلىش، چەتكە سۈرۈش، قاتارلىق ... ئىقدىدارلىرنى تولۇق ئۇقالمىغاچىقىمۇ تېمام كۆڭلىمدەك چىقمىدى.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-4 14:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزدە مۇنداق بىر ئەھۋال سەل كۆپىيىپ قالدى. مەزمۇنى سەرخىل بولسىمۇ، بىراق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇچۇر ۋە خەۋەر قىمىتى ئىنتايىن تۆۋەن يازمىلارنى مۇنبىرىمىزگە يوللايدىغان ئىشلار سەل كۆپىيىپ قالدى. بەزى بېكەتلەردە ئاللىبۇرۇن كونىراپ ھەممەيلەن بىلىپ بولغان مەزمۇنلارنى بېكىتىمىزگە يوللاپ مۇنبىرىمىزنى بىر قارىسا سەرخىل مەزمۇن باردەك، بىر قارىسا ئادەمنى قىزىقتۇرغۇدەك نەرسە يوقتىكىدەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان ئەشۇ بىر قىسىم ئەزالىرىمىزغا ئېغىز ئاچماي تۇرالمايمەن. بىلمىدىم ئۇ دوستلارغا نېمە كېرەككىن؟....  جۇغلانمىمۇ؟  ياكى تىللامۇ.... بۇنداق نىيتىڭىز بولسا مېنى ئىزدەڭ. مەن سىزگە يىتەرلىك قاچىلاپ بېرەي. ياكى بولمىسا قالتىسكىن دېگەن نامنى ئالماقچىمۇ؟ ئۇنداق بولسا سىزگە مۇنبەر مېدالىنىمۇ قوشۇپ بېرەيلى.  ياكى بولمىسا ئۆزىگە بەك يېڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كىتىپ مۇنبىرىمىزگە يوللىغان بولۇشى مۇمكىن. سىزدىن سوراي سىز بىلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا يېڭىلىق بولامدۇ؟.... سىز ئەمدىلاتىن كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ قايتىدىن بۇ ئىشنى بۇ يەردە ئېلان قىلىپ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ كۆڭلىڭىزنى خوش ئېتىۋاتامسىز؟.... ياكى بولمىسا كاتتا خوشاللىق ھىس قىلىپ باشقىلارنىمۇ سىزدىن بەكرەك خوش بولىدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىڭىزمۇ؟....    قاراپ بىقىڭلار مۇنبەردە سەۋيىسى يۇقىرى، قىممىتى يۇقىرى بولغان خاس تېما ۋە يازمىلاردىن قانچىلىك بار؟ .... ئۇششاق بالىلارنىڭ ئوينايدىغان ، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەد قىلغان مۇنبەرلىرىدىن پەرىقىنىڭ قانچىلىك بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم.(بۇ مۇنبەرنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىگە قارتىلغان، ئايرىم سەھىپىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)  دوستلار مۇنبىرىمىزنى «پىت بازىرى» قىلمايلى. شۇنداق بازار بولسۇنكى ، ئۇ يەرمەنكىگە ئوخشىسۇن، شۇنداق بازار بولسۇنكى ئۇ داڭلىق ماركا توپلانغان بازار بولسۇن.
  
      بەزىلەر مۇنبەرنى موزىيىغا ئوخشاش بولۇشىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ھاجىتى بارمۇ؟ بولسا جاھاندىكى ياخشى يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ مۇنبەرگە يوللىۋىتەيلى. سىزمۇ مەنمۇ كۈندە ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرمايلى. لازىم بولسا چىقىپ پايدىلىنىپ قويايلى. پىقىردا بىر قورال بار. توغىرلاپ ماڭدۇرۇپ قويسام ، بىر كىچىدىلا بارلىق تور بېكەتلەردىكى خەۋەرلەرنى ، ئۇچۇرلارنى، بارلىق مۇنبەرلەردىكى تېمىلارنى ئۆز پىتى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلاپ بېرىدۇ. بۇ پو گەپ ئەمەس. ئەمەلىيەت.(采集器 نى مېنىڭچە بىلىدىغانلار باردۇ بەلكىم.)  ئەپسۇس.... ئەپسۇس.... مەزمۇنى سەرخىل بولغىنى بىلەن ھىچقانچە ئۇچۇر قىممىتى يوق. بۈگۈنكى مۇنبىرىمىزگە نىسبەتەن ئەخلەت بولىدىغان تېمىلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى توردىن ئىزدىسەك ساماندەك تولا، نەگە قارىسا شۇ گەپ، ئۇچۇرنىڭ قىممىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنداق قىلىشقا ئەسلىي بولمايدۇ. بىراق مۇنبىرىمىزدە ئەشۇنداق 采集器 ئەزالارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن، يوللاۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىدىن كۆڭلۈم سەل بىئارام، ئوبزور بولسىغۇ، ياكى بولمىسا ئازراق بولسىمۇ كىشىگە يېڭىلىق تۇيغۇ بېرىلەلىگەن بولسىمۇ، پەقەت بولمىغاندا بىز ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان، سەمىمىزگە سېلىپ تۇرۇش كېرەك بولغان تېمىلار بولسىمۇ قىممىتىنى ساقلىغان بولاتتى.

ئەسلىي ئايرىم يازما ئەۋەتەي دەپ ئويلىغان، بىراق تېما يەنىلا ئوخشاش بولغۇدەك، شۇڭا ئىنكاس يوللىدىم. بىر قىسىم ئەزالارنى يۇمشاق گەپ بىلەن ئۇرۇپ باقايلى. تولىمۇ ئەسكەرتتۇق، تولىمۇ قاخشىدۇق. ئەمدى قاتتىقراق گەپنى قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئەگەر بۇ ئەھۋال يەنە چوڭ جەھەتتىن ئۈزۈل كېسىل تۈزەلمىسە. مۇنبەر باشلىقلىرىدىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلىمەن. بىزنىڭ مەھەلە دوقمۇشىدىكى كىم نېمە بولسا شۇنى چاپلايدىغان ئېلان تاختىسىدەك قىلىپ قويغان. تولىمۇ تەكرارلىنىپ كەتكەن ئۇچۇر ۋەرەقچىلىرىنى مۇنبىرىمىزگە تۆكىۋاتقان، تولىمۇ قىممىتى تۆۋەن تېمىلارنى(ئۇچۇر قىممىتى تۆۋەن) يوللاۋاتقان  ھەرقايسى ئەزالارنىڭ كۆڭلىڭىگە كەلگەن بولسا مېنى كەچۈرۈڭلار. «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە.» مۇنبىرىمىزنى سەرخىللاشتۇرمىز دەيدىكەنمىز. تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم كىچىكتۈرمەي تۈزۈتۈش كېرەك.
      مۇنبەرنىڭ سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمىز دەيدىكەنمىز، ئەزا سانى ۋە تېما، يازما سانى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار. قۇرۇق شۇئارمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ. مۇنبەرنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسىنىڭ چەكلىمىسى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى يىتىشسىزلىكلەرمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ يامرىشىغا پۇرسەت يارتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇنبەر باشلىقىلىرىنىڭ «تۆگىگە مېنىۋىلىپ تۆگە ساناپتۇ.» دېگەندەك ئىشقىمۇ خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ ۋاقىتىڭلارنىڭ قىسلىقىنى ، ئىشىڭلارنىڭ كۆپلىكىنىمۇ بىلىمەن. «ئېرىقنى قانداق چاپساق، سۇمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئاقىدۇ.» شۇڭا ئازراق بولسىمۇ ئۆزۈڭلارنى بېسىۋىلىپ. مەسىلىنى ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەل قىلايلى.  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1609
تۆھپە
1302
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 18:09:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا  ھا...تورداشلار  بەك نازۇك بولۇپ كېتىپسىلەر  جۇمۇ؟؟؟؟؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
TANHA_BORA
تىللا
393
تۆھپە
99
UID
4333
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 00:13:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمەدىيشنى بلمەيمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 13:23, Processed in 0.081149 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991