ئىگىسى: تەڭرىتاغ

تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ئەزالارغا بىر تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1112
تۆھپە
708
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 21:04:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممنى بىر تاياقتا ھەيدەش ياخشى ئەمەس ،ھەقىقەتەن خەلققە پايدىسى تېگىدىغان قىممەتلىك ماتىريال بولسا بۇ مۇنبەرگە قويۇلسا  ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانسا ،قىممىتى يوق ياكى شۇ شۇ مەزگگىلدىن ئۆتۈپ كەتسە قىممىتىنى يوقىتىدىغان ماتىرياللارنى بۇ مۇنبەرگە زورلاپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
تەڭرىتاغ مۇنبىرى بۇندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنبىرى بولۇپ قالغۇسى،مۇنبەر ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئوغۇزخان
تىللا
262
تۆھپە
37
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 21:24:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىككى ئېغىز كۆڭلۈمدىكىنى دەي.
كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم مەن ئادەتتە مۇنبەرلەردە ئارلاپ يۈرمەيمەن. لىكىن تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئېچىلغاندىن كىيىن تىزىملىتىپ كىردىم. مېنىڭ ئويلىغىنىم شۇكى، بۇ جاي باشقا تور بەتلەرگە ئوخشاش تەنتەكلەرچە، ئالدىراڭغۇلارچە، ھەممە نەرسە ئېسىل-ساڭگۈل چىقىۋالىدىغان بىكەت ئەمەس، بەلكى راۋرۇس مۇنبەر بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىم. ئەمما يىقىنقى بىر مەزگىللىك ئۆزگىرىشتىن سەل كۆڭلۈم سۇۋىغان ئىدى. بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان، ئانچە بەك زۆرۆريىتى يوق تېمىلارمۇ چىقىۋەردى. بۇ مۇنبەرنىڭ سۈپەت ۋە ئوبرازىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئاخىرى بېرىپ ئۇششاق بالىلار، بىر قىسىم تەنتەك ياشلار كىرىپ خالىغىنىنى چاپلايدىغان، دەيدىغان، باشقا تور بەتلەردىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان ھالغا كىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ كۈتكىنىمىز ئەمەس.
ئۇنداقتا بىز نىمىگە ئېھتىياجلىق؟ راۋرۇش بىر مۇنبەرگە.  يەنى تەمكىن، سالماق، توغرا پىكىر قىلىدىغان، قىزىققانلىقتىن خالى ئىلمىي سورۇنغا مۇھتاج. مۇنبەرنىڭ مەخسىتى بەئەينى پۈلەپ كۆپۈزۈلگەن شاردەك يوغۇنىتىش بولماي بەلكى ئاستا-ئاستا، بىر قات-بىر قاتتىن چىڭدىلىپ يوقىرى ئۆرلەيدىغان، ئۆرلەۋەرسىمۇ ئۆرۈلمەيدىغان بولغىنى ياخشى. بەك قىزغىن بوپ كەتكەن جايدا ئىلمىي كەيپىيات كۈپۈككە ئايلىنىپ، ھاياتى كۈچ تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق سورۇندىن مۆتىۋەرلەر قاچىدۇ.
2007-يىلى پاي نوقتىسى 6000غا چىقىپ ئاخىرى بىراقلا غۇلىدى. ھەممە ئادەم قولىنى تىقىۋەرگەچكە پاي كۆپۈكلىشىپ يىل ئاخىرىدا بىراقلا يېرىلدى. ئامال يوق قايتىدىن چىڭداش باسقۇچىغا ئۆتتى. زىيادە قىزغىن بوپ كەتكەنلەر ئاستا قىسىپ نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى. ئاخىرىدا بەرداشلىق بېرەلىگەنلەر داۋاملىق قىلىۋەردى. مانا ھازىر چوڭ ئۆرلەش ۋە چوڭ چۈشۈش يوق، بىر قەدەر مۇقۇم. بۇنداق ئەھۋالدا كاللىسى ئوچۇق، ماھىر كىشىلەر ئوخشاشلا يەنە پايدا ئالايدۇ. پۇرسەتپەرەسلەر ئاستا ئۆز يولىغا كىتىپ قالىدۇ.
يوقۇرقى مىسالنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە پۇرسەتپەرس كېرەك ئەمەس، بەلكى ئىلىم ئىگىلىرىنى قارىشى ئالىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئاز بولسا مەسىلە چوڭ ئەمەس، مۇھىمى كۈپۈك بولمايدۇ. ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىدۇ، بەلگىلىك ۋاقتتىن كىيىن بىر تۈركۈم پىشقان، تەپەككۈرى ئويغاق كىشىلەر يىتىشىپ چىقىدۇ. مۇنبەردىكى تەمكىن ۋە سالماق كەيپىيات باشقا ئىلىم ئىگىلىرىنىمۇ تەبئى جەلىپ قىلىدۇ.
مېنىڭچە مۇنبەر 5-6 يىللىق قىزغىنلىقنى نىشان قىلۋالماسلىقى، بەلكى ئۇزاق يولغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھارماس ئاتقا ئوخشاش روھ يىتىلدۈرۈشى كېرەك. ھەر بىر قەدەم گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەمما مۈدۈرلۈپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە پۇختا دەسسىلىشى، تاپان ئاستىدىكى تۇپراق چىڭدىلىپ، ئاستىدا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىرى تەبئى ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان بولىشى كېرەك.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:06:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يۇقاردا خىلى كەسكىن پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. بۇ ھەقتە كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي. ئۇيغۇر تور مۇنبەرچىلىكى مانا 10 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ بولاي دىدى. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە قانچىلىغان تور بېكەتلىرىنىڭ مۇنبەر قۇرغانلىقىنى ئىنىق ساناپ بېرەلمىسەممۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى تور بېكەتنىڭ مۇنبەر قۇرغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكى دىيارىمىز ئېنتىرنت تور ساھەسىدە ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تور سەھىپىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. باشقا تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كۆپ. بۇ يەردە بۇ توغۇرلۇق كۆپ توختالماي.
      گەپكە كەلسەك، «مۇنبەر» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ۋە ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى تور مۇنبەرلىرىنى بىز كۆپ ھاللاردا ئۆز خايىشىمىزنى ئاساس قىلىپ پايدىلىنىپ كەلدۇق ۋە بېكەت باشلىقلىرىمۇ مۇنبەرنى ئۆزىنىڭ خايىشلىرى بويىچە تەرەققىي قىلدۇردۇرۇشقا كۆپ كۈچەپ كەتتى، مەلۇم مەنىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا مۇشۇنداق بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ. لىكىن ئايرىم ساندىكى تور بېكەت مۇنبەرلىرى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بېكەت تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ خاسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلىدى. ھەم كۈندىن كۈنگە زورايدى. بۈگۈن بۇ يەردە تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، خاسلىقى ۋە يۆلىنىشى توغرىسىدا دوستلار ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. ھەر بىرەيلەننىڭ پىكىرلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداق سۆيۈندۈم، ھەر ھالدا مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن. تەڭرىتاغ ئەپەندىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق، ئەسلىي شۇنداق قىلىشىمىز زورۇل ئىدى. مۇنبىرىمىزنىڭ ئۇزاققا قالماي شۇنداق بولۇشىنى كۆرگۈم بار. لىكىن،.... بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەردە ساپالىق، جان دىلى بىلەن مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم پىدائىيلار بولۇشى كېرەك. ھەم زىچ بولغان ھەمكارلىق، ماسلىشىشچان مۇناسىۋت ئورنۇتۇلىشى كېرەك. مېنىڭچىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر مۇنبىرىدىمىزدە ساپالىق بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزنىڭ ۋە پىدائىيلارنىڭ بارلىقىغا كۆز يۇممايمەن. ئۆزۈمگە ئۇستاز قىلىۋالغانلارمۇ خىلى كۆپ، مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە بىر نەرسە ئۆگىنىمەن دەپ كىردىم. كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئەشۇ ئۇستازلار بۇ مۇنبەرگە كىرمەيدىغان بولۇپ قالسا، ماڭا نېمە بار دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.(چاقچاق)  ھازىر شۇ بىرلا ئىش تازا قولاشماۋاتىدۇ. ماسلىشىش، ھەمكارلىشى تازا ۋايىغا يەتمەۋاتىدۇ. تەڭرىتاغ، نىدائىي، ئادمىنلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بېشىدىكى چېچىدىن تولا ئىكەنلىكىنى مەن دېمىسەممۇ كۆپچىلىك بىلىدۇ. ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىدىغان ئىشلار خىلى بار ئىدى. مەنمۇ شۇنداق ئالدىراشلا بولۇپ كەتتىم. ماڭغىمۇ ھىچ بىر كۆرۈشكۈدەك ۋاقىت نىسىب بولماۋاتىدۇ. سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ كۈچ بېرەلىسەم ياخشى بولاتتى....


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:29:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇئەللىم نىڭ «خىسلەتلىك قاپاق» ئىجادى پىكىرى بەكمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. ئويلىشىشقا ئەرزىگۈدەك، تەڭرىتاغ مۇنبرىگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە ئارزۇ ئۈمتلىرىڭىزنىڭ جەۋھىرى ئىپادىلىنىپتۇ. بۇنى قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر سۈپىتىدە چوقۇم ئويلىشىمىز كېرەك. بىراق مەن ئويلاپ قالدىم. تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي رولى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەسىر ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈمى ئاساسىدا مۇئەللىمنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىغا پىلانلىرىغا مەن ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى باھا بېرىمەن. بىراق تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئۇنىۋېرىسال دائىرىسىنىڭ(كەسىپكىلا قارتىلغان ئەمەس) بەك كەڭرىپ كىتىپ، ئۆزىنىڭ تور مۇۋازنىتىنى ۋە  باشقا ئۇيغۇر تور مۇۋازنىتىنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. مېنىڭچە، ھەممىگە ئېسىلىۋالماي. نۆۋەتتىكى ئىشلارنى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارنى پۇختا قىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنجى،.... ئۈچىنجى.... قەدەملەرگە يۈرۈش قىلساق.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1953
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:01:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر-تەكلىپلەر چۈشىۋېتىپتۇ.
تەڭرىتاغ مۇنبىرى دەسلەپ ئېچىلغان چاغلاردا تەڭرىتاغ ئەپەندى «بىزگە قانداق مۇنبەرلەر كېرەك ؟» ناملىق بىر پارچە يازما يوللىغان. تورداشلارمۇ پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن. شۇ تېمىنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئادرېسى:
/forum.ph ... 8&page=1#pid397


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 4

تىللا
304
تۆھپە
152
UID
1938
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:38:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنە تۆھپە قوشۇشقا تەيييارمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
562
تۆھپە
251
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 17:19:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندىنىڭ تەكلىپ-تەلەپلىرى ناھايىتى ۋاختىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ. ئىسمى-جىسمىغا لايىق  تېخىمۇ  تەسىرى بار، پايدىلىنىشچانلىغى يۇقۇرى،خەلقنى توغرا-خاتالىقتا تەربىيىلەش سەۋىيىسى ئۈستۈن،دىمكۇراتىيەنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا يۈزلەنگەن تور بەت-مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بىلىمنى ئايىماسلىق، قانۇنلۇق ھەقىقەتنى سۆزلەشكە دادىل بۇلۇش، تېخىمۇ ئىجادى پىكەر-تېمىلارنى يوللاشقا دەۋەت قىلىش تەشەببۇسلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك. ئۆتمۈش ئۆتۈپ كەتتى. ھەممىمىزنىڭ ئەتىگە قاراپ ياشاشقا يۈزلەنمەي ئامالىمىز يوق.            باشلىق جاڭ چۈنشەن دادىل ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگىرىش ياساپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.   بۇنىڭ ئۈچۈن جەمىيەتنىڭ ۋىجدانى بولغان ئاخبارات-تەشۋىقات ۋاستىلىرىمۇ ئۆز رولىنى  تېخىمۇ ھەقىقى جارى قىلدۇرمىسا بولمايدۇ. مەسىلىگە يۈزلەنگەندە مەسىلىنىڭ سەۋەبى تېپىلىپ، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بۇلۇدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1446
تۆھپە
946
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 21:21:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 4

تىللا
233
تۆھپە
130
UID
1406
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 22:19:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
harsan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-23 21:04
ھەممنى بىر تاياقتا ھەيدەش ياخشى ئەمەس ،ھەقىقەتەن خەلق ...

بەك ياخشى دىدىڭىز، پىلى قۇرتى جېنىدا يىگىنىنى چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ ،قايسىمىز بىلسەك باشقىلارغا ئۈگەتسەك ئۈگەنگۈچىلەرمۇ ئۆزئالدىغا بىرەر نەرسە يازغىدەك بولغاندا ئۇلارمۇ مۇنبەردىن ئايىمايدىغۇ؟ قىممىتى تۈگىگىنى چىقىر ۋېتىلسە ھىچ كىم ئاغرىنمايدۇ،ئۈگەنگۈچىلەر ئۈگۈنەلمىسە تەجرىبە توپلىيالمىسا ،بىرە نەرسە يازسىمۇ،يوللىسىمۇ،بۇ نەرسىلەر قانداق نەرسە بولۇپ چىقار؟ تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ شوئارى ھەقىققەتەن خەلققە بىلىم يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش بولىدىكەن، بەزى ئىشلارغا ئەستايىدىل قارىشى،بەزى ئىشلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ ئجابى ،سەلبى تەرەپلىرىنى ئويلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن .
ھەممىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس،تەڭرىتاغ ئۈچۈن، تەڭرى تاغلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشساق.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1932
تۆھپە
1155
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 18:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىز گەپ بەك ياخشى بوپتۇ مەن قوللايمەن .


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-7-1 00:09, Processed in 0.067212 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991