كۆرۈش: 7888|ئىنكاس: 5

شەيدائىي: ئاشىقلىق لىرىكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
776
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 02:09:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئاشىقلىق لىرىكىسى

چەكسىز كەتكەن مەھەللە ئارا،
روجەك ماراپ يۈرۈيمەن يۈچۈن.
كۆزلىرىم ياش، يۈرۈگۈم يارا،
سورىمايسەن ھالىمنى نېچۈن؟
ئاققان يېشىم پەقەت سەن ئۈچۈن.

ئىزلىرىمنى كۆممەكتە بۇران،
قۇتراپ چىقار تېخى شىۋرىغان.
مەن يۈرۈيمەن پەرۋاسىز يەنە،
ھەسرەت چېكىپ پەقەت سەن ئۈچۈن.

ھەسرەتلىرىم ئۆركەشلەر ياساپ،
ئېقىپ كېلەر گۇيا سەل بولۇپ.
مەن بەئەينى غەمكىن دىۋانە،
غەمكىنلىكىم پەقەت سەن ئۈچۈن.

ئوخشىتىدۇ مېنى بەزىدە-
ئۆيدىن چىققان ئاق چاچ مومايلار،
مەجنۇن كەبىي دىتسىز ساراڭغا.
راس ساراڭغا قالدىم ئوخشاپلا،
ساراڭلىقىم پەقەت سەن ئۈچۈن.

ساقىلىغا قىرۇ گۈل چېكىپ،
شىۋرىغاندا توڭلىغان بوۋاي.
توۋلاپ سالدى ئاچچىققا تولۇپ،
ساراڭمۇ سەن قانداق نېمە ھاي!؟

مەن دېدىمكى ھەسرەتكە تولۇپ،
ساراڭ ئەمەس چىن ئاشىقتۇرمەن.
ئىشىق ئوتى ئۆرتەپ دىلىمنى،
ئەيلىدى ئاھ... يۈرەكنى كاۋاپ.

مەن بوۋايدىن كۈتمەستە جاۋاب،
كۈلدى بوۋاي شۇنداق قاقاقلاپ.
بۇلۇپ قالدىم شۇنچىلىك بىھۇش،
بىھۇشلۇقۇم پەقەت سەن ئۈچۈن!

مەن سەھرادىن كەتتىم يىراقلاپ،
سېنى ئىزدەپ باراي دەپ جېنىم.
ئانام قالدى كۆزىنى ياشلاپ،
مەن ئۇنىڭغا قىلمىدىم پەرۋا،
بەڭباشلىقىم مەن پەقەت سەن ئۈچۈن!

كوئېنلۇننىڭ تاقىر تاغلىرى،
كۈرۈنمەكتە يىراق ئۇپۇقتىن.
قەلبىم ھالسىز تۇرسىمۇ ئىڭراپ،
ماڭدىم يەنە تەۋەككۇل قىلىپ،
بۇ قىلغىنىم پەقەت سەن ئۈچۈن!

تۈن نىسبىدە توغۇلغان بوۋاق،
چىقىرايدۇ نىدالار قىلىپ.
مەن يۈرۈيمەن باياۋانلاردا،
بىر سەن ئۈچۈن گۈل-دەستە تىزىپ.

تۈن نىسبىدە توغۇلغان بوۋاق،
ئۇ ھېلىھەم ئويغاقتۇر ئويغاق!
نىدالىرىغا قىلمىدىم پەرۋا،
پەۋراسىزمەن پەقەت سەن ئۈچۈن!

مەن ياشايمەن پەقەت سەن ئۈچۈن،
دەرد-ھەسرەتكە بولۇپ تەقدىرداش.
شۇ ئازابتا ئۆلەرمەن بەلكىم،
مېنى ئىزلەپ چىققاندا قۇياش!

          مەنبە: شەيدائىي ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن تاللاپ يوللاندى.


                     مىلادىيە 2004- يىلى يانۋارنىڭ ھارپا ئاخشىمى كېرىيەدە يېزىلغان !
  كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشر قىلغان «كۆكبۇلاق» ناملىق ژۇرنالدا «سەن ئۈچۈن...» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان.







شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 12:06:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېتىملىق لېرىكاڭدىن زوقلاندىم بۇرادەر. مۇھەببەتلىك كۈيلىرىڭ ئۈزۈلمىگەي! قەلىمىڭگە بەرىكەت تېلەيمەن.



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 20:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لىرىكىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ شەيدائىي ئەپەندىم لېكىن بەزى جايلىرىدا بىر ئاز ئىملا خاتالىقى باركەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsanroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-22 20:55  



ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
731
تۆھپە
424
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 02:08:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




     ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 21:14:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدائىينىڭ ئىجادىيىتى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
776
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 04:44:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوسىتلارنىڭ تېمامغا بەرگەن تەكلىپلىرىگە كۆپ رەخمەت!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 13:15, Processed in 0.074008 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991