تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 17986|ئىنكاس: 17

قىزلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ھەممە مەسئۇلىيەت ئەردىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 17:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ھەممە مەسئۇلىيەت ئەردىمۇ؟


   بۇرۇن ئاللاكىملەرنىڭ ، لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ ئۆزىنى دەريا ، كۆل - ئۆستەڭ ، ئىلەكلەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنى ئاڭلىغانمەن. ھەتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئوسۇرۇپ سېلىپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنىمۇ ئاڭلىدۇق.نۆۋەتتە ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش ، جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئېتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
بىز ئەرلەر يېرىم - يالىڭاچ يۇرمەڭلار دىدۇق. خۇراپى دىدىڭلار. ھاراق ئىچمىدۇق-تاماكا چەكمىدۇق___ موللام مىجەز، ئوغۇل بالىچىلىقى يوق دىدىڭلار. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ئوغۇل بالىچىلىق زادى قانداق؟
مانا سىلەردىكى غەرپكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللاڭلارنى ،ئاندىن ئۈستىۋېشىڭلارنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىڭلارنى ئېچىۋەتتى.....
بىز ئوغۇللارنى ھازىر ئەڭ بەك ئېچىندۈرۈۋەتكىنى ___ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قارىشى............. ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋاي دىگۈدەك ئىش ئەمەس.
    زامانىۋى شەھەر قىزلىرى قانغىچە بىر چېكىپ يا ئىچىپ ، دېسكوخانىلاردا بىرەر ئاخشام سەكرىۋالسا ،يېزىلاردا ئەپلەپ-سەپلەپ توي قىلىۋالسا( ئەتىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممە ئىش ئۆتۇپ كېتىدىغان بولدى.
    يەنەبىر قىسىم قىزلار ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان <<تىرناق ياساش قەلئەسى >> << پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى>> دىگەندەك غەيرى يەرلەردە ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىپ ھارامخور تا ئىپىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا .
ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دېسىڭىز دەرھال : سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟
ئايال بولسىڭىز ئەمىسە مېنى بالا قىلىپ بېقىۋالامسىز؟دەپ زۇۋانىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ئەجەبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتىن باشقا ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ، يىراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، ....تاماقخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ نومۇسقا قالغۇسى يوق، كوچا- كويلاردا ئۆپكە - ھېسىپ. دورغاپ - لىغىرداق سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق، ..... پۇلى يوق ،ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرىگە تېگىپ جاپالىقراق بولسىمۇ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. مانا بۇ راھەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى .
    ھازىر بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچىلىك پەرقى بولمىغان جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، <<< ئاياللىق ئىپپىتى ---- پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ تەييارلانغان ئامانەتتۇر، بۇلغانمىغان ئانا تېنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنتىڭلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئېسىل بىباھا سوۋغات.>>>. قىزلار ، سىلەر ھەرقاچان بۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيسىلەرغۇ دەيمەن، يەنە كەمبەغەل- كەمبەغەلنىڭ قاياشى دىگەندەك بىر- بىرىڭلار بىلەن دوست تارتىشىپ مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرارسىلەر بەلكىم.......
يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ، ئەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ ئايىغى چىقماس قاتار چاي، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى،خىزمەتداش، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشىغا ماڭساڭلار : ياسىنىپ- تارىنىپ بېرىدىغان ئېرىڭ مەن تۇرسام مۇنچە قىلىپ نەگە؟ بارما دىسەك قېنى قانچىڭلار گەپ ئاڭلايسىلەر؟ دەپ بېقىڭلارچۇ؟
بىزنى سەۋەبسىزلا مۇشۇنىڭ بىلەن قالاق ، كۈنلەمچى ، مەدەنىيەتسىز قاتارىغا چىقىرىۋېتىسىلەر............
ئېرىڭلارنىڭ تاپقان تۆت تەڭگىسىگە شۈكرى قىلماي ئىككى تال سېسىق پۇل ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ئېرىڭلار، بالاڭلارنى ئويلىماي ئىشتان بېغىڭلارنى ئۆزەڭلار يېشىپ بېرىۋاتىسىلەر...........
قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ كىم سىلەرنى كارىۋاتقا مەجبۇرلاپ چىقاردى؟ سىلەر قىز - ئاياللار ئۆزەڭلەرگە چىڭ بولساڭلارلا بىزنىڭ ھەر قانچە يامان نىيىتىمىز بولسىمۇ قانداق قىلالايمىز؟؟ دەڭلارچۇ؟
كونا بولسىمۇ يەنە دەپ قوياي، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، يىڭنە جىم تۇرمىسا يىپ ساپقىلى بولمايدۇ...
     ئەمدى بىزدىمۇ بار ، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت سىلەرنى ئەخمەق قىلىشىمىز ، ئالدىشىمىز ئەمەس، مېنى تىللىماي ئاخىرىنى ئوقۇڭلار ، دىمەكچىمەن ، سىلەر ئەخلاقلىق بولۇپ يامان نىيەتلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىسەڭلارلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھايۋانلارمۇ تۈگەيدۇ ، ئۇلارغا شارائىت قالدۇرماڭلار. ئۇلار قانداق قىلالايدۇ؟
بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت -- ئەرلىك غورۇرى يوق خۇمسىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەرلىك غورۇر، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىزدە يېتىلسە بىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتىمىز.
بەزى سولا...( باشقۇرغۇچى دوستۇم ، سەت گەپ قىلساممۇ مۇشۇ گەپنى بىر ئۆچۈرۈۋەتمىسىڭىز ،ئۇلارمۇ بىر كۆرسۇن) ،ئەرلىك غورۇرىنى چاشقان يەپ كەتكەن ناجىنس، غىتمەك ، لامزەللە مازلار تېخى بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇسۇلچى بولۇشىنى نورمال ئىش ، قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەنلىك ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تېنىنى سېتىپ پۇل تېپىشىنى قوللايدىكەن ، تۈ فى ، ھۇ لامزەللە ، ئاپاڭنى ، سىڭلىڭنى ئاپىرىپ بەر تېخى بۇنداق ئىش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار ، مۇشۇنداق تېمىلارغا قايتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆردۈم ، قارىسام بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىنى قوللايدىغان خۇمسىلار 40-50پىرسەنتكە بېرىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟
ئىشەنمىسەڭلار مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاددى ئادەم يوللىغان << مەن نىمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم >>ۋەققايى نىڭ << مۇشۇمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى بولدىمۇ؟ >> دىگەن تېمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار......
    سىلەر قىز - ئاياللار بىزنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىمىز ، سىلەر دەپسەندە قىلىنساڭلار بىز مۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىمىز..
    سىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىڭلار ۋەتەننىڭ دەپسەندە قىلىنغىنى .........سىلەر بىزنىڭ ئا نىلىرىمىز، ئاچا- سىڭىللىرىمىز،سىلەر بىزنىڭ بارلىقىمىز ، ماكانىمىز،ئۆيىمىز.......شۇڭا بىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بىچارە مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار، ئەخلاقلىق ، ھايالىق بولۇڭلار.............
    يىگىتلىرىم ، سىلەرنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالدىغىنىڭلار ، دەپسەندە قىلغىنىڭلار ___ ماھىيەتتە ئۆزەڭلارنىڭ ئاپا- سىڭىللىرىڭلارنى ، ۋەتىنىڭلارنى ،بىچارە مىللىتىڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلار، دەپسەندە قىلغانلىقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىڭلار ئەمەسمۇ؟ بىز شۇ دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ كەتتۇقمۇ؟ بىز ئاشۇ بىچارە قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئىگىسى،ھامىسى، قوغدىغۇچىسى، تاغدەك يۆلەنچۈكى ئەمەسمىدۇق، ئەمدى ئېشىپ تېشىپ ئۇلارنى خەقنىڭ ئاستىغا تاشلاپ بېرىمىزمۇ ؟
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
380
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 18:38:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا باھا بەرمەك ھازىرچە تەس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
845
تۆھپە
458
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 20:39:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



          بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش.

   ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز

  چىڭ بۇلايلى قېرىنداشلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 20:39  

Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
41
UID
851
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 20:49:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما ئىكەن بۇ!

Rank: 2

تىللا
47
تۆھپە
21
UID
1858
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 21:50:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بىر يەردە ئوقۇغاندەك قىلىمەن ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيتىما ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1278
تۆھپە
713
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 22:12:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنى ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، جىسمانىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان، گۈزەللىكتە يىتىشكان،ھايا-نومۇسنى ئۆزىگە يار قىلغان،ئەقىدىسى كۈچلۈك، ۋىژدانلىق تالانت ئىگىلىرىدىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقايلى!

Rank: 2

تىللا
47
تۆھپە
21
UID
1858
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 22:20:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئالتۇن ئەزا ما ؟ باشقىلارنىڭ تېمىسىنى ئاپتور مەنبەنى ئەسكەرتمەيلا بۇ مۇنبەرگە چاپلاپ .
  مانا بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : http://www.salamurumqi.com/sayna/read.php?tid=29

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1182
تۆھپە
663
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:41:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتىقاد بولمىسا خۇدادىنمۇ قورقمايدۇ، ئېرىدىن قورقامتى؟
ئىپپەتنى ئاياللارلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە ئەرلەرمۇ ساقلىشى كېرەك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
504
تۆھپە
224
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 15:21:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayberchin يوللىغان ۋاقتى  2011-11-17 10:41
ئېتىقاد بولمىسا خۇدادىنمۇ قورقمايدۇ، ئېرىدىن قورقامت ...

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم نەق مۇشۇ گەپ!
قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2024
تۆھپە
559
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 17:30:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuz يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 22:20
سىز ئالتۇن ئەزا ما ؟ باشقىلارنىڭ تېمىسىنى ئاپتور مەنبە ...

تۇمان ئەپەندىم، بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلامسىز قانداق؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:21, Processed in 0.087518 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991