كۆرۈش: 30464|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2715
تۆھپە
1483
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 17:29:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى (1)


بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز . بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ . بۇنداق مول تۇرى كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ .
  ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ، پەسىل ئۆزگىرىش، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان .
   ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكۈمالىرىنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە، كۈندىلىك تائام ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورىلىق رولىنى ئوينىغان .شۇڭا بەدەندە ھەر قانداق ساقسىزلىق كۆرۈنگەندە ، ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، غىزايى مۇتلەق(ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) ، غىزايى داۋا(ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى دورىلىق رولىنى ئوينايدۇ) ، داۋايى غىزا ( كېسەل داۋاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان، كېيىن ئۈنۈمى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) دەپ ئاتىغان .
   غىزايى مۇتلەق : ئاساسەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان تائاملار بولۇپ ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .
غىزايى داۋا: ئاساسەن گۆش تۇرىدىكى ھايۋانىي يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن (سۈت، تۇخۇم) تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بەدەننى چىڭ تۇتۇپلا قالماي بەزى ئۇششاق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
    داۋايى غىزا دېگىنىمىز : ئاشلىق گۆش ۋە كۆكتاتلارغا ھەرخىل دورا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تەييارلىنىدىغان تائاملار بولۇپ بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بىز ساقسىزلارغا بېرىمىز داۋالاش مەقسىتىدە بولىدۇ .
      ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق ، سۇيۇق ، گۆشلۈك ، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، گاھىدا ئۇن، مېۋە، گۆش، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان. ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان .
     ئومۇمەن، ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرۈنۈشىگە قاراپ سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر ، سوغۇق سەيلەر ، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر ) ، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش، چۆچۈرە، شويلا) ،قويۇق تائاملار(لەڭمەن ، پولۇ ، مانتا، سامسا ) ، نانلار ، كاۋاپلار ، تاتلىق - تۇرۇملار ، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار ، ھۈممەللەر ، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
    ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بولىنىدۇ ، پولۇلار قاسقان تائاملىرى(مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار) ، تونۇر تائاملىرى(نان ، گۆش نان ، سامسا) ، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا ، پوشكال ، قۇيماق، سامبۇسا) ، سۇيۇقئاشلار ، چۆچۈرىلەر ، لەڭمەنلەر ، ھورنانلار، دۈملىمىلەر ، ئۆپكە-ھېسىپلار ، شورپىلار ، كاۋاپلار ، ھالۋىلار، قورمىلار، سوغۇق يېمەكلىكلەر، تاتلىق- تۈرۈملەر، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
    ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن، ئۇششاق بۆلۈنگەندە 1000خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ بۇ تائاملارنى تۈجۈپىلەپ ئۆ خۇرۇچلىرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايدىغان بولساق ئېغىزغا تېتىغۇدەك تائاملارنى ئېتەلەيمىز.
شورپىلار
1. ئاق شورپا
2. ياپراقچە گۆش شورپىسى
3. گۆشلۈك تۇخۇم شورپىسى
4. كۆپ خۇرۇچلۇق شورپا
5. ئادەمگىياھ توخۇ شورپىسى
6. قۇم قازان قوۋۇرغا شورپىسى
7. قوي گۆشى شورپىسى
8. ئارپا شورپىسى
9. چامغۇر شورپىسى
10. قوۋۇرغا گۆش شورپىسى
11. سېرىق شورپا
12. داڭقان شورپىسى
13. قىيما شورپىسى
14. كەپتەر شورپىسى
15. توخۇ گۆشى شورپىسى
16. موزاي گۆشى شورپىسى
17. قوتاز گۆشى شورپىسى
18. قاسقان شورپىسى
19. قۇمغان شورپىسى
20. چەينەك شورپىسى
21. ساماۋەر شورپىسى
22. كۆكتات شورپىسى
23. ئۆپكە -ھېسىپ شورپىسى
24. باچكا شورپىسى
25. ئۇستىخان شورپىسى
26. چۈچۈمەل شورپىسى
27. ئاچچىق-چۈچۈك ئاق شورپا
28. ئوغۇز شورپا
29. قېمىز شورپىسى
30. پەمىدۇر شورپىسى
31. قېتىق شورپىسى
32. ماش شورپىسى
33. تۇخۇملۇق پالەك شورپىسى
34. قىيمىلىق شورپا
35. قايناتما شورپا
36. بەلىش گۆش شورپىسى
37. تاۋۇز شورپىسى
38. پىنتوزىلىق ئۇستىخان شورپىسى
39. سەۋزە شورپىسى
40. قوناق شورپىسى
41. قىيمىلىق غول پىياز شورپىسى
42. باغۋەن شورپىسى
43. قورۇما شورپا
44. قورۇما توخۇ شورپىسى
45. قورۇما قىيما شورپىسى
46. ماش ئۈگرە شورپىسى
47. تۈگۈنەك شورپىسى
48. كۆكتات قورۇما شورپىسى
49. تۇخۇم قورۇما شورپىسى
50. غاز شورپىسى
51. ئۆردەك گۆشى قورۇما شورپىسى
52. قىرغاۋۇل گۆشى قورۇما شورپىسى
53. ئات گۆشى قورۇما شورپىسى(دىققەت بۇ شورپىدا ئات گۆشى قورۇلمايدۇ سۇدا پۇشۇرۇپ ئاندىن قورۇلغان شورپىغا سېلىنىدۇ)
54. كۇمىلاچ گۆش شورپىسى
سۇيۇقئاشلار:
1. ئۈگرە
2. زىياپەت ئۈگرىسى
3. قىيمىلىق ئۈگرە
4. گۆشلۈك ئۈگرە
5. قورۇما ئۈگرە
6. قۇشقاچ تىلى ئېشى
7. كۇچار سۇيۇقئېشى
8. پۇرچاق ئېشى
9. قارلىغاچ تىلى
10. ئاق شورپا ئېشى
11. ئۈزۈپ تاشلاپ سۇيۇقئاش
12. يىيىپ ئۈزۈپ تاشلىغان ئاش
13. شىنتۈگۈر
14. سىقماق ئاش
15. يوبدان
16. تۈرمەل ئاش
17. خولوپئاش
18. دۈگىلەك قىيمىلىق سۇيۇقئاش
19. خام قىيمىلىق سۇيۇقئاش
20. كۆك پۇرچاق سۇيۇقئېشى
21. كېسىپ ئۈزگەن سۇيۇقئاش
22. ئاق پۇرچاق سۇيۇقئېشى
23. قېتىق سۇيۇقئېشى
24. مەنچىزە
25. چۆپ شورپا
26. سۈتلۈك سۇيۇقئاش
27. بىمار ئېشى
28. شورپا سۇيۇقئېشى
29. ھاردۇق ئېشى
30. نان قايناق
31. نورۇز ئېشى
32. كاشكاپ سۇيۇقئېشى
33. ئۈزۈپ تاشلىغان ئاش
34. ماشلىق ئۈگرە
35. سۆك ئېشى
چۆپ ئاشلار:
1. ئارتۇش چۆپى
2. ئىلى چۆپى(غۇلجا چۆپى)
3. قورۇما چۆپ
4. قايماق چۆپ
5. گۆشسىز چۆپ
6. نان چۆپ
7. نارىن چۆپ
8. گۆشلۈك چۆپ
9. كۆك چۆپ
10. توخۇ گۆشلۈك كەسمە چۆپ
11. توخۇ گۆشلۈك بۇرما چۆپ
12. گۆشلۈك سېرىق پۇرچاق چۆپى
13. قىيمىلىق چۆپ
14. ياڭاق چۆپى
15. تۇتماچ
16. پالەك چۆپى
17. يىمىرمە چۆپ
18. شور تويىن
19. كەسمە چۆپ
20. تاسما چۆپ
21. يېشىل چۆپ
22. ئاپېلسىنلىق چۆپ
نارىنلار:
1. نارىن (1)
2. نارىن (2)
3. گاداي نارىن
4. گۆش نارىن
5. قوزا گۆشى نارىنى
6. ئات گۆشى نارىنى
7. گۈرۈچ نارىن
8. ساپ گۆش نارىن
   چۆچۈرە
     چۆچۈرە- ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قۇۋۋەتلىك تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
    چۆچۈرىگە چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ . 500 گىرام ئۇنغا 300 گىرام سۇ، بىر تۇخۇم، بىر ئاش قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ . ئاندىن يۇغۇرۇپ ياخشى چەيلەپ تىندۇرۇمىز . خېمىر ئوبدان تىندۇرغاندا پاكىز يول لۆڭگە بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەزگە يوگەپ قويسا ياخشى بولىدۇ . ئاندىن ئۇنى زۇۋۇلا قىلىپ ، قولىمىزدا ياپلاقلاپ نوغۇش بىلەن يېيىپ، ئوڭ ۋە تەتۇر دەستە قىلىپ قاتلاپ كېسىپ جىلتە تەييارلايمىز. ھەر بىر جىلتىگە بىر چاي قوشۇقتا قىيما سېلىپ تۇخۇم سېرىقى چوڭلىقىدا چۆچۈرە تۇگىمىز  سېمىز قوي گوشىدىن بىر كىلوگىرام ئۇششاق توغراپ ، 200 گىرام پىيازنى ئاۋال ياپىلاقلاپ، ئاندىن گوشكە ئارلاشتۇرۇپ، ئازراق سۇ چېچىپ دەملەپ تۇرۇپ چاچقۇ بىلەن ئۇششاق چانايمىز. ئاندىن تېتىغۇدەك شاكاراپ، قارىمۇچ، كاكاۋىچىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ ئۇنىڭدىن چۆچۇرە تۈگۈشكە باشلايمىز .

چۆچۈرە تۇرلىرى :
1. چۆچۈرە
2. ياۋا زىرە كۆكى چۆچۈرىسى
3. قورىما شورپىلىق چۆچۈرە
4. شورپىلىق چۆچۈرە
5. زۇۋۇلا چۆچۈرە
6. ماي چۆچۈرىسى
7. كۆك چۆچۈرىسى
8. پۆرە چۆچۈرىسى
9. سۈزمە چۆچۈرىسى
10. قايماق چۆچۈرە
11. قورۇما چۆچۈرە
12. تۇخۇم چۆچۈرىسى
13. سۇ چۆچۈرىسى
14. ئۆگرا چۆچۈرە
15. مۇندەك(قۇمقازان چۆچۈرىسى)
16. ئەرۋاھ ئېشى (ياد ئېتىش تامىقى)
17. بولدونى(ئۈزۈم چۆچۈرىسى)
18. مېغىز چۆچۈرىسى
19. قىزىلبۇداش چۆچۈرىسى
20. يالپۇز چۆچۈرىسى
21. لويلا چۆچۈرىسى
22. پىننە چۆچۈرىسى
23. قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى
24. جىگەر چۆچۈرىسى
25. موندىلەك

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
725
تۆھپە
471
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 18:08:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاماقلارنى ئېتىش ئۇسۇلىنىمۇ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز، خېلى يىتىشكەن ئاشپەز بولۇپ قالاتتىمكەن...بۇنىڭ ئىچىدە مەن يەپ باقمىغان تاماقلارمۇ باردەك قىلامدۇ نېمە..


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1493
تۆھپە
962
UID
372

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 18:32:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى زور تېما بولۇپتۇ -بۇ، ئەخمەتجان ئاكا ھارمىغايسىز....


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1299
تۆھپە
910
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 21:05:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاماقلارنى ئېتىش ئۇسۇلىنىمۇ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز مەن بەكمۇ خۇش بولغان بولاتىم .ئاشپەز مۇنبىردە  بارغۇ  دەيمە بۇ تائاملارنىڭ تۈرلىرى ھەم  ئېتىلىش ئۇسسۇللىرى .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
737
تۆھپە
359
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:39:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت    جاپا تارتىپسىز   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KALBINUR0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-16 13:39  



دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
741
تۆھپە
210
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر!!!!!!!!!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
741
تۆھپە
210
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 13:58:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
626
تۆھپە
271
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 19:38:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاماق ئېتىشكە راسلا پەيزىم با جۇمۇ.........................


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
6582
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 13:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ت


Rank: 4

تىللا
234
تۆھپە
89
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 21:52, Processed in 0.083496 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991