كۆرۈش: 48263|ئىنكاس: 41

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ مەنزىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:25:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Lopnur_Qurban-M-06.jpg


Lopnur_Qurban-M-09.jpg


Lopnur_Qurban-M-08.jpg


Lopnur_Qurban-M-02.jpg


Lopnur_Qurban-M-07.jpg


Lopnur_Qurban-M-04.jpg


Lopnur_Qurban-M-01.jpg


Lopnur_Qurban-M-03.jpg


Lopnur_Qurban-M-05.jpg


تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ مەنزىرىسى


    ئىككى كۈنلۇك ئارام ۋاقتىمنى قولدىن بەرمەي 28-ئوكتەبىر جۇمە كۈنى ئۈرمچىدىن يولغا چىقىپ كەچ ئەل ياتقۇدا لوپنۇر ناھىيىسىگە يېتىپ بېرىپ ، ماڭا ئالدىن خەۋەر بەرگەن فوتوگراف دوستۇم بورھان ھەمدۇل بىلەن كۆرۇشۇپ ئەتىكى پىلاننى دىيىشىۋالغاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەتلا ئارام ئېلىپ تۇن قاراڭغۇسىدا يولغا چىقتۇق . نىشانىمىز تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دوڭقوتان يېزىسى ئىدى . بىرەر سائەت يول يۇرگەندىن كېيىن تار توپىلىق يولغا كىرىپ كەتتۇق . ئەتراپنى ئانچە پەرقلەندۇرگىلى بولمايتتى . ماشىنا توختىغاندىن كېيىن ئېلىكتىر يورۇتۇپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئىلگىرلىدۇق ، مەقسىدىمىز قۇياش كۆتۇرۇلگەندىكى مەنزىرىنى تارتىش ئىدى . بىز توغراق، قومۇشلۇق ، ساسلىقلاردىن ئۆتۇپ دىگەن نىشانىمىزغا يېتىپ بارغاندا تاڭ سۇزۇلۇشكە باشلىدى . بىراق ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ، خۇددى قازاننى كۆمتۇرۇپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى . ئالدىمىزدىكى قۇم بارخانلىرى خېلى ئىگىز بولۇپ ، ئۇستىگە چىقسىڭىز ئەتراپنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى .ئەھۋالدىن قارىغاندا قۇياشنىڭ كۆرۇنۇشىدىن ئەسىر يوق ئىدى .مەن يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ يەنە بىر قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۇستىگە چىقتىم . ئەتراپقا قارۇغۇدەك بولسام پۇتۇنلەي سارغايغان ئىپتىدائىي توغراقلىق ، چوڭ كىچىك كۆللەر ، ئىگىز ئۆسكەن قومۇشلۇقلار ئىدى .بۇ يەرگە بورھاننىڭ قاراڭغۇدا قانداقمۇ ئازدۇرماي بىزنى  باشلاپ كەلگىنىگە ھەيران قالغان ئىدىم . ئەتراپنى ئايلىنىپ كۆرۇپ ، ئارىلاپ سۇرەت تارتىپ كەلگەن يونۇلىشىمىزگە قاراپ ماڭدۇق . مەن بۇ قېتىم ھەقىقى تارىم دەريا سۇيىنىڭ 2300 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ، بۇ چۆللۇككە ئېقىپ كەلگىنىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەن ئىدىم .بورھاننىڭ دىيىشىچە تارىمنىڭ بۇ تۆۋەن ئېقىنىغا بۇنداق سۇ كەلمىگىلى 25 يىل بوپتۇ . چۇشتىن كېيىن بىز تارىمنىڭ يەنىمۇ تۆۋەن ئېقىنى چاقىلىق تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتۇق . يول بويى چەكسىز كەتكەن توغراقلىق ، قۇمۇشلۇق ھەم بىپايان كېۋەزلىكلەرنى كۆرۇپ ھاۋا تۇتۇق بولسىمۇ كۆڭلۇم خېلىلا ئېچىلىپ قالدى . تۇنجى قېتىم پولات سىم تارتىلغان تارىم دەرياسىدىن سال بىلەن ئۆتتۇق . بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ، ئىگىز قۇم بارخانلىرىنىڭ يېنىدىن تارىم دەرياسى شۇنداق چىرايلىق ئەگىم ياساپ ئاقىدىكەن . تەلىيىمىزگە قۇياش قېلىن بۇلۇت ئارىسىدىن نۇرلۇق چىرايىنى بۇ زىمىنغا بىر دەم كۆرسۇتۇپ قويۇپ يەنە بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى . تەريارلىقتا بولغاچقا بۇ پۇرسەرنى قولدىن بەرمەي كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىلەرنى بىر نەچچە پارچە سۇرەر تارتىۋالدۇق . ساقلىغان بولساقمۇ كۇن پاتقان كۆرۇنۇشنى تارتالمىدۇق . قارىغاندا لوپنۇر مېنىڭ يەنە بىر كېلىشىم ئۇچۇن يۇرىكىمگە ئوت سېلىپ قويغادەك قىلاتتى . دىمىسىمۇ مەن بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم .     
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
uyghun + 4 + 4
تەڭرىتاغ + 8 + 8

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 12 تىللا + 12  باھا خاتىرىسى

مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 14:16:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ-پاھ، چوغيالىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئىكەن، مەن مۇشۇنداق سۈرەتلەرنى ساقلىۋالماقچى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 15:05  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
737
تۆھپە
359
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 15:02:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  چىرايلىق چىقىپتۇ   بىزنى   ئورتاقلاشتۇرغىنىڭىزغا    رەخمەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
725
تۆھپە
471
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 15:56:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چىرايلىقكەن...بىرىنچى پارچە رەسىمدىكى رەڭ ئادەمنى بەكلا جەلىپ قىلىدىكەن...مېنىڭمۇ بېرىپ رەسىمگە تارتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1366
تۆھپە
814
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 16:57:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قالتىس مەنزىرە ئىكەن . سۈرەتلەرنى كالىندار قىلىپ ئىشلىسىمۇ بولغۇدەك .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
3283
تۆھپە
934
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 18:37:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنى ئىچىپلا قارىسام سۇرەتلىك ئىكراندا شۇنداق چىرايلىق توغراقنىڭ سۇرىتى كورۇنمەمدۇ ،ۋاي بۇنى كىم تارقاندۇ دەپ كىرسەم ئەسلى سىلى تارقان سۇرەتلەركەن ئەمەسمۇ. كورۇپ شۇنداق ھوزۇرلاندىم .بەك ياخشى مەنزىرلەركەن.مۇشۇنداق ياخشى مەنزىرلەر سىلىدەك تېىنىكىغا پىشقان فوتوگراپنىڭ ئەسىرىدىلا ئوز ئەكسىنى تاپالايدۇ.تارلىغىم كېلۋاتىدۇ جۇمۇ، ھەي ماڭىمۇ قاچان شۇنداق سۇرەتلەرنى تارتىش پۇرسىتى كىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 22:52  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 18:47:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-11-4 18:37
مۇنبەرنى ئىچىپلا قارىسام سۇرەتلىك ئىكراندا شۇنداق چىر ...

مۇسەللەسكە دۈم چۈشمەي قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە بارسىلا، بۇ سىلىنىڭ ئۆينىڭ كەينىدىلا


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3283
تۆھپە
934
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 19:13:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-11-4 18:47
مۇسەللەسكە دۈم چۈشمەي قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە بارسىلا ...

ئەنسىرمەڭ ئەگىپ ئۇتۇپ  كىتىمەن.
دىگىنىڭىزدەك مىنىڭ بەكمۇ بارغۇم بار . ئەمما بارىمەن دەپلا بارغىلى بولمايدىكەن.ئوتكەن نوۋەت بارغىنىمدا سۇ يوق بوپقالدى  بۇ سۇرەتلەرنى ئۇزۇنغا قالماي كورالايسىز.توغراقلارمۇ تولۇق سارغايماپتۇ.ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت. ماشىنا دىگەندەك شارائىتلار بولمىسىمۇ بولمايدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 20:30:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2011-11-4 19:13
ئەنسىرمەڭ ئەگىپ ئۇتۇپ  كىتىمەن.
دىگىنىڭىزدەك مىنىڭ بە ...

11- يولنىڭ ئاپتوبۇسى بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1299
تۆھپە
910
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 21:25:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك ئۆگىچە تارىپسىز بۇ سۈرەتلەرنى ، سۈرەتكە قارسىلا ئادەمنى  بۇ سۈرەتلەر شۇنچىلىك ھاياجانغا سالىدىكەن تەبىئەتنىڭ  شۇنچىلىك گۈزەل ھەم جەلىپكارلىقىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ تۇرغاندەك  تۇيغۇ بىرىدىكەن  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 21:25  



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 00:20, Processed in 0.091109 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991