قەدىرلىك تورداشلار، مۆھتەرەم كارخانىچىلار ! تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىردىن بىر نوپۇزلۇق تور بېكەت . تور بېكىتىمىز شىنجاڭ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ، نۆۋەتتە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان خەۋەر–ماقالىلەرنى ، جاھاندىكى تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ياخشى ئىش–پائالىيەتلەرنى ، مەدەنىيەت–سەنئەت ، ئەدەبىيات ھەر خىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بۇ تور بېكەتنىڭ شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىيارەتچىلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىشتىكى ئالتۇن كۆزنەككە ئايلاندى .
تورداشلىرىمىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى پات يېقىندا يىپيېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولىدۇ ، شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىمۇ ئېچىلىپ ، تورداشلارنى ياخشى بولغان تور مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا تورىمىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، تورداشلارنىڭ ئەڭ تېز ، ئەڭ سۈپەتلىك خەۋەر -ماقالىلەرنى كۆرۈشىگە شارائىت يارىتىلىدۇ .
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورىمىز كەڭ كارخانىچىلىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېتىبار باھادا ئېلان قوبۇل قىلىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىكى شىركەت–كارخانىلار، سودىگەر–تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش ۋە نامايان قىلىشتىكى كاتتا پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ .
سىز مانا بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ، ئۆز كارخانا– شىركىتىڭىزنىڭ ئېلان–تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ، رىقابەتكە تولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ تور بېكىتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن ئېلان ئورۇنلىرى سىزنى كۈتمەكتە .
ئەسكەرتىش : تورىمىز بىزگە ئەڭ ئاۋۋال ئېلان بەرگەن كارخانىچىلار بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ .باھادا ئېتىبار قىلىش بىلەن بىرگە شۇ كارخانىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىدۇ يېتەكچىلىك قىلىدۇ . خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئېلانىڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . تور بېكىتىمىز سزگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ، تور بېكەت ياساپ بېرىش ، كارخانا–شىركىتىڭىزدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل پائالىيەتلەرنى سۈرەتكە ئىلىش ، مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەگەر سىز ئېلان بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن يۈز تۇرانە مەسلىھەتلەشسىڭىز ، باھادا كېلىشسىڭىز بولىدۇ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئارسلان
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991 13699994969
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئېلان ئورنى باھا جەدىۋىلى:
