كۆرۈش: 179996|ئىنكاس: 13

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئېلان قوبۇل قىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1986
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 12:12:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قەدىرلىك تورداشلار، مۆھتەرەم كارخانىچىلار ! تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىردىن بىر نوپۇزلۇق تور بېكەت . تور بېكىتىمىز شىنجاڭ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ، نۆۋەتتە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان خەۋەر–ماقالىلەرنى ، جاھاندىكى تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ياخشى ئىش–پائالىيەتلەرنى ، مەدەنىيەت–سەنئەت ، ئەدەبىيات ھەر خىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بۇ تور بېكەتنىڭ شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىيارەتچىلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىشتىكى ئالتۇن كۆزنەككە ئايلاندى .
    تورداشلىرىمىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى پات يېقىندا يىپيېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولىدۇ ، شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىمۇ ئېچىلىپ ، تورداشلارنى ياخشى بولغان تور مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا تورىمىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، تورداشلارنىڭ ئەڭ تېز ، ئەڭ سۈپەتلىك خەۋەر -ماقالىلەرنى كۆرۈشىگە شارائىت يارىتىلىدۇ .
    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورىمىز كەڭ كارخانىچىلىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېتىبار باھادا ئېلان قوبۇل قىلىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىكى شىركەت–كارخانىلار، سودىگەر–تىجارەتچىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش ۋە نامايان قىلىشتىكى كاتتا پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ .
    سىز مانا بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ، ئۆز كارخانا– شىركىتىڭىزنىڭ ئېلان–تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ، رىقابەتكە تولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ تور بېكىتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن ئېلان ئورۇنلىرى سىزنى كۈتمەكتە .
    ئەسكەرتىش : تورىمىز بىزگە ئەڭ ئاۋۋال ئېلان بەرگەن كارخانىچىلار بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ .باھادا ئېتىبار قىلىش بىلەن بىرگە شۇ كارخانىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىدۇ يېتەكچىلىك قىلىدۇ . خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئېلانىڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . تور بېكىتىمىز سزگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ، تور بېكەت ياساپ بېرىش ، كارخانا–شىركىتىڭىزدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل پائالىيەتلەرنى سۈرەتكە ئىلىش ، مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئەگەر سىز ئېلان بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن يۈز تۇرانە مەسلىھەتلەشسىڭىز ، باھادا كېلىشسىڭىز بولىدۇ .
    ئالاقىلاشقۇچى :  ئارسلان  
    ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :  8521981 - 0991   13699994969
    تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئېلان ئورنى باھا جەدىۋىلى:

90fba609194a0fe1633c33.jpg

90fba609194a0fe112481a.gif


90fba609194a0fe1126422.gif


90fba609194a0fe1123e18.gif



بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
1
UID
13189
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 18:53:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بېتمىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن رەخمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 22:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ئىنكاسنى بىز كۆرەلمەيمىز ؟


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
5052
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 21:39:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھۇي نىمانچىلا قىممەت ئەگەر خالىساڭلار بىزنىڭ بىكەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتساق بولغۇدەك...بىر بىرىمىزنىڭ ئىلانىنى چىقرايلى قانداق؟   تور ئادرىسىمhttp://www.tapakkur.cn/bbs/
http://www.tapakkur.cn/
ئالاقىلىشىش قۇرالىم166653261 چ چ


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
708
تۆھپە
386
UID
44

ئەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار مۇڭلۇق ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 11:53:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2011-11-13 01:05
تەڭرىتاغ تورى رايۇنىمىزدىكى ھەقىقى نوپۇزغا ئىگە، مول  ...

سىزنىڭ بەرگەن تەكلىپ _ پىكىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ~~
ئىمكانىيەت بولسا ئېلانغا مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ ، قالغان تەكلىپىڭىزنى بەرسىڭىز ~~!!  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 01:05:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورى رايۇنىمىزدىكى ھەقىقى نوپۇزغا ئىگە، مول مەزمۇنلۇق ئىنتايىن ياخشى تور بېكەت. خەلقنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيىلەش خىزمىتىنى ناھايىتى ئوبدان ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تورغا چىقساملا تەڭرىتاغ تورىغا كىرمەي قويمايمەن.
ئېلاننىڭ گېپى چىقىپ قاپتى، ئىككى ئېغىز ئويلىغىنىمنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.
پۈتۈن خىراجىتىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزلۇق تور بېكىتى نوپۇزىغا تايىنىپ يۇقىرى باھا بىلەن پۇقراۋىي كارخانىلارنى تار يولغا قىستىماي، ئەكسىچە كارخانىلارنى قوللاپ رايۇنىمىزدىكى ئۈلگىلىك، ئىشەنچلىك كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى تەشۋىقات سورۇنى راسلاپ، خالىسانە ھالدا ئۇلارنى تەشۋىق قىلغان بولسا «گۈل گۈلىگە، خىل خىلىغا» كەلگەندەك ھەقىقىي يوسۇندا «خەلقنىڭ چاكىرى» لىق روھىنى جارىي قىلدۇرغان، خەلقنىڭ غېمىنى يىگەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بولغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن بەزىدە......
سەمىمى ئەسكەرتىش:
بىر گىراژدان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھۆكۈمەتتىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى ئۈمىت قىلىش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بۇ ئۈمىتلىرىم بەزى يولداشلارنىڭ چىشىغا تەگكەن بولسا گەپ قىلماي ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى گاچىكەن دېمەيدۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
708
تۆھپە
386
UID
44

ئەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار مۇڭلۇق ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 15:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نوپۇزلۇق ئاخبارات تورى بولۇپ، دىيارىمىز، دۆلەت ئىچى ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە، شۇنداقلا كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ سىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى .  سىز ئېلان ئورنى باھاسىنىڭ يۇقىرى ــ تۆۋەنلىكىگە ئەمەس، بەلكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ سىزنىڭ كارخانا ، شىركەت ۋە دۇكان، شۇنداقلا سودا-تىجارىتىڭىزدىكى تەشۋىقات ئىشلىرىڭىزغا  قانداق ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراڭ. ئاز پۇل خەجلەپ يۇقىرى ئۈنۈم يارتىمەن دەيدىكەنسىز ... ئىشىنىمىزكى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى سىزنىڭ بۈگۈنكىدەك سودا-ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى تەشۋىقات كۆزنىكىڭىزنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى.


Rank: 2

ئىسىمى
مۇسۇلمان
تىللا
49
تۆھپە
27
UID
842
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 10:41:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلسام مەن ئاشۇنداق بېكەتتىكى ئېلانلارنى ئاساسەن قاراپلا قويىمەن پەقەت قىززىقمايمەن . ھەم شۇنداقلارمۇ جىق . بىر ئېلاندىن كۈندە 100 ئادەم شۇنى چىكىپ كۆرۈشى مۇمكىن بەلكىم .نىمانچە قىممەت . بوپتۇ شىركەتلەر ئالىدۇ . تەڭرىتاغ تورىنى تېلۋىزورلاردىمۇ ئېلان قىلىپ قالساڭلار !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
397
تۆھپە
227
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 18:44:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلۈك زىيارەتتىكى مۇستەقىل ئايپى مىقدارى مەنچە 10000دىن ئېنىق ئاشىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3032
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 17:26:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان ئورۇنلىرى ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ئىچىدە ئەڭ قىممەتمۇ قانداق؟ئەمما لىكىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ زىيارەت مىقدارى ۋە نوپۇزىغا گەپ كەتمەيدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:22, Processed in 0.102765 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991