كۆرۈش: 13090|ئىنكاس: 4

ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
794
تۆھپە
318
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 23:33:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى


  ۋېنگىر(ماجار)لار ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي مىللەت. ۋېنگىرىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 93 مىڭ 30 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك. تاغلىق رايونلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قويۇق قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول بولغاچقا، ئېتىزلىق ۋە يايلاقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى. دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا ئىسسىق سۇ ئارشاڭلىرى بار، تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول. ۋېنگىرىيەدە 19 ۋىلايەت، 1 مەركىزىي شەھەر بار، پايتەختى بۇداپېشت.
  ۋېنگىرىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليۇن 190 مىڭ بولۇپ، ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە سىلوۋاك، كىرود، سېرىب، سىلوۋېن، نېمس، سىگان قاتارلىق مىللەتلەر بار. ۋېنگىرلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.


ۋېنگىرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى


  ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» دەپمۇ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگىرىيە»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ۋېنگىرىيە دېگەن دۆلەت نامىنىڭ مەنىسىمۇ «ھونلار» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالىي چۆللۈكتە ياشاۋاتقان ھونلار شەرقىي خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئارقا _ ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، كۆپ قىسىم ھونلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادىيە 896 _ يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلايدۇ، مىلادىيە 1000 _ يىللىرى ئاتىللانىڭ باشچىلىقىدا فېئودال دۆلەت قۇرىدۇ. مانا بۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ دەسلەپكى دۆلەت ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
  ۋېنگىرلار قىياپەت جەھەتتە ياۋروپادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ۋېنگىرىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى فېيتوفى: «يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار ئاسىيا قىتئەسىدىن باشلانغان يىراق، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىدا بۇ دۆلەتنى قۇرغان» دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان ھونلارنى مىللەت ئاساسى قىلغان ۋېنگىرىيەدە، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىسىم _ فامىلە قويۇشتا مىللىي خاسلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئەرلەرگە «ئاتىللا» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويىدۇ. ۋېنگىرىيەدە ھونلار باش تېما قىلىنغا 1 باغچا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتىللانىڭ قەبرىسى مۇشۇ باغچىدا ئىكەن. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق جەمەتلەردىن بولغان ئاشتىنھاج جەمەتىمۇ دەل ھون شاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.



ۋېنگىرلارنىڭ ھېيت _ بايراملىرى


  يېڭى يىل: ۋېنگىرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى كىشىلەر يۈزلىرىگە نىقاب تاقاپ موناستىر ئالدىغا يىغىلىپ، يېڭى يىل قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى يىل قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئەتراپ قاينام _ تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ، كوچىلاردا كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان ئۇزۇن كانايلارنى چېلىپ شاۋقۇن _ سۈرەن سالىدۇ؛ ساليوت ئېتىپ جىن _ شاياتۇنلارنى قوغلايدۇ. ئۇلار «يېڭى يىل كۈنى قىلغان ئىش پۈتۈن يىللىق ئىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغاچقا، يېڭى يىل كۈنى ئۆزئارا قەرز بېرىشمەيدۇ؛ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلمايدۇ؛ دورا يېمەيدۇ؛ پۈتۈن 1 يىللىق ھېساباتنى يېڭى يىل كۈنىدىن بۇرۇن قىلىپ بولۇشقا ئالدىرايدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6659
تۆھپە
3362
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 11:02:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ماتېرىيالدا «ئونگۇر» دېگەن سۆزدىن كەلگەن نام، دېگەندەك قىلىۋاتاتتى!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1012
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 17:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇتلىدىمۇ ھونلار匈奴دەپ ئاتالسا  ۋېنگىرلار 匈牙利دەپ يېزلىدۇ. قەدمىي خاترىلەردىن،خەت ئىبارىلەردىن شۇنداقلا ئۇلاردىكى ئەللەي ناخشىسىنىڭ بىزدىكى ئەللەي ناخشىسى بىلەن بولغان ئورتاقلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئاسىيادىن كۆچۇپ بارغانلىقنى بىلىۋالالايمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-26 17:56  



بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 2

ئىسىمى
كارۋان دېگەندىكىن كارۋان بولىدۇ شۇ
تىللا
99
تۆھپە
60
UID
13032
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 13:20:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ياخشى بوپتۇ، مەنبەلىرىمۇ ياخشىكەن. لېكىن،ئەپسۇسلىنارلىق يېرى تارىخى يىلنامىدە خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ، مىلادى 890-يىلى، 1000-يىلى دېگەن ۋاقىتلار ھونلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولغىنىغا ئاللىقاچان 400-500 يىل بولغان چاغلار ئەمەسمۇ،ھازىر ئالدىراشچىلىقتا ماتېريالنى ئىزدەپ بولالمىدىم،شۇنداقتىمۇ ئېسىمدە بارىنى سۆزلەي، مىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرقى مەزگىلىدە ھونلار بىلەمېرنىڭ باشچىلىقىدا ئاۋارلارنى غەربكە سۈرۈپ،دوناي-دېنىپىردەريا ۋادىلىرىغا كۆچۈپ باردى،بىلەمېرنىڭ نەۋرىسى ئاتىللانىڭ دەۋرىدە(430-يىللار ئەتراپى) ياۋروپا ھون ئېمپىريىسى قۇرۇلۇپ غەربى رىم ئېمپىريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى(446-يىلى)،ھەمدە گوت قەبىلىلىرىنى(ھازىرقى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان گېرمان مىللىتى) غەرىبكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى، ئەپسۇسلىنارلىقى،ئاتىللا 450-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شەۋكەتلىك ئېمپىريە غۇلاپ چۈشتى. (بۇ توغرىلىق يۈسۈپجان ياسىننىڭ ‹ياۋروپا ھون ئېمپىريىسى› دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن) ھونلارنىڭ قېپ قالغان ئەۋلادى بولغان ھونگېرلار(ياۋروپا تارىخى مەنبەلىرىدە شۇنداق دەپ ئېلىنغان) ھازىرقى زامان ۋېنگىر مىللىتىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئايلاندى.
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم، مۇشۇنداق تېمىلار بولسا ھارماي يوللاپ تۇرسىڭىز.....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 14:19, Processed in 0.074866 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991