Barcelona يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 15:31 
لى سى دېگەن لۈبۇۋېيدىن كېيىنكى ۋەزىر شۇما ؟ تېلېۋىز ...
بىرىنچى باب سەلتەنەت ئىپتىداسىدا مالىمان كۆتۈرۈلگەنلىكى
بىرىنچى، ئاچا يول دوقال تۇرۇۋالغانلىقى، مەسلەكداشلارنىڭ ئىرادىسى سۇنغانلىقى
دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازان ئىچىدەك مۇدھىش زۇلمەت ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئاي قاراڭغۇسىدا، دەھشەتلىك مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇنغا قارىشى كېتىۋاتقان قۇش يەلكەنلىك بىر كېمە يادىن ئۈزۈلگەن ئوقتەك شيەنياڭدىن ئايرىلىپ كۈن پېتىش تەرەپكە يۈرۈپ ھايت-ھۇيت دېگىچە غايىب بولدى.
لى سى لۈ بۇۋېينىڭ تېز يوللانغان مەخپىي مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇشۇ كۈنلەردە جىددىي ئىشلىنىۋاتقان سۇ تەمىراتىدىكى بىرمۇنچە مۇھىم ئىشلارنى جېڭ گوغا تاپشۇرۇپ، ۋېيشۇي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان جىڭخې دەرياسى قىنىدىكى ئىش ئورنىدىن كېچىلەپ ئاستانە شيەنياڭغا يول ئالدى. تۈن پەردىسى يېيىلغان بىر مەھەلدە ئاستانىنىڭ يۇقىرى قوۋۇقىغا يېتىپ كەلگەن لى سىنى سېپىل قوۋۇقچىلىرى «دەستىكى تۇتۇق، گۇمان-شۈبھىلىك تۇرىدۇ، مەھكىمىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئاستانە قوۋۇق مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىپ سوئال-سوراققا ئالدى. لى سى بىرھازاغىچە ئاچچىق كۈلۈپ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيلا قالدى. بۇنداق دەستەك تەكشۈرۈش رەسم-يوسۇنى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتكەن ياساقنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە چىن ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈپ، ئاسىي-ئايغاقچى، ئوغرى-قاراقچى، ئالدامچى-يالغانچىلارنى تۇتۇشتا ناھايىتى زور ئۈنۈم بەرگەچكە، كۈن چىقىشتىكى ئالتە دۆلەتمۇ مۇشۇ يوسۇننى دوراپ يولغا قويغان ئىدى. يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەستەك بىلەن يۈرۈشى ئوتتۇرا ئىقلىمدا ئادەت-يوسۇنغا ئايلاندى. ئېتى ئۇلۇغ بۇ دەستەك ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ باش رەسىمى، نامۇ-شەرىپى، نەسەب-مەنسەپلىرى، جەددى-جەمەتى ۋە مەھكىمە تامغىسى ئويۇلغان ئالقانچىلىك بامبۇك تاختاي بولۇپ، ناۋادا دەستەك ئىگىسى مەنسەپدار بولسا دەستىكىگە يەنە ھەر خىل ئالاھىدە تامغا-مۆھۈرلەر ئويۇلۇپ، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە نەسەب-مەنسەپ، جەددى-جەمەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى پۈتۈپ قويۇلاتتى. چىن ئېلىنىڭ ياسىقىدا ئاۋام-رەئىيەت ئۇ دۆلەت ئادىمى، بۇ مەملىكەت ئادىمى، دەپ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئايرىلمايدۇ، دەستىكى ئوچۇق-ئاشكارا بولسىلا بىخارامان يۈرسە بولىۋېرىدۇ؛ ئەلچى-يالۋاچلاردىن باشقا ئەمەلدارلار چوقۇم ئۆز دۆلىتىنىڭ دەستىكى بىلەن يۈرۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. لى سى چۇ ئېلىدىن چىن ئېلىغا كېلىپلا لۈ بۇۋېي قەسرىدە تېجىمەللىك قىلىپ يۈرۈپ ئەمەل-مەنسەپ تۇتمىغاچقا، چىن ئېلىنىڭ دەستىكىنى بېجىرمىگەن، كېيىنچەرەك دەريا-ئېقىن ۋەزىرىلىك مەنسىپىگە ئولتۇرۇپلا ئالدىراشچىلىقتا مەھكىمە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، چىن ئېلىنىڭ دەستىكىنى بېجىرىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سى دەريا-ئېقىن مەھكىمىسىنىڭ كۆكبېشى جېڭ گو بىلەن كېچە-كۈندۈز تاغ باغرىدىكى ئېدىرلىق بىلەن ئورمانلىق ئارىسىدا قېدىرىش نوقانچىلىقىدا يۈرگەچكە كەمىرىگە قىستۇرۇۋالغان كونا دەستىكىدىكى تامغا-مۆھۈرلەر سۈركىلىپ، ئۇچۇلۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەستەكنىڭ تۇتۇقلىقىدىن تونۇغىلى بولمىغاچقا يول يۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سىنىڭ چۇ دۆلىتىنىڭ دەستىكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چىن ئېلىدە مەنسەپ تۇتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا چىن ياسىقىغا مۇخالپ بولۇپ، چۈشەندۈرۈشمۇ قىيىن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى مەن چىن ئېلىنىڭ دەريا-ئېقىن ۋەزىرى، مەملىكەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ دەستەك بېجىرىشكە سەل قاراپتىمەن، دەپ ئاقلىسۇنمۇ؟ مەنسەبدارلارنىڭ دەستەك بېجىرمەي يۈرۈشى ئەسلىدىمۇ بىر گۇناھ، نېمىلا دېگەن بىلەن چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن. لى سىغا چىن ئېلىنىڭ ياسىقى بەش قولدەك ئايان، چىن ئېلىدىكى پاششاپلارنىڭ ياساق ئىجرا قىلىشتىكى رەھىمسىزلىكىنى ئۇ تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە پاششاپلار بىلەن سەن-پەن دېيىشىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئون كۈنلۈك سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسىغا① بۇيرۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا چوڭ-چوڭ ئىشلارغا دەخلى يەتمەمدۇ؟
ــــ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزلىرى قارار قىلغايلا!
بەئەينى تاغ يامزىلىغا ئوخشايدىغان سېپىل تېمى تۈۋىدىكى قوۋۇق مەھكىمىسىنىڭ تاش كېمىرىدە لى سى ئۈنى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا ئاران شۇ بىر ئېغىز گەپنى دەپ گۇناھىنى بوينىغا ئالدى. كۈتۈلمىگەندە، قوۋۇق ياساۋۇلى ھېچنېمە دېمەيلا لى سىنى قاراڭغۇ تاش كېمىرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ دەستىكىنى ئېلىپ غايىب بولدى. لى سى بىر كۈن چېپىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە، بىردەمدىلا مۇزدەك تاش تامغا يۆلەنگىنىچە «ئۇيقۇنىڭ ياخشىسى خورەك» دەپ خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىرى لى سىنى تۈرتۈپ ئويغاتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا پانۇس يورۇقىدا مېڭ تيەننىڭ ھىجىيىپ تۇرغان قىزغىن-ئىللىق چىرايىنى كۆردى.
ــــ لى سى ئاغا، ئىنىلىرى بۈگۈن ئاخشام سىلىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم، مەن بىلەن يۈرسىلە!
مېڭ تيەن ئويغانغان بولسىمۇ گاراڭلىقتىن ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقان لى سىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، تاش كېمىردىن تېزلا چىقىپ، يول ياقىسىدا توختىتىپ قويۇلغان سايىۋەنلىرى ھەشەمەتلىك مەپە ھارۋىغا چىقىرىپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. يول بويى چاقنىڭ يېقىمسىز غىچىرلىغان ئاۋازى لى سىنى تەلتۆكۈس سەگىتىپ ئويغاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئۇيقۇلۇقتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاستانە شيەنياڭ ھاكىمى قوشۇمچە ئاستانە سانغۇنىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان مېڭ تيەننىڭ مۇشۇنداق ئەپچىل چارە ئارقىلىق لى سىنى «قۇتۇلدۇرۇشى» تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. مېڭ تيەن گەپ قىلمىغاچقا لى سىمۇ ھېچقانداق گەپ سورىمىدى. ئەمما، مېڭ تيەن قانداقلارچە كېلىپ قالدى؟ لى سى مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكىچە بۇ ئىشنى ئويلىدى. بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتە-ئۆتمەيلا ھارۋا ئاستىلاپ يېنىككىنە توختىدى، مېڭ تيەن لى سىنى يۈدۈپ ھارۋىدىن چۈشۈرگەندىمۇ لى سى يەنىلا ئۇيقىدىن ئويغانمىغاندەك جىمىپلا كەتتى.
ــــ لى سى ئاغا، ئويغانسىلا!
لى سى بەللىرىنى ئېگىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئەسنىدى، تازا بىر چۈشكۈرۈۋېتىپ ئاندىن كۆزلىرىنى بىرھازا ئۇۋىلىغاندىن كېيىن ھەيران قالغان ھالدا:
ــــ ۋاھ، ئاي قاراڭغۇسىدىكى قاتتىق بوراندىمۇ مەي ئىچكەن بارمۇ ئىنىم؟ ــــ دېدى بېشىنى چايقاپ شىمالىي چۇ تەلەپپۇزىدا.
ــــ كۈنپېتىش قوۋۇقتىكى دوكقا كەلدۇق. نەدىكى مەيكەن ئۇ، كېمىگە چىقىپ بىر نېمە دېيىشەيلى!
ــــ يەنىلا شيەنياڭ ھاكىمى قالتىسكەن جۇمۇ، مەي ئىچىشتىمۇ ئادەم بىلەن مۇشۇنچىۋالا ئويناشقان بارمۇ!
ــــ كىم سىلى بىلەن ئوينىشىپتۇ، كېمىگە چىققاندا بىلىپ قالىدىلا! ــــ دېدى سەل جىلىخورلۇقى تۇتقان مېڭ تيەن ۋە ئاۋازىنى پەسەيتىپ كۈلدى.
ــــ سەۋەبىنى دېمەي ئادەمنى مەجبۇرەن كېمىگە چىقىرىش بۇلاڭچىلىق ئەمەسمۇ؟
ــــ پەۋقۇلئاددە چاغ بولۇپ قالدى، ئاغام كەچۈرگەي!
ــــ بوپتۇ، بوپتۇ، بوپتۇ، ئۈچ ئايلىق ھەمساۋاق ئىنى ئەمەسمۇ، خاھلىغانلىرىچە بولسۇن!
چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان لى سى مېڭ تيەننىڭ كەينىدىن دوكنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ماڭدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قىزغۇچ توزانلىق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، كېمىلەر كېچىلىك قاتناشتىن توختاپ، قىرغاقتىكى شاخابچىلاردا سانجاق-سانجاق توختاپ كەتكەن ئىدى. لەپپەڭشىپ چۈشۈۋاتقان پانۇس يوۇرۇقىدا مۈدۈرۈپ-دوقۇرۇپ بىرھازا ئىزدىگەندىن كېيىن دوكنىڭ ئەڭ كۈنپېتىش تەرىپىنىڭ شاخابچىدا قارا لەمپىلىك بىرلا كېمە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ لى سىنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتتى. كېمىنىڭ پانۇسى كىچىكرەك، يەلكىنىمۇ پەسلا ئىدى، قارىماققا سودا-تىجارەت قىلىشقا بۇنىڭدىن مۇۋاپىق كېمە يوقتەك كۆرۈنەتتى، مۇشۇنداق بىر كېمە شۇنچىلىك قىستا-قىستاڭچىلىقتا قانداقمۇ بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ توختىيالىغاندۇ؟ قاتلاممۇ-قاتلام، دەرىجىمۇ-دەرىجە نوپۇز-ئىمتىياز ساھىبلىرى، كاتتا زەردار، سودىگەرلەر جەم بولغان، ياساق ناھايىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان ئاستانە شيەنياڭدا مېڭ تيەندەك بىر ئاستانە ھاكىمى ھەقىقەتەن قالتىس شەخس ئىدى.
ــــ لى سى ئاغا، مەرھەمەت قىلغايلا!
كېمە كۆۋرۈكىنىڭ سالاسۇنىغا كېلە-كەلمەيلا مېڭ تيەن يانچە تۇرۇپ، ئىززەت-ئېكرام بىلەن بىر قولىنى ئالدىغا يېيىپ لى سىنى ئالدىدا مەرھەمەت قىلىشقا ئۈندىدى.
دەل شۇ پەيتتە، كېمە بۆلمىسى ئىشىكىنىڭ تېرە پەردىسى قايرىلىپ تەتۈر ئۇستىخان، گەۋرلىك، ئوزايىدىن جەسۇرلۇقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ناھايىتى ئېگىز بىر گەۋدە چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمىنىڭ بېشىغا كېلىپ توختاپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە:
ــــ پەقىر يىڭ جېڭ ئۇستازنى ساقلاۋاتقىلى خېلى بولدى! ــــ دېدى ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلىپ.
لى سى دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدى ۋە ئېگىلىپ-پۈكۈلۈپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ:
ــــ كەمىنىلىرى لى سى ئالىيلىرىنىڭ ئىززەت-ئېكرامىغا لايىق ئەمەسمەن!ــــ دېدى.
يىڭ جېڭ كېمە بېشىدا يانچە تۇرۇپ:
ــــ كېمە كۆۋرۈكى تار، يۆلىۋېلىشقا بىئەپ بولۇپ قالدى، ئۇستاز مەزمۇت تۇرغايلا!ــــ دېدى ئېگىلىپ تازىم قىلغاچ ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ. لى سىنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، قارا تەرگە چۆمۈپ، پېشانىسى يەرگە تەگكىدەك تازىم بەجا كەلتۈردى، چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمە كۆۋرۈكىدىن ئەمدىلا كېمە بېشىغا چىقىشىغا يىڭ جېڭ ئۇنى قوش قوللاپ يۆلەپ:
ــــ بىپەرۋالىقىمدىن ئۇستازغا ئېتىبار قىلالمىدىم، پەقىر يىڭ جېڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن!ــــ دېدى.
ــــ ...!ــــ لى سىنىڭ گېلىغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدى.
ــــ ئۇستاز، ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلىپ ئاندىن سۆزلىگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان لى سىنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن يۆلەپ كېمە بۆلۈمچىسىگە باشلاپ كىردى.
ــــ كېمە كۆۋرۈكىنى چۈشۈرۈپ كۈنپېتىشقا مېڭىڭلار!ــــ مېڭ تيەن كېمىگە چىقىپ پەس ئاۋازدا بۇيرۇق قىلدى.
كېمە قوزغىلىپ تۈندىكى تۇمان قوينىدا ناھايىتى تېزلا غايىب بولدى. ئالتە پانۇس كېمە بۆلمىسىنى ۋاللىدە يورۇتۇۋەتكەچكە، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئازادە كېمە بۆلمىسىدىكى پولغا قېلىن گىلەم سېلىنغان، تۆر-پەگا دەپ ئايرىلماي ئۈچ شىرە تىزىپ قويۇلغان ئىدى. يىڭ جېڭ لى سىنى دېرىزە تەرەپتىكى چوڭ شىرە يېنىغىچە يۆلەپ ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى يان تەرەپتىكى شىرەدىن ئورۇن ئالدى. چىرايلىق، ياش ھەرەم ئاغىسى كاسا تىزىلغان پەتنۇس كۆتىرىپ كىرىپ كاسىلارنى جاي-جايىغا قويۇپ ئاندىن ھورىدىن خۇشھىد دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرغان بىر چەينەك چاي كۆتۈرۈپ كىردى ۋە تازىم قىلغىنىچە كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى. يىڭ جېڭ چىقىپ كېتىۋاتقان ھەرەم ئاغىسىنى ئىما قىلىپ:
ــــ ئۇ كىچىكىدىنلا ماڭا ئەگەشكەن شياۋ گاۋزى بولىدۇ، ئەمدى باشقا ئادەم يوق!ــــ دېدى كۈلۈپ.
لى سى شۇندىلا قورۇنۇشىنى سەل بېسىۋالدى ۋە ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپتەكلەپ تازىم قىلىپ:
ــــ ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بېشىم كۆككە يەتتى، تەلىم بەرگەيلا!ــــ دېدى.
ــــ ئۇستاز ھەم شۈن زىنىڭ كامالەتكە يەتكەن شاگىرتى ھەم ئىرپانبەگ يازغان «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى ئىكەنلا. پەقىر يىڭ جېڭ بىلىمسىز ئادەممەن، بۈگۈن ئۇستازنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرۈشۈمدە بىرنەنچىدىن ئۇستازنىڭ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قانداق تەھرىرلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىش، ئىككىنەنچىدىن ئۇستازنىڭ ئۆز پىرىنىڭ تەلىماتىغا بولغان ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ بېقىشتۇر. ئالدىراشچىلىقتا ئۆزلىرى بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى بىلەلمەي، مېڭ تيەنگە مۇشۇ پەم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ كەلدىم. قوپاللىق قىلىپ سالغان بولسام ئۇستاز كەچۈرگەي!ــــ يىڭ جېڭ ئىللىق كۈلۈپ قوللىرى بىلەن لى سىنى ئارتۇقچە تەكەللۇب قىلماسلىققا ئىشارە قىلدى ۋە ئالدىدىكى بىر دەستە بامبۇك تارشىنى يېنىك چېكىپ قويدى.
ــــ كەمىنىلىرىنىڭ ئالىيلىرىغا بولغان ئەدەب-ھۆرمىتىم قەلبىمنىڭ قات-قېتىدىن ئوخچۇۋاتىدۇ، ئىختىيارىم ئەمەس! ئالىيلىرى كۆڭۈللىرىگە ئالمىغايلا!
ــــ ئۇستاز ئەقىللىق ئادەمكەنلا، پەقىر يىڭ جېڭ دەل مۇشۇنداق ئاقىل-دانىشمەنلەردىن سۆيۈنىمەن!
ئىخچام، مېغىزلىق باشلانغان سۆھبەتتىن لى سى تۈرلۈك مىش-مىشلەرگە تۇترۇق بولۇپ بەرگەن بۇ ياش چىن پادشاھىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەملىدى. ئۇنىڭ بايىقى ئىككى ئېغىز سۆزى قارىماققا قۇرۇق گەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭقۇر مەنالىق ئىبارىلەر بولۇپ، تىغ ئۇچى مەسىلىنىڭ پوسكاللىسىغا قارىتىلغان ئىدى. سەن لى سى شۈن زىنىڭ شاگىرتى تۇرۇپ قانداقسىگە باشقا بىر سۈلۈك دەستۇرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇۋالدىڭ؟ سەن سولتەك ئۆز ئۇستازىڭدىن ۋاز كېچىپ لۈ ھەزرەتنى پىر تۇتتۇڭمۇ ياكى يېرىم چىلەك سۇ بولۇپ قالغاچقا ھوقۇق-ئىمتىياز ساھىبلىرىدىن پايدىلىنىپ نام-ئاتاق چىرىپ يۇقىرىغا ياماشماقچىمۇ؟ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئىنئام بېرىش يولى بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتمەك بولۇپ مەملىكەتنى لەرزىگە سېلىۋەتتى، سەن سولتەك باش مۇھەررىر تۇرۇپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسەن؟ مانا بۇلار تىغدەك ئۆتكۈر سوئاللار بولسىمۇ ھەر ھالدا ساڭا خېلىلا زور ئىمكانىيەت بار. ئىززەت-ئېكراملىق تەكەللۇبلار، مىننەتسىز تەلىم-تەربىيەتلەر سەندىن يەنىلا زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ. ناۋادا سەن لى سى يەنە دىلغۇل بولۇپ يۈرۈۋەرسەڭ، چىن پادشاھى بۇنى سەزمەي قالارما؟ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، چىن پادشاھى ئۆز ئوي-قاراشلىرىنى ئېنىق دېمەستىن بەلكى سەن لى سىنىڭ ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇ سەن ئۈچۈن ھەم تاللاش ھەم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش پۇرسىتىدۇر. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىن پادشاھى شۇ تاپتا سېنى تەلىماتقا ھۆكۈم قىل، دېگىنى ئەمەلىيەتتە سېنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى تاللىۋالسۇن، دېگىنى، ناۋادا سېنىڭ بۇ مەۋقەيىڭ ئالىيلىرىنىڭ مەۋقەسى بىلەن بىردەك چىقسا، ئىستىقبالىڭنىڭ پارلاپ، دۈمبەڭگە ئاپتاپ چۈشۈپ، بېشىڭغا ئامەت قۇشى قونغىنى شۇ، مۇبادا مەۋقەيىڭ ئالىيلىرىنىڭ مەۋقەسىگە مۇخالىپ چىقىپ قالسا بەختىڭنىڭ قارا بولغىنى شۇ. پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا، توغرا تاللىيالىساڭ بۈيۈك ئارزۇ-ئىستەك، غايە-ئىرادەڭنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن ۋايىم يېمەيسەن، ناۋادا تاللىشىڭ خاتا چىقىپ قالغۇدەك بولسا يەر بىلەن يەكسان بولغىنىڭ شۇ. ۋەھالەنكى، غالىبلاردىن بولۇشقا ھەقىقەتەن كۆزۈڭ يەتسە باھانە كۆرسىتىپ كېيىن بىرنېمە دېسەڭ بۇمۇ ئاسان! ئالىيلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئوي-قاراشلىرى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ھەقىقەتەن ئوي-قاراشلىرى يوق بولۇپ، ئاۋۋال ئەھلى ئىلىم، ئەللامە-ئۆلىمالارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشىمۇ مۇمكىن. چىن پادشاھى سەلتەنەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغدا، ئۇنىڭ سەلتەنەت ئۈچۈن چوڭراق بىرەر ئىش تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىنى سەن قانداقسىگە ئويلاپ يېتەلەيتتىڭ؟ لى سى بىرپەس ئويلىنىۋالغان شۇ دەقىقىلەردە ئۇشتۇمتۇت ھەمساۋاق ئىنى بۇرادىرى خەن فېينىڭ «بايان مۈشكۈلاتلىرى» دېگەن ئەسىرىدە سەلتەنەت ساھىبلىرى بىلەن مۇلاقەت قىلماقنىڭ قىيىنلىقىنى يازغانلىقى ئېسىگە كېلىپ قالدى. ئويغا پاتقان ئاشۇ قىسقىغىنە دەقىقىدە لى سى شۇ قەدەر دانا پادشاھ ئالدىدا گەپ ئەگىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئەبەدىي تۈگەشكەنلىكىنى جاكارلىماقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. مەيلى نېمىلا بولسا بولسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قارىشىنى دەۋېلىشتىن باشقا تاللاش يولى قالمىغان، تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.
لى سى دەرھال خىيالدىن توختاپ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، كاسا-چەينەكلەرنى بىر ياققا سۈرۈپ قويۇپ، ھەربىر سۆزىنى ئېنىق-سۈزۈك قىلىشقا تىرىشىپ مەردانىلارچە سۆزگە كىرىشتى:
ــــ كەمىنىلىرى لى سىنىڭ چىن مەملىكىتىگە كىرىشىم قانداقتۇ ئىلىمنىڭ قايسى بىرىنى ياخشى، قايسى بىرىنى يامان كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بولدى، ئىرپانبەگ ھەزرەتنىڭ شاپائەت-ھىممىتىدە باش مۇھەررىرلىك ئەمگىكىنى زېممەمگە ئالدىم، بۇ قانداقتۇ كەمىنىلىرىنىڭ ئىلمىي ئېقىم تاللاشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى شاپائەتكە ساداقەت بىلدۈرۈشۈمدۇر.«لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتايلى، كەمىنىلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ كىتاب ئالتە يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيانقى سەلتەنەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت-مەغلۇبىيەتلىرىنى ساۋاق قىلىپ، سەلتەنەت ساھىبلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىكى تەلىماتلىرىنى ھىدايەت يولىغا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان تەلىمات بولۇپ، لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيلىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، سەلتەنەتنى ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن يۈرگۈزۈش بۇ تەلىماتنىڭ نېگىزىدۇر، ئۇنىڭ مۇددىئاسى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتىپ ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان، ئېغىر جازا ئاساس قىلىنغان چىن مەملىكىتىنىڭ ياسىقىنى ئاۋام-رەئىيەتكە ياقىدىغان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋام-رەئىيەتنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ مەملىكەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتۇر. تەلىمات خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شۈبھىسىزكى نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە دەستۇردۇر، ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەستۇر چىن ئېلىگە كۆپ پايدىلىقكى زىنھار زەرەرى يەتمەستۇر.
ــــ ئۇستاز دەۋاتقان نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە دەستۇر قايسى سۈلۈككە تەۋەكىن؟
ــــ يوسۇننامىمۇ، موزىچىلىقمۇ، كۇڭ زىچىلىقمۇ، تەرىقەتچىلىكمۇ ئەمەس، يوسۇننامىغىمۇ، موزىچىلىققىمۇ، كۇڭ زىچىلىققىمۇ، تەرىقەتچىلىككىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەلكى بۇ بىر ئەبجەش تەلىماتتۇر.
ــــ ئەبجەش تەلىمات؟ بۇ، ئۇستازنىڭ ھۆكۈمىمۇ ياكى ئىرپانبەگنىڭ ھۆكۈمىمۇ؟
ــــ ئەبجەش، دېگەن نام تولا قوپال بولۇپ قالدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى قويغان نام ئەمەس.
ــــ ئۇستاز ئىرپانبەگنىڭ ئۆز تەلىماتىغا قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلەمدىلىكىن؟
ــــ ئەركانبەگ سەي زې ھەزرەت ئېيتتىلەركى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولى ئىلمىدۇر!
ــــ ئىرپانبەگنىڭ ئۆزى قانداق بېكىتتىكىن؟
ــــ ئىرپانبەگ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» «لۈ بۇۋېي تەپسىرىدۇر»، ھېچقانداق سۈلۈككە تەۋە ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتى.
ــــ ئەمىسە بۇ ئۆز ئالدىغا يېگانە سۈلۈك، دېگەن گەپ ئىكەن-دە؟
ــــ راستىمنى ئېيتسام كەمىنىلىرىمۇ باشقا مەنانى بىلەلمىدىم.
ــــ بۇ تەلىماتقا ئۇستاز قانداق ھۆكۈم-باھا بېرىدىكىن؟ــــ يىڭ جېڭ دەرھال گەپنىڭ ئورامىنى بۇرىۋەتتى.
ــــ كەمىنىلىرى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىگە خىزمەت قىلغان ئىكەنمەن، ئۇنىڭ تەلىماتىدىن زىنھار ۋاز كەچمەيمەن!ــــ لى سى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سۈلۈك خۇسۇسىدىكى مەيدانىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن بىمالال ھەم مەردانە سۆزلەشكە كىرىشتى،ــــ پىر ئۇستازىم شۈن زىنىڭ تەلىماتى قارىماققا كۇڭ زى تەلىماتىغا ئوخشىغىنى بىلەن ئۇنىڭغا ياساقچىلىق روھى سىڭگەن، ئۇ ھەم رەھىمدىللىك سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدۇ ھەم ياساقنى تەرغىب قىلىدۇ. ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كونا ياساق سۈلۈكىدىن پەرقلىنىدۇ، شۈبھىسىزكى بۇ دەۋرانىمىزدىكى يېڭى ياساق سۈلۈكىگە مەنسۇپتۇر. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۈن زى تەلىماتىنىڭ ئاساسى يەنىلا ياساق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ روھى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ جېنى، ياساق بولسا ھىدايەت يولىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قورالىدۇر، خالاس. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ
پەرقى خۇددى سۇ بىلەن توغانغا ئوخشاشتۇر.
ــــ ‹شۈن زى تەلىماتىغا ياساق روھى سىڭگەن› دېگەننى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟
ــــ ماھىيەت جەھەتىدىن ئېيتقاندا، شۈن زى تەلىماتى ياساقچىلىق تەلىماتى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئۈچ ئۈلۈش ھىدايەت يولى تەلىماتى، بىر ئۈلۈش كۇڭ زى تەلىماتى سىڭگەن بولۇپ، ھىدايەت يولى، رەھىمدىللىك سىياسىتىدە ياساقچىلىق روھى كەمچىل، دەپ قارايدۇ. لى كۈي، شاڭ تۆرە قاتارلىق سېپى ئۆزىدىن كونا ياساقچىلار ياساقنى ئالىي بىلىدۇ. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، كەمىنىلىرىنىڭ پىرىم شۈن زى ھەزرەتكە بېرىدىغان باھايىم شۇدۇركى، ئۇنىڭ تەلىماتىدا يەنىلا ‹ياساق ماھىيەتدۇر›. كەمىنىلىرىنىڭ بۇ باھا-ھۆكۈمى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا قارىشىدۇر!ــــ لى سى كەمتەرلىك بىلەن تەبەسسۈم قىلىپ مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ سۆزىنى توختاتتى.
ــــ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگەنلىرى قانداق گەپ ئۆزى؟ ئەجەبا بەزىلەر شۈن زى تەلىماتىنى كەمسىندۈرۈۋاتامدۇ؟ــــ يىڭ جېڭ تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، قىزىققىنىدىن مەسىلىنى ناھايىتى ئىنچكە تەھلىل قىلىپ نازۇك يېرىدىن كاپپىدە تۇتۇۋالدى.
ــــ باشقىلارنىڭ باھا-ھۆكۈمى مۇھىم ئەمەس،ــــ لى سى سۆزىنى داۋام قىلدى،ــــ كەمىنىلىرىنىڭ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگىنىم شۈن زى ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى تالاش-تارتىشقا قارىتىلغان گەپ. كەمىنىلىرىنىڭ ھەمساۋاق ئىنى بۇرادىرى خەن فېي شۈن زى تەلىماتى ھەقىقىي ياساق ئەمەس، ھەتتا لى كۈي، شاڭ تۆرىمۇ ھەقىقىي ياساقچىلاردىن ئەمەستۇر، پەقەت پەقىر خەن فېيلا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەنلەر قاتارىدىكى ھەقىقىي ياساقچىلاردىندۇرمەن، پەقىر خەن فېينىڭ تەلىماتىلا ھەقىقىي ياساق تەلىماتىدۇر، دەپ قارايدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، كەمىنىلىرىنىڭ باھا-ھۆكۈمى شۈن زى ئېقىمىدىكىلەر ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭلا قارىشىدۇر.
ــــ ھە؟ بۇ خەن فېي ھەقىقەتەن يۈرەكلىك ئادەمكەن!
ــــ ئالىيلىرى قىزىقسا، خەن فېينىڭ كىتابى پۈتسە كەمىنىلىرى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلاي!
ــــ بەلەن گەپ، تولا بەلەن گەپ! قەدىمدىن بۇيان ئۆتكەن ياساقچىلارنى ئېتراپ قىلمايدىغان بۇ ھەقىقىي ياساقچىنىڭ قانداق ھەقىقىي ياساقلىرى باركىن، كۆرۈپ قويغۇلۇق!ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى مۇشتلاپ بىرھازا قاھقاھلاپ كۈلدى ۋە ئارقىدىن يەنە پاراڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلدى، ــــ ئۇستازنىڭ شەرھى ھەقىقەتەن ئوچۇق-ئېنىق بولدى. ئەمما پەقىر يىڭ جېڭ يەنىلا چۈشەنمىدىم: پەدەرىم ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى پەقىرگە يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى نېمىشقا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدا ئەلگە جاكارلايدىغاندۇ؟
لى سى خېلىغىچە جىمىپ كەتتى، كېمە بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا شامال-دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىڭ جېڭمۇ لام-جىم دېمەي پانۇسنىڭ خىرە يورۇقىدا لى سىغا سىنچى نەزەرىدە تىكىلىپ ئولتۇراتتى. خېلىدىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:
ــــ ئىرپانبەگ ھەزرىتىمنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئارقىلىق ئاۋام رايىنى يېتەكلەشتۇر. ئاۋام رايى بىرلىككە كەلسە ئاۋام-رەئىيەت پادشاھىمىز بىزگە رەھىمدىللىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ ئالىيلىرىدىن تەپتارتىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا چىن ئېلىنىڭ ياسىقى تاكامۇللىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. پەقەت مۇشۇلا، باشقىچە غەرەز يوقتۇر!
ــــ چىن ياسىقى ئەل رايىغا ياقمامدىكەن؟
كېمە بۆلۈمچىسىدە يەنە بىرپەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:
ــــ چىن ياسىقى ئەل قەلبىگە ياقىدۇ. ھەتتا ئاۋام-رەئىيەت چىن ياسىقىنى قورقۇپ ھۆرمەت قىلىدۇ. مېھرىبان سىياسەت، يېنىك جازا تېخىمۇ يېقىنلىق ۋە ئىناقلىق يارىتىدۇ. بۇنداق يېقىنچىلىق ۋە ئىناقلىقنى كىممۇ كۆرۈشنى خالىمىسۇن؟ھۆرمەت بىلەن قورقۇش ۋە يېقىنلىق بىلەن ئىناقلىقنىڭ قايسىسىنى تاللاپ قايسىسىدىن ۋاز كېچىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ ئالىيلىرى بۇنىڭغا ئۆزلىرى ھۆكۈم قىلىۋالغايلا!
ــــ ئۇستازدىن سورىۋالاي، بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم قىلغۇلۇق؟
ــــ ئالىيلىرى ئۆز ئىرادىلىرى بويىچە، ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدىلا!
ــــ ئۇستاز تەلىم بەرگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىن ئىخلاسى بىلەن تازىم قىلدى.
لى سى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر، پالاكەت بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك چوڭ-چوڭ تىنىپ، يېنىك نەپەس ئېلىپ چاققانلا ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىلدى ۋە:
ــــ ئالىيلىرىنىڭ ئىرادىسى ناۋادا لەشكىرىي كۈچنى كۆپەيتىپ مەملىكەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىپ، جاھاننى تىنجىتىپ ئىدارە قىلماق بولسا شاڭ ياڭنىڭ ياسىقى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دىن ئەۋزەلدۇر. ناۋادا ئالىيلىرىنىڭ ئىرادىسى تۆرە-تارخانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارغا رەھنەمالىق قىلىپ، باشقا ئالتە مەملىكەت بىلەن تىنچ بىللە ئۆتمەك بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شاڭ تۆرە ياسىقىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ياخشى-يامىنىغا كەمىنىلىرى ھۆكۈم قىلالماستۇر!ـــ دېدى.
ــــ ئۇستازنىڭ تەلىمى پەقىرنىڭ چىگىش تۈگۈنلىرىنى يەشتى!ــــ يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى يوشۇرالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بۇرۇلۇپ ــــ شياۋ گاۋزى، پانۇسنى يىغىشتۇرۇپ مەي كەلتۈر! مېڭ تيەن كىرسۇن، بىز ئۇستاز بىلەن
قانغۇچە ئىچىشەيلى!ــــ دەپ ۋارقىرىدى.
غۇر-غۇر شامال جانغا راھەت بەخش ئېتىۋاتقان دەريادا، ئۇزۇن پالاقنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن كېتىۋاتقان كېمە پەلەكنى قاپلىغان غۇۋا تۇماندىكى پانۇس يورۇقىدا بەئەينى دۆلەت قوڭغۇزدەك گاھ فېڭجىڭ جىلغىسىغا كىرىپ-چىقىپ لەيلەپ يۈرسە، گاھ چىنچۈەن ۋادىسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە قاراپ لەيلەپ باراتتى. ئىككى قىرغاقتا ئىتلار قاۋىشىپ، خورازلار چىللىشىپ، تاڭ گىرىمسەن يورۇغاندىلا دۆلەت قوڭغۇز كەبى كېتىۋاتقان كېمە ئېقىن يۆنىلىشىگە ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئۇدۇل شيەنياڭغا قايتتى.
پانۇس يورۇقى ئىللىتىۋەتكەن سارايدا ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ئەركانبەگ سەي زېنىڭ ئەركەك غازنىڭكىدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن قىلغان بايانلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپ جىمىپ كەتتى.
چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغىنى بىلەن مەڭىزلىرىگە قان تېپىپ تۇرغان سەي زېنىڭ خۇش كەيپلىكى تۇتۇپ قالغان ئىدى:
ــــ ئىرپانبەگ، پەرىشان بولمىغايلا!، ـــــ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ـــــ كىتاب پۈتمەستە غەمگە پاتتىلا، كىتاب پۈتۈۋىدى يەنىلا ۋايىم يەۋاتىدىلا، ئەجەبا بۇ ئۆمۈرلىرىدە غەمگە پېتىپلا يۈرەمدىلا؟ كەمىنىلىرى سىلىگە ئېيتسام، بۈگۈن شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ئاۋام رايىنىڭ رام قىلىنغانلىقى ئايان بولدى، بۇنىڭغا غەم-غۇسسىدە بولۇش بىھاجەت! «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرۈشى كاتتا ئىشتۇر!ــــ لۈ بۇۋېينىڭ غەمكىن ئوزايىدىن قىلچىلىك ھاياجانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، قولىدىكى قەدەھنى تۇتقىنىچە سەي زېغا تىكىلىپ سەپسېلىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ:
ــــ ئاغا، سىلىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بولارمۇ؟ــــ دېدى.
ــــ ئەلۋەتتە!ــــ ئەركانبەگ شىرەنى چېكىپ تۇرۇپ قاتتىق ھاياجانغا چۆمدى،ــــ ئەل رايى دېمەك تەڭرى رايى دېمەكتۇر، ئەلنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۇرۇغلۇق يەنە نېمىنى كۈتىدىلا!
ــــ ئەركان بېگىم، ھەي ئەركان بېگىم، يەنىلا گۆدەك-نادان تالىپلاردەك گەپ قىلىۋاتىدىلا!ــــ لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتقىنىچە بېشىنى يېنىك چايقىدى. سەي زېنىڭ خۇشكەيپلىكتىكى ھاياجاندىن خۇمارلىشىپ قالغان كۆزلىرى بىردىنلا چۆچەكتەك چەكچىيىپ كەتتى ۋە:
ــــ ئىرپانبەگ، بۇ نېمە دېگەنلىرى ئەمدى؟ ئوردۇبالىقتا بىرەر شەپە چىققان بولمىغاي يەنە؟ بەزىلەر «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە غەيرىي ئويدا بولۇۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ــــ دېدى.
ــــ يوغسۇ،ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بېشىنى چايقاپ،ــــ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق شەپە يوق، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس!
ــــ شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ!
ــــ ئاغا، ئالدىراپ چېچىلمىغايلا!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى تىلغا ئالدى.
ئەسلىدە، سەي زې ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن بىراقلا ئىستېپا سوراپ كەتكەن شۇ پەيتتە، لۈ بۇۋېي قائىدە بويىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تولۇق ئويما نۇسخىسىنى يارلىقچىدىن يارلىق ھارۋىسى ③بىلەن باش ۋەزىر مەھكىمىسى نامىدا رەسمىي يوسۇندا ئالىيلىرىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا يوللاپ بەرگەن. لۈ بۇۋېينىڭ ئۆز قولى بىلەن پادشاھ يىڭ جېڭغا بەرمەسلىكىدە سەۋەب بار ئىدى، ئەگەر ئۆز قولى بىلەن يىڭ جېڭنىڭ شىرەسىگە قويسا شۈبھىسىزكى يىڭ جېڭ نېمىلا دېگەن بىلەن مەلۇم ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەتتى، لۈ بۇۋېينىڭ مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى كۆرگەن يىڭ جېڭدا بۇ بىر خۇسۇسىي ئىشكەن، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىش بولماستىن بەلكى مەملىكەتنىڭ مۇھىم ئىشىكەن، دېگەن تونۇش پەيدا قىلىش ئىدى. يارلىقچى شۇ كۈنىلا «ئالىيلىرى ئوردۇبالىقتىكى كۇتۇپخانىسىدا يوقكەن، يىگرىمە ئالتە جىلد تارشا كىتابنىڭ ھەممىسىنى دورغابنىڭ ئوراپ تامغا بېسىپ ئېلىپ قېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىم» دېگەن جاۋابنى بەردى. ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، لۈ بۇۋېي يارلىققا بىنائەن ئوردۇبالىققا كېڭەشكە كىرگەندە ياش يىڭ جېڭ ياندىكى شىرەگە دەستىلىۋېتىلگەن تامدەك ئېگىز بامبۇك تارشا جىلدلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداقچىلا «ئىرپانبەگنىڭ كاتتا ئەسىرى ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلدى، ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن بىرنەرسە دەرمىز» دەپ قويغان بولدى ئىستىھزا بىلەن. كېيىن كېڭەش ئاخىرلاشقىچە ئۇ بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى. بىرەر ئايدىن ئاشتى، بۇ ھەقتە ياش پادشاھتىن يەنىلا ھېچقانداق بىرەر سۆز-خەۋەر ئاڭلىمىدى. كېيىن لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ ئوردۇبالىقتىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە دورغاببەگ ۋاڭ ۋەن بىلەن تاساددىپەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، بىر چاغلاردىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە مەنسەپ تۇتقان بۇ دورغابنىڭ ئوزايىدىن جىممىدە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى، ھەرنېمە دېگەن بىلەن ئاخىر يەنىلا سەل ئوڭايسىزلىنىپ «ئالىيلىرى يېقىندىن بۇيان كېچە-كېچىلەپ كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ، شۇغىنىسى ئوقۇۋاتقىنىنىڭ ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى› شۇمۇ-ئەمەسمۇ بىلمىدىم» دەپلا بىرنەچچە ئورام ھۆججەتلەرنى قولتۇقلىغىنىچە ئالدىراپ-تېنەپ غىپپىدە چىقىپ كېتىپ غايىب بولدى. تاكى ئۈچ كۈن بۇرۇنغىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ خۇددى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن لاي كالىدەك ھېچقانداق خەۋەر-ئۇچۇرى بولمىدى.
ــــ شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدىلا؟
ــــ گېزىمۇ كەلگەن، مەملىكەتنىڭ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىمۇ شۇنىڭغا تەقەززا ئىدى،ــــ لۈ بۇۋېي ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى،ــــ چىن پادشاھىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ۋە ئىقتىدار-كامالىتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئۇ بۇ كىتابنى كۆرمەي قالمىدى. شۇنچە مۇھىم ئىشقا بىرنېمە دېمەي جىمىپ كەتكەنگە قارىغاندا، ئېنىقكى بۇنىڭدا بىر گەپ بار. ناۋادا پادشاھ يىڭ جېڭ قايتا-قايتا ئويلىنىپ ‹لۈ بۇۋېي قېرىغاندا مۇشۇ ئىشىم قالدى، بۇ ئىشىمنى پۈتتۈرۈۋالساملا بولدى، بولمىسا بۇ يەردە قېلىپ نېمە قىلىمەن؟ بۇ يەردە قالغاندىن كۆرە سودامنى قىلغان ياخشى ئەمەسمۇ؟دەپ ئويلايدىكەن» دەپ قالغان بولسىچۇ!
ــــ ئىرپانبەگ، ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق قىلىپ كەتتىلىمۇ-قانداق؟
ــــ پەقىر لۈ بۇۋېي بۇ ئۆمرۈمدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىپ كەلدىم، گۇمانخورلۇق دېگەن نېمە ئۇ؟ ئاغا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنى راستىنلا بىلمەيۋاتامدىلا؟ــــ لۈ بۇۋېي شىرەنى «پاق»ىدە ئۇرۇپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، قېلىن گىلەمدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ ھەسرەت-نادامەتتە ئويغا چۆمگىنىچە قايناپلا كەتتى ــــ يېرىم يىل دېگەن ھەش-پەش دېگىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ چاغقا بارغاندا ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ! ئۇ چاغدا ئوردۇبالىق سىلى-بىزدەك بەگ-تۆرىلەرگە ئىشىكىنى ئېتىۋالىدۇ، بىلمىگەن بولساققۇ بىر نېرى ئىدى. قارىماملا، مانا شۇ تاپتا ئالىيلىرى ئۆزگىرىپ بىزلەرگە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالدى. راستىنى ئېيتساق، ئۇنى ھېچكىم گەپكە كىرگۈزەلمەيدۇ، سىلى، مەن، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»، ھەممىسى بىكار. شۇڭا ئەمدى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىناپ بېقىشلا قالغان!
ــــ مۇنداق دېسىلە، پەقىر راستىنلا ھاماقەتكەنمەن!ــــ سەي زېمۇ ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى، ــــ ئىنىم ھەممىنى شۇنداق ئېنىق كۆرۈپ يېتىپمۇ يەنە نېمىشقا بۇ قىلتاققا دەسسەيدىلا؟ ھەم كىتاب يېزىپ، تەلىمات يارىتىپ، ھەم ئىنئام بېرىپ جاھاننى لەرزىگە سېلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىدىلە؟ ناۋادا بۇ باش قېتىنچىلىقى بولمىغان بولسا ئىرپانبەگدەك ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتقان بىر كاتتا تۆرىنىڭ باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ، مەملىكەتنى ئالقىنىدا پىرقىرىتىپ، ياستۇقنى قىرلاپ غەم-غۇسسىسىز ياشىمىقى بەرھەق ئىدى. ئۇ چاغدا ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىمەن دېسىلە رەھىمدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسىلا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى. بىر كىتابنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كەلمەكچىدى؟ كىتابنىمۇ يازدىلا، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۇتتىلا، ئەمما يەنىلا غەم-غۇسسىدىن قۇتۇلالماي پەرىشان يۈرىدىلا،ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغايلا! پەقىر قانداقمۇ بىلمەي قالاي؟
ــــ ئاغام بىلمەيۋاتىدىلا ئەمەس، بەلكى چىننىڭ دەسلەپكى غايىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىرىدىن چىقىرىۋاتىدىلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بىردىنلا مەسخىرە ئارىلاش نادامەتلىك كۈلۈپ، ــــ ناۋادا ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ غەم-غۇسسىسىز ياشاي دېگەن بولسام پەقىر لۈ بۇۋېي ھەددى-ھېسابسىز بايلىقىمدىن كېچىپ بۇ يەردە نېمىمۇ قىلاتتىم؟ ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ دەسلەپكى غايىسى ئۆزگەرگىنى يوق، تەييارلىقمۇ بار. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى خەلقى-ئالەمگە ئاشكارىلاپ ئالدى بىلەن ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئاندىن ئاۋام رايىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئارقىلىق بەگ-تۆرىلەرنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ئاندىن رەھىمدىل سىياسەت، ئادالەت لەشكىرى تەلىماتىنى چىن ياسىقىغا سىڭدۈرۈپ، چىن ياسىقىنى قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر تەڭ جىپسىلاشقان جاھاندا تەڭداشسىز مۇكەممەل ياساققا ئايلاندۇرۇش ... ئومۇمەن بۇ بىر خەتەرلىك شاھمات ئىكەن، ئىلاجسىز قالدىم.
ــــ بۇنى بىلىدىكەنلا، ــــ سەي زې بېشىنى چايقاپ تەۋەززۇ بىلەن گەپكە قوشۇق سالدى.
ــــ بولدىلا، تالاشمايلى!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ ئاۋازىنى پەسەيتتى،ــــ ئاغام بۈگۈن ئىپتىداسىنى باشلىدى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر. پەقىر بۇۋېي ئەمدى ئاغامنى تۇتۇپ قالالمايمەن، پەقەت بىرلا ئىش بار، ئاغا، دەرھال تەرەددۇتلىنىپ شيەنياڭدىن تېزرەك ئايرىلسىلا!
ــــ ھە؟ نېمە-نېمە؟ نېمە دېدىلە؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى ئەمدى؟ــــ سەي زېنىڭ چىرايى بىردىنلا بوزىرىپ كەتتى.
ــــ ئەركانبەگ!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي تۇنجى رەت سەي زېغا جىددىي تەرۈزدە يۈزلىنىپ،ــــ سىلىمۇ ھۆكۈمدارلار قاتارىدىكى ئۇلۇغلاردىن بولىدىلا، ۋەزىيەتنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى چوقۇم لۈ بۇۋېي ئېزىپ ئىچۈرمىسە بىلمىگۈدەك ئادەم ئەمەس، ئۈچ ئايدىن بۇيان شاھسانىيە بىلەن لاۋ ئەي ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن قالدۇرغۇزۇۋەتكەن ۋەزىرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئىشقا قويۇلۇۋاتىدۇ. مۆلدۈر يېغىشتىن بۇرۇنقى بىر مەيدان بوران-چاپقۇنلۇق جۇدۇن كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. چىن مەملىكىتى كۈن چىقىشتىكى مەملىكەتلەردىن كەلگەن موللىلارنىڭ سازلىقىغا ئايلىنىپ قالدى، قانچە بۇرۇن قانچە يىراققا كەتسىلىرى شۇنچە ياخشى. سىلى كېتىدىلا، دورغاب ۋاڭ ۋەن كېتىدۇ، ۋاڭ جيەن كېتىدۇ، لى سى كېتىدۇ، جېڭ گومۇ كېتىدۇ، ئىشقىلىپ پەقىر لۈ بۇۋېي بىلەن باردى-كەلدىسى بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېتىشى كېرەك. سىلىدىن يوشۇرمايمەن، چېن شۈەن، مو خۇ، كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى غوجىدار بوۋاي ۋە بىر تۈركۈم تېجىمەل-قوناقلار يېرىم ئاي بۇرۇن شيەنياڭدىن ئايرىلدى. ئەركانبەگ، ئەمدىغۇ چۈشەنگەنلا؟
ــــ گەپ بولدى-دە بۇ، سىلىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىش مەرد ئوغلانلارنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ ئوچۇقلا مەردۇ-مەردانىلىكتىن تايغانلىق ئەمەسمۇ؟
ــــ ھاماقەتلىك قىلمىسىلا! ــــ لۈ بۇۋېي خاپا ئارىلاش كۈلدى،ــــ ناۋادا مەن سىلى بولۇپ قالغان بولسام پۇتلىرىمنى سۆرەپ بولسىمۇ كېتەتتىم. ئورۇن ئالماشقىلى بولمايدۇ، نېمىگە تارتىشىدىلا؟ كەمىنىلىرى شيەنياڭدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن، سىلەر لوياڭدا جايلىشىسىلەر. يولنى ئىككى پۇتتا مەزمۇت ماڭغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ــــ پاھ-پاھ،ــــ سەي زې بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈۋەتتى،ــــ ئىككى پۇتتا يول مېڭىش، قالتىسكەن، قالتىسكەن! كەمىنىلىرى ئەتە سۈبھىدە يولغا چىقاي!
ــــ ياق، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىدىلا!
سەي زې چۆچۈپ بىر ھازا جىندەك تۇرۇپ قالدى-يۇ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى:
ــــ بوپتۇ بۈگۈن كېچە بولسا بۈگۈن كېچە بولسۇن. ئەمىسە كەمىنىلىرى خوشلىشاي!
سەي زېنىڭ يوغان-يوغان چامداپ ھويلىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغان لۈ بۇۋېي تېنى بوشاشقاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى.
لۈ بۇۋېي سەھەردە ئويغىنىپ يۇيۇنۇپ، ئۈستىباشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ سارايغا كىردى، ئادەتتە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتەتتى، ئەمما بۈگۈن غىزاغا كۆڭلى تارتمىدى، بىر پىيالە سۇيۇق كۆك پۇرچاق ئۇمىچى ئىچىپ ئىختىيارسىز كۇتۇپخانىسىغا كىردى. ئىچكىرى-تاشقىرى ئالتە ئېغىزلىق بۇ كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىرنىڭ سەلتەنەتكە ھەكەملىك قىلىپ مەملىكەت ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ سارىيى بولۇپ، ئەمەلدارلار ئۇنى قەسىر كۇتۇپخانىسى، دەپ ئاتىشىۋېلىشقان ئىدى. ھەقىقىي كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە ھويلىدىكى بىر چوڭ ھۇجرا ئىدى. تالاي يىللاردىن بېرى ھەر كۈنى ئەتىگىنى كۈن بىلەن تەڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان چاغ ئىدى. ھەرقايسى مەھكىمىلەرگە تەۋە ئەمەلدارلار دەل مۇشۇ چاغدا شۇ كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ھۆججەت-مەلۇماتلارنى ئېلىپ كەلگەچكە، كەلدى-كەتتىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى؛ دورغاب بارلىق ھۆججەتلەرنى تۈرلىرى بىلەن ئايرىپ رەتلەپ مۇشۇ چوڭ كۇتۇپخانىغا بىر-بىرلەپ ئېلىپ كىرگەندە ئىرپانبەگ ئۆز ئورنىغا چۆكۈپ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ تەستىق سېلىپ، مەملىكەتنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ئەتىگەنلىكى چۆلدەرەپ قالغىنىغا خېلى چاغلار بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئىچكىرى-تاشقىرى خانىدىكى ئالتە داڭقان ئوچاقتا ياغاچ كۆمۈر پاراس-پۇرۇس، چاراس-چۇرۇس ئۇچقۇنداپ، يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتاتتى، پۈتۈكچى-مىرزىلار ئىلگىرىكىدەك ھۆججەتلەرنى رەتلەۋاتاتتى، پۈتۈكچى-مىرزىلار ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشكەندە كىيىملىرىنىڭ سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز، ياغاچ كۆمۈر چوغىنىڭ پات-پات پاراسلاپ ئېتىلىشىدىن چىققان ئاۋازدىن باشقا شۇنچە چوڭ ساراي خۇددى ئادەم يوقتەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئىرپانبەگ مەخسۇس ئۆزىلا كىرىپ- چىقىدىغان مەر-مەر ئىشىكتىن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ، ئۇدۇللا تاشقىرىقى خانىدا توختىدى، لۈ بۇۋېي ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز ھەمرا بولىدىغان بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقىدەك جىمىپ كەتكىنىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. سەھەر شامىلى ساراينىڭ ئىشىك پەردىسىنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى، ئۇ ئىختىيارىسىز ئەندىكىپ كەتتى. مەقسەتسىزلا بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن يەنىلا ئازادە ئورۇندۇققا كېلىپ شىرە ئالدىدا ئولتۇردى. ئىش ئاز بولسىمۇ بىر ھېسابتا ياخشىكەن، ئۇ كاللىسىنىڭ سەگەك چېغىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى زېھنىنى يىغىپ قايتىدىن بىر ئوقۇپ چىقماقچى، ئاندىن چىنلىقلارنىڭ ياساق بىلىپ چوقۇنىدىغان «شاڭ تۆرە تۈزۈكى» نى ئوقۇپ چىقماقچى بولدى. ھامان بىر كۈنى بۇ ئىككى كىتابنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئادەم چىقىدىغانلىقىغا ئۇ ئىشىنەتتى، بۇ كۈننىڭ ئۇزاق قالمىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ تۇرۇۋاتاتتى.
ــــ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى، ئوردۇبالىقتىن جىددىي مەخپىي مەكتۇب كەپتۇ! ــــ ئىشىكئاغا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى.
لۈ بۇۋېي ئىشىكئاغا نەيچىسىمان مىس مەكتۇبداندىن چىقىرىپ ئۆزىگە سۇنغان تېرە قەغەزگە يېزىلغان مەكتۇبنى ئاچتى، دورغاب ۋاڭ ۋەننىڭ جۈەنشۇ خەت نۇسخىسىدا رەتلىك قىلىپ: «شاگىرتلىرى ۋاڭ ۋەن پۈتكۈل ئىقلىمدا تارقالغان ئالەمچە ھۆرمەتلىرىگە، ماڭا كۆرسەتكەن چەكسىز ھىممەت-مۇشفىقلىرىگە ئىچ-ئىچىمدىن ھەمدۇ-سەنا ئېيتىپ ئۇشبۇ مەخپىي مەكتۇبنى يېزىۋاتىمەن! كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ چىن مەملىكىتىدىن ئايرىلىشىم خۇسۇسىدىكى ئول مەخپىي مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم! ئەمما كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ ھاۋالە-كورسەتمىسى بويىچە ئالىيلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتقىلى مانا ئون يىللار ئۆتۈپتۇ! بۇ مەملىكەتكە كەلگىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى،يەنە ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ئالەمچە مۇشفىق-ئىلتىپاتلىرىغىمۇ ئېرىشتىم، ھازىر ئوردىدا ئالىي مەرتىبەدە خىزمەت قىلماقتىمەن،قانداقمۇ پەشنى قېقىپ كەتكۈلۈك؟ پېقىر ۋاڭ ۋەن ئىرپانبەگدىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرمايمەن! چىن پادشاھىغە ئەگەشكىنىمدىن بۇيان پادشاھنىڭ ئىنتايىن غەيرەت-شىجائەتلىك، دانىشمەن ئادەملىكىدىن، ئىلم ساھىبلىرىنى، ئەھلى ئۆلىمالارنى قەدىرلەيدىغان پەزىلىتىدىن، مەملىكەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولۈدىغان ئىخلاسمەنلىكىدىن قايىللىقىمنى باسالماي يۈرۈپتىمەن. ئۇنىڭدىكى ئەدەب-ئەردەم ۋە قابىلىيەت-ئىستېدات پەقىرنى ئۇنىڭغا ساداقەت بىلدۈرۈپ ئەگىشىشكە دالالەت قىلىپ تۇرۇپتۇ،شۇنىڭدەك ئىرپانبەگ جانابلىرىنىڭ چەكسىز شاپائەتلىرىگە كامالىي ئېھتىرامىم ئوخچۇپ تۇرۇپتۇ، چىن پادشاھىنىمۇ ھەم ھۆرمەتلەيمەن! تاللاش مەسىلىسىگە كەلسەم پەقىر ئىنتايىن قىينالدىلەر،ئەمما مەن كېچىچە ئويلىنىپ شۇ قارارغا كەلدىمكى، ئاۋام مەنپەئەتى ئۈچۈن خۇسۇسىي مەنپەئەتتىن كەچمەكلىكىم جائىزدۇر! پەقىرنىڭ چىن پادشاھىغە خىزمەت قىلماغى ئاۋام-رەئىيەت ئۈچۈن، ئىرپانبېگىمگە ھۆرمەت بىلدۈرمەگى شەخسىيەت ئۈچۈندۇر،چۈنكى ئاۋام-رەئىيەت ئىشلىرى خۇسۇسىي ئىشلاردىن ئۈستۈن تۇرماغى لازىمدۇر . بۇ دەل ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نىڭ كۈتكىنىدەك بولۇرلەر! شۇڭا پەقىر قانداقمۇ خۇسۇسىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئاۋام-رەئىيەت خىزمىتىدىن ۋاز كېچەلىسۇن!؟ پەقىرنىڭ خۇسۇسىي پىكرى شولدۇركى: ئىرپانبېگىم قوبۇل كۆرگەيلا! مەملىكەت ئىشلىرى تەھلىكىگە ئۇچرىسا قەلەم-ئەلەم ساھىبلىرى ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالادۇلەر،خۇلاسە كەلام شۇنداغكىم: ھۆرمەتلىك ئىرپانبەگ ھەزرىتىم ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نى قايتۇرۇپ ئېلىپ مەملىكەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بەرگەيلا،مانا شۇ ساداقەتلىرى يۈزىسىدىن تەڭرى ئىنايەتىگە ئېرىشمەكلىكلىرى بەرھەقتۇر!» دەپ يازغان ئىدى.
ــــ ھۇ يارىماس، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ!ــــ لۈ بۇۋېي چېچىلىپ، تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن مەكتۇبنى شىرەگە پاققىدە تاشلاپ قويدى-يۇ، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ ئويغا پاتتى.
ۋاڭ ۋەن خاتالاشتىمۇ؟ ياق! ئۆزى خاتالاشتىمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس! بۇ چىگىش تۈگۈن زادى نەدە؟ لۈ بۇۋېينىڭ رىجە-تەدبىرلىرى بويىچە كىتابنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ناۋادا ئۈنۈمى بولمىسا، بىرمۇنچە ئەربابلارنىڭ شيەنياڭدىن كېتىشى ئىككىنچى قەدەم ئىدى. ۋاڭ ۋەن، ۋاڭ جيەن، لى سى، مېڭ تيەن، جېڭ گو، يەنە باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى بىر تۈركۈم چەبەر كىشىلەرنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى چىن ئېلىنىڭ قابىل تايانچلىرىدىن ئىكەنلىكى لۈ بۇۋېيغا بەش قولدەك ئايان. ۋاڭ ۋەن دورغابلىقتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ۋاڭ جيەن بىلەن مېڭ تيەنلەر سانغۇن، ئاستانە سانغۇنى بولۇشتى، لى سى، جېڭ گولار بولسا چىن بەگلىكى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل بىر سۇ ئىنشائاتى تەمىراتى ئۈستىدە رىجە-لايىھە تۈزۈشۈپ ئىش باشلاپ، پۈتتۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ جايلاشتۇرۇشنىڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، مېڭ تيەندىن باشقا بىرقانچە كىشى لۈ بۇۋېينىڭ يېقىنلىرىدىن ئىدى. ۋاڭ ۋەن لۈ بۇۋېينىڭ قول ئاستىدىكى ياش، قابىل، يېتىشكەن كونا ئەمەلدار، ۋاڭ جيەن لۈ بۇۋېي كۈچەپ ئۆستۈرگەن ئالپ سانغۇن ئىزباسارى ھەم لۈ بۇۋېينىڭ سىپاھلار ئىچىگە خۇپىيانە قويغان خۇپىيەسى، پادشاھ قىيىن كۈنلەردە قالغاندا قۇتقۇزغان تۆھپىكارى ئىدى. لى سى لۈ بۇۋېينىڭ تېخىمۇ قابىل تېجىمەللىرىدىن ئىدى، جېڭ گو لۈ بۇۋېي ئۆزى يارلىق چۈشۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كۆكبېشى، يەنى بۇ ئىككىسى ئەمەلىيەتتە جىڭخې دەرياسى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنى لۈ بۇۋېي ياخشى بىلەتتى ھەم چىن سەلتەنەتىنىڭمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ناۋادا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» چىن مەملىكىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى ياساق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىسا، ۋاقتى كەلگەندە بۇ تايانچلار بىر-بىرلەپ چىن ئېلىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالسا، ئېنىقكى چىن ئېلىگە ناھايىتى ئەجەللىك تەھلىكە بولۇپ قالاتتى، ناۋادا چىن پادشاھى بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ چىن ئېلىنىڭ ياسىقىلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلىشى شەرت ئىدى.
بۇنداق جايلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدا دەل مۇشۇ قەدەم ئاۋام رايىدىنمۇ مۇھىم ئىدى.
ئاۋام رايىغا باقماي بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئاۋام رايىغا بېقىپمۇ بولمايدۇ. ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتقانلارنىڭ دەبدەبىسى بولسىمۇ ئارمانغا يارىشا دەرمانى بولمايدۇ، ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى رازى قىلىپمۇ بولمايدۇ. توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمىگە ئوخشاش ئەمەلىي ياساقلار ئەل رايىنى قۇل قىلىۋالىدۇ، ئەلنى ئەبەدىي ئەمىن-ئاسايىش ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك، ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئۇلۇغۋار تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەنلا ئاۋام رايىنى ئۇيۇشتۇرغىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى جاكارلاش ئارقىلىق ئاۋام رايىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى جەلب قىلىش ـــــ لەشكىرىي كۈچ-قۇدرەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ساھىبقىران ئەمرلەشكەرلەر، چەبەر-تادان ئاقىللار ئەمەل-مەنسەبلىرىدىن كېچىپ چىن ئېلىدىن ئايرىلىدىغان بولسا، ھەرقانچە قۇدرەتلىك لەشكەرلەرمۇ ئاجىزلىشىدۇ. شۇغىنىسى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋاڭ ۋەننىڭ تۇنجى بولۇپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دە ياقلانغان ئاۋام-رەئىيەت قەدىر-قىممىتىنى خۇسۇسىي مەنپەئەت، دەپ قاراپ، مەملىكەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى خۇسۇسىي نەپ-مەنپەئەتتىن ئەلا بىلگەنلىك، دېگەن قارىشىنى باھانە قىلىپ چىن ئېلىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىشى لۈ بۇۋېينى گاڭگىرىتىپ قويدى! ۋاڭ ۋەن مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا تېخى ئۆزىنىڭ «خۇسۇسىي پىكىرى» ئورنىدا لۈ بۇۋېينى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋېلىپ زېھنىنى، خانۇ-مانىنى مەملىكەت سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىشقا قارىتىشقا دالالەت قىلىشى ھەممىدىن چاتاق بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ نەزەرى مۇشۇ قۇرلارغا چۈشكەندە يۈرىكى «قارت»تىدە ئاغدى. ۋاڭ ۋەن گەرچە چىن پادشاھىغا ساداقەتمەن بولسىمۇ ئەمما ئىلمۇ-ئىرپان ئىستىقامەتلىرىدە ئەزەلدىن لۈ بۇۋېينىڭ لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇپ ھىدايەت يولى ئارقىلىق مېھرى-شەپقەت سىياسىتى يۈرگۈزۈش تەلىماتىغا چوقۇناتتىكى ھەرگىزمۇ ئىرادىگە بۇنداق مۇخالىپ دالالەتچىلەردىن ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ بۇنداق بوشاڭلىقى شۈبھىسىزكى چىن پادشاھىنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشۈرەتتى. مۇبادا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولۇپ قالغۇدەك بولسا ياش چىن پادشاھى ئۆزىگە سىياسەت قىلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋالساڭ ئىرپانبەگ يەنىلا ئىرپانبەگ، باش ۋەزىر يەنىلا باش ۋەزىردۇر، دەپ ناھايىتى ئېنىق بىشارەت بەردى، دېگەن گەپ. گەرچە ناۋادا ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋىتىڭ پالانى-پۇستانى بولىدۇ، دېمىگەن بولسىمۇ، بۇنى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت ئەمەسمۇ؟ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى لۈ بۇۋېينى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ياش چىن پادشاھى لۈ بۇۋېي بىلەن ئەزەلدىن ئىناق-ئىجىل ئىدى، ئىلگىرىكى قىيامەت قىسمەتلىرىدە، جەبرى-جاپا زۇلمەتلىرىدە بۇ ئۇلۇغ-كىچىك پادشاھ-ۋەزىر ئوتتۇرىسىدا تالاي مەۋقە-مەپكۈرە ئىختىلابلىرى بولۇنغان، ھەتتا كەسكىن تالاش-تارتىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇنغان. ئەمما ھەرنە قىلغان بىلەن شۇنداق چاغلاردا يىڭ جېڭ قىلچە غۇم-خۇسۇمەتتە بولماي ئىچ-قارنىدىكىنى ئۇدۇللا دەۋەرگەن، لۈ بۇۋېي ئۇنى «ئەدەب» لەشكە ئىزدەپ بارمىسىمۇ ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا «تەلىم-تەۋپىققە دالالەت» تىلەپ كەلگەن. ھەتتا ئەڭ ئېغىر، نازۇك پەيتلەردە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان سالقىن-سوغۇق تەلەت-قاپاقلارغا يۈزلەنگەندىمۇ يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيغا تولىمۇ راستگۇيلۇق قىلغان. ئەمما قاچانلاردا شۇنداق بولدىكىن، مۇشۇنداق مۇھىم مەپكۇرە-مەۋقە ئىختىلابلىرى بولۇنغاندا يىڭ جېڭنىڭ تۈز-ئوچۇقلۇقى غايىب بولدى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
بىردىنلا لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكىنى تىن ئالغۇسىز پاتمان-پاتمان بۇرۇختۇرمىلىق چۇلغىۋالدى.
شاھسانىيە بىلەن لاۋ ئەي توپىلىڭى تىنجىتىلىشى بىلەنلا، يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ساقسىزلىنىپ، بىرەر ئايچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. لۈ بۇۋېينىڭ چىن پادشاھى بىلەن دىدار مۇلاقاتتا بولۇشى شۇنچىلىك ئازىيىپ كەتتىكى، ئايدا ئاران بىرەر قېتىملا دىدار قوبۇلدا بولۇپ، سەلتەنەت سىياسەتلىرىنى كېڭىشىپ بولۇپلا ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ شاھ-ۋەزىرنىڭ كېچە-كېچىلەپ مەيخورلۇق قىلىشىپ ھال-مۇڭدا بولۇشى ئەبەدىي كەلمەسكە كەتتى. لۈ بۇۋېي مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىققىچە ئويلاپ ئاخىر ئۆزىنىڭ شاھسانىيە ۋە لاۋ ئەي بىلەن بولغان خىلمۇ-خىل سىر-مەخپىيەتلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن باشقا ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن پادشاھ ئوتتۇرىسىدا بۇنچىلىك سالقىنلىق پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئۇ بۇنى سۈكۈت ئارقىلىق قوبۇل قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، كەسكىنلىكتە ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان قارام، مەغرۇر بۇ ياش پادشاھ بۇنىڭغا قانداقمۇ تاقەت قىلىپ يۈرگەندۇ؟ يېرىم يىلچە ھېچ ئىش بولمىغاندىن كېيىن، لۈ بۇۋېي ئاخىر پادشاھ مەن بىلەن بىر مەھەللىك «ئاتا-بالىلىق» مېھرىنى ئۈزۈش بەدىلىگە بۇ ئىشقا سەۋر-سالاۋات، تاقەت-ئېھتىيات قىلىپتۇ، پادشاھ پەقىر لۈ بۇۋېينى پەقەت بىر باش ۋەزىر، ئىرپانبەگ، دەپلا بىلىدىكەن، باشقا بىرەر ئىشلاردىن چىن پادشاھىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغاندىكىن، مانا مۇشۇ ئىش ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ ياش چىن پادشاھى مانا مۇشۇ ئىشتىنلا مەندىن يىراقلىشىپ، مەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن، چىن مەملىكىتىنى ئۈچ ئەۋلاد ئامان-ئېسەن ساقلاپ نائىبلىق قىلىپ كەلگەن ئۆزىدەك بىر قېرى باش ۋەزىرى بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشتىن قاچقان گەپ، دەپ ئويلىدى.
گەرچە مەي ئىچمىگەن بولسىمۇ لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولمايدىغان بىرخىل ئىنتايىن ئېغىر، بىنەۋا مەستۇ-مۇستەغرەقلىققا تولغان پەرىشانلىق، دەرد-پىغان چۇلغىۋالدى.
لۈ بۇۋېي ھەسرەتكە چۆمگەندە ئەزەلدىن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمايتتى، كۇتۇپخانىسىدا دەرد-پىغانغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇشنى زادىلا ياقتۇرمايتتى، شۇڭا ئۇ شىرەگە تايىنىپ مەڭدەرىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى. كۇتۇپخانىدىن چىقىپ پېشايۋانلىق سەيناغا كەلگەندە، تېنىگە ئۇرۇلغان ئىزغىرىن كۈز شامىلى ئۇنى سەگىتىپ خېلىلا روھلاندۇرۇپ قويدى. شۇ ماڭغىنىچە قىزغۇچ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان توغراقلىققا كەلدى، شۇ تاپتا ئۇ ئۇيقۇدىن تەلتۆكۈس ئويغانغان ئادەمدەك سەگىپ قالدى. ئادەتتە پادشاھ يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت-ئىلتىپات كۆرسىتىپ غەمخورلۇق قىلاتتى. ۋەلىئەھد تۇرغۇزۇش، يېڭى پادشاھقا كۆز-قۇلاق بولۇش، ئوردا ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، مەملىكەتكە نائىبلىق قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلاردا لۈ بۇۋېي يىڭ جېڭنى ھىمايىسىگە ئېلىپ ھامىيلىق قىلىپ كەلگەن، ھەممىلا ئىشتا يىڭ جېڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ يېتەكلەپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن زادىلا ئەنسىرەپ باقمىغان، بۇ جەھەتتە ئۇ تەڭرى ئالدىدا ئۆز ۋىژدانىغا يۈز كېلەلەيدۇ. يىڭ جېڭ ئىنساب-دىيانەتلىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق ئۆسمۈر بولۇپ يېتىلدى، ئۇ لۈ بۇۋېيدىن ئىبارەت بۇ پەدەرىگە ساداقەت-ئىخلاسى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلدى. ھەر قېتىم شاھسانىيە جاۋ جى بىرەر ئىشقا ئامالسىز قالغىنىدا، لۈ بۇۋېي ئارىغا چۈشسىلا يىڭ جېڭ زادىلا قارىشى تۇرمايتتى. ناۋادا شاھسانىيە بىلەن لاۋ ئەي تېرىغان سەتچىلىك، ئىچكىي نىزا سەۋەبلىك يۈزىگە نومۇس تامغىسى بېسىلمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ چىن پادشاھى بىلەن ئاتا-بالىلاردەك مېھر-شەپقەتلىك شاھ-ۋەزىرلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىغا لۈ بۇۋېي شۈبھىسىز ئىشىنەتتى، ئۇلار ئارىسىدا ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىدا ئىختىلاب كۆرۈلۈپ يۈزتۇرانە مۇنازىرە-دەتالاش بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا ئەپۇچانلىق شەمشىرىنى بىلىشىپ سەلتەنەت ئىشلىرىغا بىرلىكتە كۈچىگەن بولاتتى. يىگرىمە نەچچە يىلدىن بېرى سەلتەنەت يۈرگۈزۈشتە لۈ بۇۋېي ئىزچىل تۈردە مەملىكەت سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىپ ھىدايەت يولى تۇتۇپ، جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە ئاساس سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىنى چىن سەلتەنەتىدە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تامامەن ئاقىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ياش چىن پادشاھى سەلتەنەتنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ باقمىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، شاھسانىيە بىلەن لاۋ ئەي تۇغدۇرغان سەتچىلىكلەر، ئىچكىي نىزالار بىرياقلىق قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئۇلۇغ-كىچىك شاھ-ۋەزىر بىلىپ-بىلمەي يىراقلىشىپ، چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىركىشىپ تۇرۇپ قالدى...
ــــ ئىرپانبېگىمگە مەلۇمات: لى سى جىڭخېدىن قايتىپ قەسىرگە كەلمەستىن شاھ كېمىسىگە چىقىپتۇ!
ــــ لى سى؟ شاھ كېمىسىگە چىقىپتىما؟
لۈ بۇۋېي بىر ھازاغىچە داڭ قېتىپ ھاڭۋاقتىلارچە مېڭىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قويۇق تۇمان قاپلىغان ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى.
گۇگۇم چۈشكەندە، لى سى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ باش ۋەزىر قەسرىگە كىرىپ كەلدى.
ئۇلار ئىللىق سارايدا كۆرۈشتى، لۈ بۇۋېي تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا لى سى ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەندە شاھ كېمىسىگە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى تۈزۈت-پۈزۈتمۇ قىلماستىن ئېقىتماي-تېمىتماي سۆزلەپ بولۇپ، ئاخىرىدا سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا لۈ بۇۋېينىڭ پەيتنى پەملەپ، زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، چىن پادشاھىغا بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارمىقى خۇسۇسىدا نەسىھەت قىلدى. لۈ بۇۋېي مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، دېگەن قانداق گەپكىن ئۆزى؟ــــ دەپ سورىدى.
ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش دېمەككىم بارچە ئىشتا ياساق بويىچە ئىش كۆرمەكلىك ئىكەن! ــــ دېدى لى سى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتىپ. لۈ بۇۋېي يەنە كۈلۈپ كەتتى ۋە:
ــــ تەقسىرنىڭ بۇ گېپىچە كەمىنىلىرى ياساق سىرتىدا خۇپىيانە ئىش قىلغان ئوخشىمامدىمەن؟ــــ دېدى ئاچچىق كىنايە ئارىلاش. لى سىمۇ تىتمىسلاپ ئولتۇرماستىن:
ــــ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» مەملىكەتنىڭ ئۇلۇغۋار رىجەلىرىگە چېتىشلىق بولغاچقا، ئوردا كېڭىشىدە دەلىللەنمەي تۇرۇپ تارتۇق بېرىش يولى بىلەن ئاشكارا تەرغىب قىلىش ھەقىقەتەن چىن ئېلى ياسىقىغا مۇخالىپتۇرلەر؛ مېھرىبانلىق سىياسىتى ھەم چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئەھكاملىرىغا مۇقابىلدۇر؛ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى چىن مەملىكىتىگە رەھنەمالىق قىلغاندا چىن ياسىقىغا ئەمەل-ئىتائەت قىلىپ مەملىكەت سەلتەنەتىنى يېتەكلىمىكى ۋاجىپتۇرلەر!ــــ دېدى.
ــــ تەقسىرنىڭ يۈزدە ھېماتچى بولۇپ دۈمبىدىن خەنجەر ئۇرۇشى پەيتنى پەملەپ زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلىگىنىكىنە!ــــ لۈ بۇۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۆتكۈر تىغدەك ياپتا-كىنايىلىرىدىن لى سىنىڭ ئۆڭ-سىلى ئۆچۈپ، تاتىرىپ-بوزىرىپ ئۇجۇقۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا سۆزىنى داۋام قىلدى:
ــــ ئەينى چاغدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە باش مۇھەررىر بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈلىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشىم جانابىي ئىرپانبېگىمنىڭ مۇشفىق-ھىممەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم خۇسۇسىدىن ئىدى، ھالا بۈگۈن ئىرپانبېگىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا ۋەزخانلىق قىلىشىم ئىشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزاھات بەرگىنىمدۇر؛ شەپقەتچىمگە تۇزكورلۇق قىلىپ دۆلەت ئەھكاملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم زامان تەقەززاسىدىن بولدى، پەقىر لى سى بۇنى خاتا دەپ قارىمىدىم!
ــــ بولدى بەس لى سى، گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن!ــــ لۈ بۇۋېي ھارغىن قىياپەتتە قولىنى سىلكىدى.
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇ سۆھبەتتە لى سى ئىرپانبەگنىڭ خۇپىيانە تۇتقان بۇ كىتابى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى، ئىرپانبەگمۇ لى سىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە لام دېمىدى. تۆرە بىلەن تېجىمەللىك باردى-كەلدىسىنىڭ مۇشۇ يەردە تامام-ۋەسسالام بولغانلىقى ھەر ئىككىسىگە بەش قولدەك ئايان بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ « گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن» دېگىنىدىن لى سى ھەممىنى بىلدى. بىر چاغلاردا مەملىكەت ھوقۇق-ئىمتىيازىنىڭ چوققىسىدا سەلتەنەتنىڭ ھەكەملىك قامچىسىنى قارسىلداتقان بۇ روھسىز بوۋاي نېمىلا دېگەن بىلەن لى سى چوقۇنۇپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن جاھاندىكى ئەڭ دانا ۋەزىر ئىدى، ناۋادا تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، ئۆزىمۇ بۇ بوۋايغا سوڭدىشىپ تەگسىز سازلىققا چۆكۈپ كەتكەن، نەچچە مىڭ گەزلىك چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ كەتكەن بولاتتى.
ــــ بولدى بەس لى سى، ئاخىرقى سۆزۈم شۇدۇركى، بۇنىڭدىن كېيىن دىدارلىشىپ قالمايلى!
ــــ ئىرپانبېگىمنىڭ تەلىمىگە مۇھتاجمەن!
چىدىغۇسىز ئۇزاق بىلىنگەن سۈكۈتتىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتىپ:
ــــ تەقسىر، ئۆزلىرى كاتتا ئىستېدات ئىگىسىدىن، پاراسەت ساھىبىدىن بولىدىلا. شۇڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلگەچكە پەيتنى پەملەپ زامان ئوزايىغا بېقىپ يامان ئىش قىلمىدىلا. شۇنداق ئىكەن پەقىرلىرى بىلەن تەقسىرىمنىڭ پېشانىسىگە مەسلەكداشلاردىن بولۇش نېسىپ بولمىغان چېغى، شۇڭا بىزنى قانداقمۇ تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن دەيلا! ئەزەلدىن ياراتقان تۆھپىنى قەدىرلىمەك باردۇر، ئەمما ئەدلۇ-ئادالەتنى تېخىمۇ قەدىرلىمەك باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتنى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مىزانى قىلماق ھەم باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتلىك ئىش قىلىش كەمىنىلىرىنىڭ جاھاندارچىلىق مىزانىمدۇر. كەمىنىلىرى كىچىكىمدىنلا سودا-تىجارەت يولىدا كارۋان تارتىپ ساھىبقىرانلىققا ئۇلاشقان بولدۇم، مۇشۇ ئاتمىش نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن ئىش قىلىش مىزانىمدىن ئەسلا تايمىدىم! جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈش ھۆكۈمدارلىق ھاياتىمدىكى بىردىنبىر يول بولۇپ كەلدى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك مىزانىدۇر. كەمىنىلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلادنى قويۇپ تۇرۇپ بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدە ئىرادەمگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ بەگ-تۆرە بولۇۋېلىپ تىرىك يۈرسەممۇ ئۆلگەندىن پەرقىم قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم مىڭ-مىڭ ئەۋزەلدۇر!ــــ دېدى تەۋەززۇ-كىنايە ئارىلاش.
ــــ ئىرپانبېگىم...ــــ لى سى بىر نېمە دېمەكچى بولدى-يۇ يەنە توختاپ قالدى، ئۇ ئاخىر ھېچنېمە دېمەي بېشى چۈشۈپ سالپايغىنىچە كېتىپ قالدى.
ھۇجرىسىغا جىمجىتلا كىرىپ كەلگەن لۈ بۇۋېينىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى بوشىشىپ كەتتى، كاللىسى قۇپ-قۇرۇق، كۆڭلى بۇرۇختۇرمىلىققا غەرق بولۇپ، يۈرىكى چوغدەك يېنىپ كاۋابتەك پۇچىلاندى، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم يېشىنمەيلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى، شۇ ياتقانچە ئەتىسى كۈن چۈشتىن قايرىلغاندىلا ئاندىن ئويغاندى. ھۇجرىدا ئايال مالاي مىشىلدىغىنىچە يىغلاپ تۇرۇپ «تۆرەم، كېچىچە قىزىپ چىقتىلا» دەپ قەسىرنىڭ ئەمچىسىنى چاقىرتىپ كىرگىنىنى، دورا ئىچكۈزۈپ يىڭنە سانجىپ داۋالىغان بولسىمۇ ئىرپانبەگنىڭ ئويغانمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، خانىم ۋە غوجىدار مو خۇ ئۆيدە بولمىغاچقا ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلالماي قالغانلىقىنى، ناۋادا باش ۋەزىرگە ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئۆزىدەك بىر ئايال مالاينىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي كۈلۈپ كەتتى ۋە ئايال مالاينى بەزلەپ «ھۇجرامغا ئەمچىنى باشلاپ كىرىپ تۆھپە كۆرسىتىپسىز، نېمە ئۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن، دېگەن؟ ھايات بىلەن مامات پەقەت تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا بولىدۇ، پەقىرگە ھېچ ئىش بولمىدىغۇ مانا» دەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇۋىدى، ئايال مالاي چۆچۈپ كەتكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى. لۈ بۇۋېي قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى باسالماي مۇنچىغا كىردى، ئايال مالايمۇ ئەمچىنى چاقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي لۈ بۇۋېينىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. بىرەر ئاش پىشىمغىچە قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. قەسىر ئەمچىسى ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، يەنە ئىككى-ئۈچ بولاق دورا ئىچكەندىن كېيىن قىزىتمىنىڭ يانىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي قول ئىشارىسى ئارقىلىق دورا ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە غەربىي يۇرت بېدىسى سېلىنغان قىزىق قوي گۆشى شورپىسىدىن ئىچىپ تازا بىر تەرلىگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
ــــ باش ۋەزىرىمگە مەلۇمات: شيەنياڭ كاھبېگى④ قوبۇلخانىدا باش ۋەزىر جانابلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ!
ــــ شيەنياڭ كاھبېگى ؟ خاتا ئەمەستۇر؟
ــــ پەقىر ئۇ كىشىنى تونۇيمەن، ھەقىقەتەن شيەنياڭنىڭ كاھبېگى بولىدۇ! ــــ ئىشىكئاغا خاتالاشمىغان ئىدى.
ــــ ئۇ كىرسۇن! ــــ لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولۇپ، چىرايى جىددىي تۈس ئالدى.
ھەش-پەش دېگۈچە ساراي سىرتىدىن گۈرسۈلدىگەن ئاياغ تىۋىشى كەلدى، دۇبۇلغا-ساۋۇتلۇق، ئۆسكىلەڭ ساقال-بۇرۇتلىرى تۇتىشىپ چاڭگاكلىشىپ كەتكەن، سانغۇنلاردەك سۈر-ھەيۋىسى چىقىپ تۇرغان بىرى كىرىپ كەلدى ۋە:
ــــ نەۋكەرلىرى شيەنياڭ كاھبېگى يىڭ تېڭ بولۇمەن، ئىلگىرى باش ۋەزىرنى كۆرگەن ئىدىم، ــــ دېدى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى جۈپتەكلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ.
ــــ نېمە ئىش؟
ــــ نەۋكەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاستانە شيەنياڭنىڭ قوشۇمچە پاششاپبېگىمەن، باش ۋەزىرىمگە شۇنى ئالاھىدە مەلۇم قىلىمەنكى: تۆۋەن قوۋۇق سىرتىدا نەچچە كۈندىن بېرى ئادەم، ئات-ئۇلاغ، ھارۋا-مەپىلەر تىقما-تىقماق بولۇپ كەپلىشىپ قالدى، كۈن چىقىشتىن كەلگەن كەلگىندى ئۇششۇقلار بۇنى غەنىيمەت بىلىپ ئاتمىش نەچچە قېتىم ئوغرىلىق قىلدى، ئات-ھارۋا قىستاڭچىلىقىدا ھارۋا بىلەن ئادەملەر يول تالىشىپ، دەسسىلىپ يارىلانغانلار يۈزدىن ئېشىپ كەتتى. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم تىرىكچىلىكى ئۈچۈن نەۋكەرلىرى باش ۋەزىرىمنىڭ يارلىق چۈشۈرۈپ تۆۋەن قوۋۇقنىڭ سىرتىدىكى كۈن چىقىش سېپىل تېمى ئەتراپىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزەتكەنلەرگە ئىنئام بېرىدىغان ئىشنى يىغىشتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم!
ــــ قانداق دېگەن گەپ بۇ! ــــ لۈ بۇۋېي شۇ ھامان غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. چىن ياسىقى بويىچە بولغاندىمۇ بىر كاھبەگنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى قارىمىقىدىكى ئىشىكئاغا بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ دەرىجىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك. شيەنياڭنىڭ ئامانلىقىدا چاتاق چىققانىكەن، شيەنياڭ ھاكىمى ئۆزى كېلىپ يوليورۇق سورىشى كېرەك ئىدى، كىچىككىنە بىر كاھبەگنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ باش ۋەزىر سارىيىغا ئۈسۈپ كىرىپ «ھوقۇقىنى پەش قىلىشى» غەلىتە-يوچۇنلا بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا بىرەر گەپ بارلىقىنى، ھەتتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلماقنىڭ ئاقىلانە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما لۈ بۇۋېي ئۆزىدەك بىر ئۈچ ئەۋلاد پادشاھقا باش ۋەزىر بولغان مۆتىۋەللىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك بۇنداق قىلمىشتىن يەنىلا قاتتىق غەزەبلەندى ۋە سوغۇققىنە كۈلۈپ شىرەنى مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــــ تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىش مەرىپەت سارىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشتۇر. مەرىپەت سارىيىنىمۇ پادشاھىمىز تەسىس قىلغان. كاھبەگنىڭ پەقىر ئالدىدا تىلىنى چاينىشى بىھاجەت، مەرىپەت سارىيىنىڭ خەلپەتبېگى بىلەن كۆرۈشسۇنلار!ــــ دېدى.
ــــ ھە...شۇنداقكەندە، ئەمىسە نەۋكەرلىرى خوشلىشاي!ــــ كاھبەگ ئارتۇق گەپمۇ قىلماي قوللىرىنى سالغىنىچە سۈر-ھەيۋىسىنى پەش قىلىپ ئالچاڭلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
لۈ بۇۋېي غەزەبتىن بىردە بوزىرىپ، بىردە تاتىرىپ كەتتى، تەقلەپ قويۇلغان ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل مەرىپەت سارىيىغا يول ئالدى. مۇنەججىملەر ئىستىقامەتخانىسىدا بىرتوپ تېجىمەل-قوناقلارنى يېنىغا چاقىرىتىپ شيەنياڭ كاھبېگىنىڭ ئىشىدىن ئىخچاملا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن مەيلى قانداق ئىشلار يۈزبېرىشىدىن قەتئىينەزەر تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىنئام بېرىش ئىشىنى پادشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ بىكار قىلمىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تاپىلىدى. تېجىمەل-قوناقلار دەرغەزەبكە كېلىشىپ، دەرھال تېجىمەللىرىنى توپلىشىپ تۆۋەن قوۋۇق سىرتىغا كىتاب ساقلاشقا يۈرۈپ كېتىشتى.
ئىزاھاتــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــلار
① سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى: چىن ۋە خەن بەگلىكىدە ئومۇملاشقان جازانىڭ يېنىك بىر تۈرى. بۇ جازاغا بۇيرۇلغانلار ئورۇن-كۆرپە، يېمەك-ئىچمىكىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ سەھەر تۇرۇپ سېپىل خەندىكى قازىدۇ.
② پەرمانچى: چىن بەگلىكىنىڭ ئەمەل نامى، يارلىق،ھۆججەت-مەلۇمات يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. يارلىق ھارۋىسى: يارلىقچىلار مەھكىمىسىنىڭ تۇغى قادالغان،مەزكۇر مەھكىمىنىڭ بەلگىسى سېلىنغان، بەگلىك ھۆججەت-يارلىقلىرى، مەلۇمات يەتكۈزۈدىغان ھارۋا.
③ چىن بەگلىكى ئايماق-ناھىيىلەردە لەشكىرىي ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلغاندا ئەمىنلىك مەھكىمىسىگە پاششاپ تەسىس قىلغان، بۇلار ۋىلايەت كاھبېگى، ناھىيە كاھبېگى، دەپ ئاتىلىپ ۋىلايەت-ناھىيەلىك مەھكىمىگە قاراشلىق بولغان. ئاستانىدە تەسىس قىلىنغان كاھبەگ ۋىلايەتتە تەسىس قىلىنغان كاھبەگ بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئۇنى شيەنياڭ كاھبېگى، دەپ ئاتىغان. لەشكىرىي مەنسەپتىمۇ كاھبەگ بىلەن باراۋەر مەنسەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئارىچى تۇرشاۋۇل،دېيىلگەن.