تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 7

بوپتۇدەك (ساتېرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
486
تۆھپە
155
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 13:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساتېرا

5 [' T) F5 \0 v1 z' n& ^7 j  N( F( T

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


8 R0 S) W$ Z! `# e. H

بۇ يەردە بۇ ئىش بوپتۇدەك، ئۇ يەردە ئۇ ئىش بوپتۇدەك،

ھاڭگا تېرەكنىڭ شېخىدا، مۇناقى كىشمىش بوپتۇدەك،

ئۆلگەن تۆگىنىڭ ئۈستىگە، تاغارنى ئارتىش بوپتۇدەك،

نەدىدۇر تاڭدا قۇياش، ئارقىغا قايتىش بوپتۇدەك،

بۇ خەۋەر ئالەم ئارا ئېقىپتۇ، مىش-مىش بوپتۇدەك.

7 o$ ]4 k: b2 J! U

راستمىدۇ؟! ھاڭگا ئېشەك تۆتنى تۇغۇپتۇ، دەيدىغۇ!

نېمە دەي!؟ بىر تال پاشا سانى بوغۇپتۇ، دەيدىغۇ!

ھەسسىنەي، بىر ئۆمۈچۈك زىلچا توقۇپتۇ، دەيدىغۇ!

بىلمىدىم، پاڭقۇش تېكە ناخشا ئوقۇپتۇ، دەيدىغۇ!

ئۆمىلەپ يۈرگەن پاقىدا ئاسمانغا قاڭقىش بوپتۇدەك.

( m% o- i8 u, N' g" Y5 Y! \

بۇرناكۈن ناخشا ئوقۇغان چولپان ئۆلۈپتۇ، ياپىرىم!

ئاق چېكەرمىش ئەسلىدە، گاھى نېشە، تارتىپ چىلىم.

ئاۋۇ دىكتور بەك قېرىمىش، ياش كۆرسىتەر ئەسلى گىرىم،

ماۋۇ ئارتىس ھەر ئېلاندا، قىلار ئىمىش مىليون كىرىم،

چىقسا ئەگەر پاھ، كوچىغا ھەر جايدا ئالقىش بوپتۇدەك.

8 E8 V( z) ]2 X* S$ f/ v" N

ئاۋۇ گىتارچى ئاداشنىڭ، بارماقلىرى قالغاچ قېتىپ،

سەھنىگە چىقماس ئىكەن، تارتىپ كېسەل قاپتۇ يېتىپ،

ئەسلىدە چالار ئىمىشكەن، داپنىمۇ توكقا چېتىپ،

قايسى بىر ناكەس چىدالماي، بارماقلىرىنى چورت كېسىپ،

سۆرىشىپ دەۋا بىلەن، ھەپسىگە تارتىش بوپتۇدەك.


% j7 w4 k  r: M4 i8 L( P! Z

ئاۋۇ چىرايلىق ناخشىچى يۈرگەن بىلەن پاھ، سەھنىدە!

ناخشا ئېيتارمىش كېچىسى، شوپاڭدا ئىشلەپ ئەسلىدە،

يالىڭاچ ئويناپ ئۇسسۇلنى، كىندىك ئېچىپ مەست، بەزمىدە،

يۈرەرمىش كېچەيۇ -كۈندۈز، پۇللا تېپىشنىڭ قەستىدە،

ھەر كۈنى سورۇن تۈزۈپ، ئويناشتا قارغىش بوپتۇدەك.


9 w. k0 ?8 L- o- o8 _

ئاۋۇ پاينەكباش ئاداش، يازدىم دېدى ئالتە كىتاب،

كىم ئىشىنەركىن گېپىگە؟ تۇرسا ئۆزى شۇنچە بىتاپ،

ياق، مېنىڭچە ئۇ چوقۇم كىملەرگىدۇر يوللاپ لىپاپ،

پۇل بېرىپ يازدۇرغىنىنى ھەممە بىلىدۇ، بىر خىتاب،

سالدى كۆڭلۈمنى گۇمانغا، ئەقلىدە ئازمىش بوپتۇدەك.


5 y- D6 q! C/ k3 g/ ^4 r

ئاۋۇ رەسسام ئەسلىدە، سىرچى ئىكەندۇق رەستىدە،

كۈن ئالالماي رەخت بوياپ، جاننى باقاركەن بەزىدە،

ھاممىسىنىڭ ئېرى چوڭ باشلىق ئىمىش ئۈرۈمچىدە،

ھە، ئۇنى داڭلاپ يۈرۈپ ‹‹يېتۈك ئاكادىم!›› دەپتۇ-دە،

كاتتا ئورۇنغا چىقىرىپ، نامىدا ھالقىش بوپتۇدەك.


2 S# S# _& a9 ^  D0 ]

ھېلىقى ئېتوتچىچۇ؟ دوراپ قويۇپ خەقنى بىكار،

يەپ تاياق چوڭ يولدىلا، بولۇپتىمىش ئولجا-شېكار،

بوپتۇمىش ئاچچىقتا ئۇ، زەھەر- خروئىنغا خۇمار،

ھەيدىلىپ ئىشتىن تېخى، ئوينار ئىمىش كۈندە قىمار،

ياق، كۆتەر چولپانلىرىڭنى! ئۇلاردا ئاينىش بوپتۇدەك.


7 [1 U/ K. [! K: e. v/ x

ئاۋۇنى دەيمىش سەتەڭ قىز، ماۋۇنى دەيمىش زاباي،

ئاۋۇنى دەيمىش قوڭالتاق، ماۋۇنى دەيمىش گاداي،

مەن تېخى بىلمەيدىغان، ئىشلارمۇ باركى بىر تالاي،

خەق مېنى ‹‹سۇخەنچى›› دەپتۇ، بىلمىدىم، قانداق ئاتاي؟

مەن بىلەن قوشسا بۈگۈن، دوقمۇشتا ئاتمىش بوپتۇدەك.

9 d$ f* t' ^# K7 e, j0 C( v: A4 Z% W; @

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
486
تۆھپە
155
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 13:14:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساتېرا ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى بوپتۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
486
تۆھپە
155
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 13:15:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئوقۇغانچە ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
847
تۆھپە
251
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 14:27:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن.7 ?+ l2 u9 @) a% k% c! q
جەمئىيەتتە  ساتىرادا دېيىلگەندەك باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشنى كەسپ قىلغان ئادەملەر بارمىكىن دەپ قالىمەن.  بىرسى پالانى ناخشىچى زەھەر چېكىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ گەپ تارقاتسا، يەنە بىرسى پوكۇنى ئۇسۇلچى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ دەپ گەپ تارقىتىۋاتقان. ھەي...


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
251
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 22:19:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بولسا كوپرەك يوللىشىىڭىزنى ئۈمۈت قىلمىن رەخمەت.


Rank: 2

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
90
تۆھپە
48
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 23:56:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغنىڭ ئىجادىيىتى تېخىمۇ كامال تاپقاي!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
50
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 15:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ ئىلھام بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت!


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
457
تۆھپە
234
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بولسا كوپرەك يوللىشىىڭىزنى ئۈمۈت قىلمىن رەخمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:49, Processed in 0.062792 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش