كۆرۈش: 5899|ئىنكاس: 4

سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز ، ئۆگىنىڭ ![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2715
تۆھپە
1483
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 01:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەپتىن چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، ئۆگىنىڭ!


مۇھەممەدجان مىرسال


   ئۆگىنىش ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما. بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن، ئىلگىرىلىشىنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىشكە ئىجتىھات قىلىش – قىلماسلىقىغا باغلىق. ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش شارائىتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېزلا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتتە نەتىجە قازىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىشكە ئىجتىھات كۆرسەتكەنلىكىدە.
   ئۆگىنىش تىلغا ئېلىنسىلا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بىر ئاغىنەم يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ ئەسلى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئەمما ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ‹‹ئۆگەنگەن كەسپىمدىن باشقا كەسىپتە ئىشلىسەم قىينىلىپ قالىمەن›› دېمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئىزدەپ، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ۋاقىتلىق توختام بىلەن ئورۇنلاشتى. ئۇ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، پېشقەدەملەردىن، خىزمەتداشلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى، ئىشنىڭ ئېغىرىنى تالىشىپ قىلدى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇپ، تورغا چىقىپ ماتېرىيال كۆرۈپ، خەۋەرلىشىش كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىدى ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى خىزمەتتە دادىل ئىشلەتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇزاققا قالمايلا شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدى، يەنە تېخى شىركەتتىكى ئەتىۋارلىق تايانچ خادىمغا ئايلاندى...
   دېمەك، ئۆگىنىمەن دېگەن ئادەمگە ھەر ۋاقىت پۇرسەت بار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقانغا ئەلۋەتتە نۇسرەت يار بولىدىكەن. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈيۈك ئەسىرى ‹‹قوتادغۇبىلىك››تە ‹‹كىشى ئۆگىنىش بىلەن ئالىم بولۇر، بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭلىنۇر›› دېگەن. بىلىم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇۋاتقان ھازىرقى دەۋردە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈنمۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈنمۇ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۆگەنمەي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، زامانغا باپ تونۇش يېتىلدۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ نىشانلىق ئۆگىنىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش تولىمۇ مۇھىم.
   ئادەم ئۆمۈر بويى ئۆگىنىشكە موھتاج بولىدۇ، چۈنكى بوشاشماي ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشقاندىلا، ھايات مەنزىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، ئىرادىسىنى تاۋلىغىلى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتكىلى، دۇرۇس ئادەم بولۇشتىكى ئاساسىي قائىدىلەرنى چۈشىنىۋالغىلى؛ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ، تېز ئىلگىرىلىگىلى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماھارەت ئىگىلەپ، پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، ھازىر قىسمەن كىشىلەردە ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان، قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەيدىغان، تەكىتلىسە ئۆگىنىپ، تەكىتلىمىسە ئۆگەنمەيدىغان ھالەت باش كۆتۈرۈپ قالدى. بەزىلەر ئۆز – ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەيدۇ، بەزىلەر خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، ‹‹كونا دەسمايە››گە تايىنىپ، ئەپلەپ – سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بوش ۋاقىتلىرىنى ئويۇن – تاماشا، تۈگىمەس مېھماندارچىلىق، قۇرۇق پاراڭۋازلىقلارغا بىھۇدە قۇربان قىلىۋاتىدۇ. ئۆگىنىشكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغلايمەن دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن يۇقىرىقىدەك بىھۇدىلىكلەردىن قول ئۈزۈشىمىز كېرەك.
   بىزدە: ‹‹ئۆز – ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى›› دېگەن گەپ بار. شۇڭا، ھەقىقىي ئۆگىنىمەن، بىلىم ئىگىلەيمەن دەيدىكەنمىز، ئۆز – ئۆزىدىن قانائەتلىنىشتەك ناچار ئىللەتنى تۈگىتىپ، زېرىكمەي، ھارماي – تالماي ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بىلىمنىڭ چېكى بولمىغان ئىكەن، ئۆگىنىشنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ. بۇرۇن خىزمەت سەۋىيەمىزنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى داۋاملىق يۇقىرى بولۇۋېرىدىغانلىقىدىن، بۇرۇن بىلىملىك بولغانلىقىمىز يەنىلا بىلىملىك بولۇۋېرىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئۆگەنمىسەك، بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمىز يىللارنىڭ ئۆتۈشى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، پەن – تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئاستا – ئاستا كونىرايدۇ دە، بىلىپ – بىلمەيلا بىلىمسىزلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالىمىز ھەم رەھىمسىز رىقابەت داۋامىدا مۇقەررەر شاللىنىپ كېتىمىز. دېمەك، خىزمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى، داۋاملىق بىلىملىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى، دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشنى ئويلىساق، چوقۇم ئۆگىنىشكە باشتىن – ئاخىر ئىجتىھات قىلىپ، ئېڭىمىزنى يېڭى نەزەرىيە، يېڭى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ، بىلىم سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، بىر كۈن ئۆگەنمىسەك كۆڭلىمىز غىزا تارتمايدىغان، كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرسەكلا، زاماننىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ دادىل ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
   خىزمەت داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۆگىنىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئۆگىنىشتىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، بىلىم سەۋىيەسى، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. دېمەك، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك كىتاب ئوقۇغانلىقىمىز، قانچىلىك خاتىرە قالدۇرغانلىقىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ساپايىمىز ھەم خىزمەت ئىقتىدارىمىزنىڭ قانچىلىك ئۆسكەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. داۋاملىق بوشاشماي ئۆگەنسەك ۋە ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە دادىل تەتبىقلىساقلا، ئۆگىنىشتە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىزمەت ۋە كەسىپتە ئۇتۇق قازىنالايمىز. شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزمىگەنلىك، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىيالماسلىق ئۆگەنمىگەن بىلەن باراۋەر.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
6016
تۆھپە
554
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 21:40:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   « ئىنساننى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندەيدىغان بىرلا خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۈزلىكىدىن ئۆگىنىشتۇر »   - كارل روگېرس   
   ئۈزلىكىدىن ئۈگەنگەن نەرسە ئادەمنىڭ ئېسىدىن ئاسان كۆتۇرۇلۇپ كەتمەيدۇ . ئۆزى قىزىققان نەرسىنى ئۈگىنىش بەكمۇ كۆڭۇللۇك ئىشتۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىنچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-24 21:40  



مورى ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن .

Rank: 4

تىللا
234
تۆھپە
89
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزلىگدىن ئۇگۈنۈش ياخشى  ئىش ،تىمىلىرىڭىز تىخىمۇ بەركەتلىك بولگاي


Rank: 3Rank: 3

تىللا
195
تۆھپە
87
UID
22559
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم توختىماي ئۆگەنگەندىلا ھاياتى مەنىلىك رەڭدار بولىدۇ


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
6
UID
29403
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۈگىنىشنى ، ئۈلگە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 21:53, Processed in 0.076415 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991