ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بەش خىل ئۇسۇلى
تۆۋەندىكى بەش خىل ئاددىي ئۇسۇل ئۆمرىڭىزنى 22 يىل ئۇزارتالايدۇ:
1. ھەر كۈنى خام كۆكتاتتىن ئازراق يەپ بەرسىڭىز ئۆمرىڭىز ئىككى يىل ئۇزىرايدۇ.
2. ئەگەر BMI ( تەندىكى ياغنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ) دائىم 25- 30 0ئەتراپىدا بولسا، ئۆمۈرنى ئۈچ يىل قىسقارتىۋېتىدۇ. شۇڭا ، ئېغىرلىق ئېشىپ كەتكەندە، چوقۇم چېنىقىپ بېرىش كېرەك. تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئولتۇرۇپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم چېنىقىپ بېرىشى كېرەك.
3. ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم قاتتىق پوستلىق مېۋە يەر بېرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئۇزىرايدىكەن. ھەر كۈنى يۈرەككە مەنپەئەت قىلىدىغان قاتتىق پوستلىق مېۋىلەردىن ياڭاق قاتارلىقلارنى 50 گىرام ئەتراپىدا يەپ بېرىش كېرەك.
4. كۆپ دوست تۇتىدىغان ئادەمنىڭ ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە يىل ئۇزىرايدىكەن.
5. ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان ياشانغانلارغا قارىغاندا قېرىپ كېتىۋاتقىنىغا خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغانلارنىڭ ئۆمرى يەتتە يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.
ئەنۋەر ئەخەت تەرجىمىسى