ئىككى بايرام مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى قېتىم سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ
بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى بىلەن ‹‹ دۆلەت بايرىمى ›› بىرلىكتە كەلدى، لېكىن بۇ سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىشتا ھاۋا رايى ئانچە ياخشى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ : 30 - سېنتەبىردىن 7- ئۆكتەبىرگىچە، ئىككى قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى قېتىملىق سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ، شىمالىي شىنجاڭ ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن℃2 دىن℃4 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
28-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لى رۇچى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى : 30 -سېنتەبىر كېچىدىن 2 - ئۆكتەبىر كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربىدىكى رايونلاردا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا℃5 دىن℃8 قىچە تۆۋەنلەپ، 4 ~ 5 بال شامال چىقىدۇ؛ 7- ئۆكتەبىرنىڭ ئالدىن كەينىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا يەنە بىر قېتىم يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا 3 -ئۆكتەبىردىن 5 - ئۆكتەبىرگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركىزىي شەھەردە 5 - ئۆكتەبىر تېمپېراتۇرا℃8 دىن℃19 گىرادۇسقىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃15 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃5 بولىدۇ.
لى رۇچى مۇنداق دېدى : 1 - قېتىملىق سوغۇق ئېقىم دەل تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربىدىكى رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاي، ئالتاي ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ؛ ھۆل - يىغىن كۆرۈلگەن رايونلاردا 4 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 ~ 10 غا يېتىپ، تېمپېراتۇرا℃5 دىن℃8 قىچە تۆۋەنلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، 28 - سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت رايونلىرىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىنى تارقاتتى، قاناس مەنزىرە رايونىدا 1 - ئۆكتەبىر كېچىدىن باشلاپ، يامغۇر ياكى قار ياغىدىغان بولۇپ، تېمېپېراتۇرا℃10 تىن تۆۋەن بولىدىكەن، بۇغدا كۆلى، بۇيلۇق، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قۇمتاغ مەنزىرەگاھىدا ھاۋا بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلىسىمۇ ، ھۆل - يىغىن ئانچە كۆپ بولمايدىكەن. 1 - ئۆكتەبىردىن 2 - ئۆكتەبىرگىچە، نارات، بايىنبۇلاق ۋە سايرام كۆلىدە كۆرۈنەرلىك يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - ئۆكتەبىر كۈندۈزدە، ناراتتا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بايىنبۇلاقتا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي خۈيشىڭ مۇنداق دېدى : بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى كۈنى ، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ يامغۇر ياغىدىغان بولغاچقا، ئۈرۈمچى ۋە شىمالىي شىنجاڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاينى تاماشا قىلغىلى بولمايدۇ. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئېلىنمايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقىشى مۇمكىن، لېكىن قار - يامغۇرلۇق ھاراۋايى قاتناشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا كۆرۈلگەن ھۆل - يىغىن قىسمەن رايونلاردا گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا سىرتلارغا چىقىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى يامغۇدىن ساقلىنىش جابدۇقلىرىنى ئېلىۋېلىشى ھەمدە قاتناش بىخەتەرلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىم.