كۆرۈش: 16252|ئىنكاس: 12

شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6104
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى


_MG_2469.JPG



    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى ئالىمجاننىڭ شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: 28 – سېنتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:00 تە،2012 – يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 24 – ئايلانما مۇسابىقىسى شاڭخەي جىنشەن تەنتەربىيە مەيدانىدا شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسى ۋە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ كوماندىسى چەكلەنگەن رايوندا بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 2 – نومۇرلۇق ماھىر مۇستاپا بۇ ئاساسىي جازا توپنى ياي شەكىل چىقىرىپ ناھايىتى چىرايلىق كىرگۈزۈۋەتتى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن ساھىبخان كوماندا شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنى يېڭىپ 3 نومۇرغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى شىمالىي رايون بويىچە بەشىنچىلىككە ئېرىشىپ، بۇ يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىر نومۇر پەرق بىلەن قايتىلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى.
    مۇسابىقە باشلانغاندا ساھىبخان كوماندا شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسى ئاكتىپلىك بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى، شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدى، شاڭخەي كوماندىسى يان تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئەسى ئاستىدا شاڭخەي كوماندىسى ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمىدى، ئەكسىچە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 7 – نومۇرلۇق ماھىر ئەسقەر بىر قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرگەندە قارشى تەرەپنىڭ بېكى تەرىپىدىن يېقىتىۋېتىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسى ئىختىيارى توپقا ئېرىشتى، 2 – نومۇرلۇق ماھىر مۇستاپا سالماقلىق بىلەن بۇ توپنى ناھايىتى چىرايلىق ياي شەكلىدە تەپتى، قارشى تەرەپ ۋراتارسى بۇ توپنى توسۇپ قالالمىغانلىقتىن، شىنجاڭ كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. توپ كىرگەندىن كېيىن، شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىدا بىر ئاز ھۇدۇقۇش كۆرۈلۈپ، تاكى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئاندىن ئەسلىدىكى مۇسابىقە ھالىتىگە قايتىپ كەلدى.
    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈن مەيدان مۇداپىئە ھالىتىدە بولدى، توپ كۆپ ۋاقىتتا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېرىم مەيدانىدا بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قايتىلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئېنىق، شاڭخەي كوماندىسى بولسا بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلسا، ئاندىن كېيىنكى باسقۇچلۇق شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك كوماندىنىڭ مۇسابىقىدە يېڭىش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى، بۇمۇ شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىغا ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋراتاسى ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر توپىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋراتارسى تەرىپىدىن ۋراتا سىرتىغا چىقىرىۋېتىلدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن بىر توپ بىلەن شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنى يەڭدى، ئاخىرىدا بۇ يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەشىنچى بولدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئەزالار ھاياجان ئىلكىدە بىرلىكتە يىراقتىن كەلگەن شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە غەلىبىنى تەبرىكلىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باشلىقى: گەرچە بىز شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىرەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن بىز قانائەتلەندۇق، كۆپچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىغىچە غەيرەت قىلدۇق، دېدى.

_MG_2242.JPG


_MG_2423.JPG


_MG_2167.JPG


_MG_2225.JPG


_MG_2446.JPG


$R6WHA91.JPG


$RQEJIYO.JPG


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
112
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى مىليونلىغان پۇتبول مەستانىلىرى تاش ئالما كوماندىسىدىكى يىگىتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز.


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
2
UID
22632
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماشىبىن ئارىسىدىن ئۆزۈمنى تېپۋالدىم


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىرىكلەيمەن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نىجات
تىللا
200
تۆھپە
53
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ!!!!!!!!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نىجات
تىللا
200
تۆھپە
53
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1786
تۆھپە
181
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىرىكلەيمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىلەرگە ئەزىمەتلەر ، بىر ياز بىز ئۇچۇن جاپا چەكتىڭلار ، شۇنداقلا جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردىڭلار. سىلەرنىڭ كېلەر يىللىق مۇسابىقىدە تەجرىبىلەرنى يەكۇنلەپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭلارغا تىلەكداشمىز، شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرى سىلەرنىڭ ئارقا تىرىكىڭلار، تىرىشىڭلار ئەزىمەتلەر، غەلبە سىلەرگە مەنسۇپ!!!


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 1

تىللا
43
تۆھپە
8
UID
25409
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئەزىمەتلەر، شىنجاڭ خەلقى سىلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ، سىلەر جاپالىق كۈرەشلەرنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ، كاتتا شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈردۈڭلار، بىزنىڭ كۈچىمىزنى، جاسارىتىمىزنى باشقىلارغا تونۇتۇپ قويدۇڭلار، سىلەرنىڭ بۇ نەتىجىلىرىڭلار سەۋەبىدىن ناتىۋان خەلقىمىزنىڭ قەددى بىر قېتىم تىكلىنىدۇ، كېلەر يىللىق مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىڭلارغا شەكسىز ئىشىنىمەن ھەم تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!،،،


Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئالغا !!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 20:56, Processed in 0.088233 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991