كىروران دىيارى چاقىلىق ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك " كىروران مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى " ئۆتكۈزۈلدى
9-ئاينىڭ 25-كۈنى چاقىلىق ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك كىروران ساياھەتچىلىگى مەدەنىيەت بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، سىرتتىن كەلگەن 200 دن ئارتۇق ساياھەتچى ۋە مېھمانلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كىروران مەيدانىدا كىروران دىيارىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىروران مۇزىيى، كىروران كونا شەھىرى، ۋە تۈمەن مولۇق كىروران چىلانلىغىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
يەنە كىروران مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى، كىروران قاشتېشى شىەھەرچىسى، لوپكۆلى، كىروان كونا شەھىرى، ئالتۇنتاغ ساياھەتچىلىك مەنزىلىنى پىيادە ساياھەت قىلىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇراسىمغا قاتنىشىپ دىيارىمىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
كىروران مەدەنىيەت مەيدانىدا تۈرلۈك كۆرگەزمىلەر، ئۆزگىچە كىروران تاماق مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە چىقتى.
