قامچىلاشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ئوقۇشنى تاماملاپ مۇخبىرلىققا تەقسىم قىلىندىم ۋە بۇ كەسىپكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. بىر كۈنى ئىشتىن قايتقىنىمدا دادام نەسىھەت قىلىپ:
بالام، مۇخبىرلىق ئوڭاي خىزمەت ئەمەس. ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ماختاشقا تېگىشلىكنى چوقۇم ماختىشىڭ، قامچىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قامچىلىشىڭ كېرەك. شۇندىلا ياراملىق مۇخبىر بولالايسەن، دېدى. مەن دادامغا ‹‹دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن›› دېدىم–يۇ، بىراق، ‹‹قامچىلاشقا تېگىشلىك ئىشلار›› زادى قانداق؟ بۇنى بىلمەيتتىم. بۈگۈن چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاكىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى زىيارەت قىلدىم.
كېلىڭ مۇخبىرىمىز ساۋۇتجان، ئىدارە باشلىقى ھاكىم ئازادە ئىشخانىسىدا مېنى چاقچاق بىلەن كۈتۈۋالدى، بۈگۈن سىزگە ئىدارىمىزنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرمايمەن، پەقەت يېقىندا بېشىمدىن كەچۈرگەن ئىككى ئىشنى دەپ بېرەي، يازغۇدەك بولسا يازارسىز.
قېنى دېسىلە، قۇلىقىم سىلىدە.
بىرىنچى ئىش، يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش چاقىرىقى بويىچە ئىدارىدىكى كادىرلارنى تەشكىللەپ، شورباغ يېزىسىنىڭ مازارباغ كەنتىدىكى ئون نامرات ئائىلىگە 2000 چۈجە سېتىۋېلىپ ئاپىرىپ بەردۇق. سەككىز ئائىلە رەھمەت ئېيتىپ چۈجىنى ئالدى. ئەمما ئىككى ئائىلە ئالغىلى ئۇنىمىدى، ئۇلارنىڭ بىرى ‹‹بۇ ئۇششاق جانىۋارنى قانداق ئەي قىلىمىز، داننىڭ قىممەتلىكىدە بۇ چۈجىلەر توخۇ بولغۇچە بىزنى يەپ بولىدۇ، توخۇ دېگەن قارنى تويمايدىغان بىر نېمە، بۇنىڭ ئورنىغا قوي ئەكىلىپ بەرسەڭلار باقىلى، بولمىسا بىزنى ئاۋارە قىلماي، بۇلارنى ئېلىپ كېتىڭلار›› دېسە، يەنە بىرى ‹‹چۈجىنىغۇ ئەكەپسىلەر، بىراق بۇنىڭ دېنىچۇ؟ دېنى بولمىسا قانداق باقىمىز؟ بىزگە چۈجە لازىم ئەمەس›› دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ‹‹بىكارغا مانتا بەرسە پىيىزى باركەن›› دېگەندەك گەپ بولدىغۇ دېيىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى گەپچىرەك بىرەيلەن‹‹تاغا خاپا بولمىسىلا، بىنا ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تېرىپ قويغان قوناقلار پىشقاندا دېنىنىمۇ ئەكىلىپ بېرەيلى›› دېدى، ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشتۇق.
ئىككىنچى ئىش، ھاكىم چايدىن بىر ئوتلىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى، ناننى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا نېفىتلىكتە ئىشلەيدىغان بىر باشلىق ئاغىنەم ماڭا بىر ناۋاي تېپىپ بېرىشنى، كۈندە ئورگاندىكىلەر ئۈچۈن ئوتتۇزلا نان يېقىپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئىش ھەققىنى ئوبدانلا بېرىدىغانلىقىنى دەپ تېلېفون قىلدى، مەن ماقۇل دەپ دەرھال ناۋاي ئوقۇشتۇم، ئەسلىدە بۇنداق ياخشى ئىشنى ناۋايلار تالىشار دەپ ئويلاپتىمەن، نەدىكىنى، خېلى كۆپ ‹‹ئىدىيەۋى خىزمەت›› ئىشلىگەندىن كېيىن، 40 ياشلاردىكى تەمبەل بىر يىگىت بېرىشقا قوشۇلدى. مەن شۇنداق بىر ياخشى ئىشنى قىلىشقا تەستە ئادەم تېپىلغانلىقىدىن ھەيران قالدىم. كىشىلەرنىڭ بۇ دەرىجىدە ھۇرۇنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، بېرەر ئاي ئۆتە–ئۆتمەي نېفىتلىكتىكى ھېلىقى دوستۇمدىن يەنە تېلېفون كەلدى ‹‹ھاكىم ئاداش، يەنە سېنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، سەن ئەۋەتكەن ناۋاي بىر ھەپتە نان يېقىپ، خوتۇنۇمنى ئېلىپ كەلسەم دەپ تۇرۇۋالدى، مەن ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، خوتۇنىغىمۇ مۇۋاپىق ئىش تېپىپ بەردىم. ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندە شاگىرت تەكلىپ قىلىشنىڭ گېپىنى قىلدى، بولمىسا قايتىپ كېتەرمىش، نېمىلا دېگەن بىلەن سەن ئوقۇشۇپ بەرگەن ئادەم ئەمەسمۇ، شۇڭا تېلېفون بېرىشىم...›› بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولدۇم. ‹‹ئاداش ئۇنداق دېگەن بولسا، ئۆزۈڭ قاراپ ئىش قىلارسەن، كۈندە 30 نان ياقسا، ئايلىقىغا 2500 يۈەن بەرسەڭ يەنە شەرت قويغىنى نېمىسى؟ ئۇنداق ئادەمگە يۈز خاتىرە قىلماي، ئويلىغىنىڭ بويىچە بىر تەرەپ قىل، مېنىڭ باشقا گېپىم يوق›› دېدىم تېلېفوندا.
تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپ بىر ھازاغىچە ئويلىنىپ قالدىم. بۇلارنى ئۆزۈم يازاي دېسەم، ئاجىزلىق قىلدىم، يازماي دېسەم، ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم. مۇشۇ ئىشلارنى قەلەمگە ئالغىلى بولارمۇ دەپ سىزنى چاقىرغان.
مەن ئىدارە باشلىقى ھاكىم بىلەن خوشلىشىپ، يەلكەمنى خۇددى تاش بېسىۋالغاندەك قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكىدىم. گەرچە ئىشتىن چۈشىدىغانغا نەچچە مىنۇت قالغان، قورسىقىم ئېچىپ غولدۇرلاپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆيگە ئەمەس ئۇدۇل ئىشخانىغا يول ئالدىم. ‹‹ئۇ دەپ بەرگەن بىرىنجى ئىشنى قەلەمگە ئېلىپ يازغىلى بولماس، ئەمما ئىككىنچى ئىشنى دەرھال يېزىشىم كېرەك. دادام دېگەن <قامچىلاشقا تېگىشلىك ئىشلار> مۇشۇنداق بولسا كېرەك، ماۋزۇسى <ھاكىم ئېيتقان ھېكايە> بولسۇن!›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم.