‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىغا خالىس تىلەك
ئادىلە ئابلىز
جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت – سەنئەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان شانلىق تۆھپە، شەرق مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ىنىڭ جاھاننەما سورۇنى، مەدەنىيەت، ئەدەپ – ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ نامايىشگاھى بولمىش مەشرەپلىرىمىز ئاجايىپ جەزبىدارلىقى، مەزمۇندارلىقى ۋە ئۆلمەس مەنىۋى، بەدىئىي، ئىجتىمائىي قىممىتى بىلەن دەۋرىمىزگىچە ئۇلىنىپ كەلدى.
‹‹مەشرەپ›› خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، يەرلىك ئالاھىدىلىكى قويۇق، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك سەنئەت سورۇنى. جايلاردىكى مەشرەپلەرنىڭ ئاتىلىشىدا بەزى پەرقلەر بار. مەسىلەن: قەشقەردە كىتابخانلىق مەشرىپى، چايخانا مەشرىپى، قۇمۇلدا كۆك مەشرىپى، تۇرپاندا مېلىس مەشرىپى، ئىلىدا نورۇز بايراملىق مەشرەپلەر ۋە 30 ئوغۇل مەشرىپى دېگەندەك. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەنئەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى پەسىل – مەۋسۇم ئايرىماي قاندۇرۇش مەقسىتىدە 2002 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى تەسىس قىلىپ، مەشرەپنى مەھەللىۋىلىكتىن سەھنە – ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ، ھازىرغا قەدەر 120 نەچچە سان ‹‹مەشرەپ››نى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇ پىروگرامما كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىشىپ، ئۇلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلماقتا. ھەممىمىزگە ئايان، مەشرەپلىرىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان سانسىزلىغان يېتۈك شائىرلارنى، ئاتاقلىق يازغۇچىلارنى، ئەل ئىچىدە داڭقى بار قىزىقچى، لەتىپىچىلەرنى يېتىشتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايلىقلىرى سۈپىتىدە توپلاپ، نەشر قىلىنغان سان – ساناقسىز قوشاق، داستان، مۇقام، خەلق ناخشىلىرى، سەنەملىرى ۋە ئەلنەغمىلىرىگە سەپلەنگەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، يۈكسەك بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە، پاساھەتلىك شېئىرىي تېكىستلەر ئەنە شۇ مەشرەپ سورۇنلىرىدا تەربىيەلىنىپ چىققان تالانتلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەنئەنىۋى ئاغزاكى مىراسى، شۇنداقلا ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈيۈك قامۇسى ھېسابلىنىدۇ. دەرھەقىقەت، مەشرەپلىرىمىز ئەنئەنىۋى سەنئىتىمىزنى ھازىرغا ئۇلاپ كەلگەن ئالتۇن كۆۋرۈك، ئەل ئىچىدىكى سانسىز سەنئەت ئەربابلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن خەلقنىڭ كاتتا سەنئەت مەكتىپى. بۇ مەكتەپنى سەھنە – ئېكران ئارقىلىق خەلققە يۈزلەندۈرۈشتە چوقۇم ئۇنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا سەھنە – ئېكران ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ پىروگراممىنى تەشكىللىگۈچىلەردە ھەرجەھەتتىن پىشقان ئىقتىدار بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلاردا ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان ماھارەت بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر. شۇنداق قىلالىغاندىلا مەشرەپلىرىمىزنىڭ سەھنە – ئېكراندىكى جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا، ئالقىشىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك زوق ئالالىشى ناتايىن. خۇلاسە كالام، تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق بېرەلمىگەن مەشرەپنىڭ تاماشىبىنىمۇ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سورۇننى تەشكىللىگۈچىلەر، سەنئەتكارلار خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك ھەۋىسى، ئارزۇسى، قىزىقىش تەلىپىنى نەزەرگە ئېلىشى، شۇ ئاساستا ئەڭ نادىر مەشرەپ پىروگراممىلىرىنى خەلققە تەقدىم قىلىشى، مەشرەپ شەكلى ئارقىلىق سەنئەت دۇردانىلىرىنى قېزىپ، خەلققە ئەنئەنىۋى بايلىق ۋە زامانىۋىلىقنىڭ بىرلىكى مۇجەسسەملەنگەن يېڭىچە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشى كېرەك.