ئاتا – ئانىلارمۇ بالا مېھرىگە قانغاي
غالىب خۇجىئابدۇللا
ھاياتلىقتا ھەر قانداق ئىنسان ئانا مېھرىنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بەزىلەر بالىلىق مېھرىنى ئاتا – ئانىلىرىغا ھەقىقىي يەتكۈزەلىسە، بەزىلەر لايىقىدا يەتكۈزەلمەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ بالا مېھرىنىڭ ئانا مېھرىگە يەتمەيدىغانلىقى، ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى چۈشەندۈرىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپ.
قەدىمكى زاماندا 30 نەچچە ياشلىق بىر ئانىنىڭ يەتتە – سەككىز ياشلىق بىر ئوغلى بولغان ئىكەن. بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاندا ئانا – بالا ئىككىسى سۈيى ئۇلۇغ ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكچى بولۇپتۇ. كۆۋرۈكتىن ئوغلى ئالدىدا ئۆتۈۋاتقىنىدا تېيىلىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئانا بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ئۆستەڭگە سەكرەپ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇۋاپتۇ. ئەپسوسلىنارلىقى ئانا سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە، ئانا – بالىنى سۇ ئېقىتىپ كېتىىپتۇ. شۇ ئەسنادا سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بىرەيلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ ۋە ئانىغا ئاچچىقلىنىپ ‹‹سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىشكە سۇغا سەكرىدىڭىز›› دەپتۇ. ئانا ئۈندىمەي، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، ھېلىقى ئانا 60 ياشتىن ھالقىپتۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇلار يەنە شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكچى بولۇپتۇ. بۇ قېتىممۇ ئوغلى ئالدىدا ئانا كەينىدە مېڭىپتۇ. ئۇلار كۆۋرۈكتە بىر نەچچە قەدەم ماڭا – ماڭمايلا ئانا تېيىلىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. كۆۋرۈك بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى ئېگىز بولمىغاچقا، ئوغلى قولىدىكى ئەپكەشنى سۇنۇپ ‹‹ئانا بۇنى تۇتۇۋال›› دەپ ۋارقىراپتۇ. ئەمما، بۇ چاغدا ئانىنىڭ ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ماغدۇرى قالمىغاچقا سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئانا مېھرىنىڭ چەكسىزلىكى ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر تارقىلىپتۇ.
بۇ ھېكايىدە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىنىڭ شەرتسىزلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە چەكسىزلىكى ئىپادىلەنگەن. دېمىسىمۇ، ئانا بالىسى ئۈچۈن ھايات – ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي، بارلىقىنى بالىسىغا ئاتايدىغان بىمىننەت ئىنسان. تۇرمۇشىمىزنى كۆزەتسەك، نۇرغۇنلىرىمىز ئانا مېھرىنىڭ ھەممىدىن پاكلىقىنى، چەكسىزلىكىنى، ئۇلۇغلۇقىنى چوڭقۇر چۈشەنسەكمۇ، ئەمما ئۇلارغا بالىلىق مېھرىمىزنى يەتكۈزۈشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىيالمايمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بالىغا نىسبەتەن قانداق مۇھىم بولسا، بالىنىڭ ئانىغا بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىمۇ ئانىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق مۇھىمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بالا ئانا ئۈچۈن ھەر ۋاقىت پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشى ئىنتايىن زۆرۈر. يەنى ھېيت – بايرام كۈنلىرى ئانىسىنىڭ قېشىغا ۋاقتىدا بېرىشى، سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئاغرىپ قالسا ۋاقتىدا يوقلىشى، ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى بۇرچ.
تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى، باردى – كەلدىلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى باھانە قىلىپ ئانىسىنى ۋاقتىدا يوقلىمايدۇ. ھېيت – ئايەم كۈنلىرى ۋاقتىدا بارمايدۇ، ھەتتا ئاغرىپ قالسىمۇ ۋاقتىدا يوقلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ باھانىلەرنى تەھلىل قىلساق، بالىنىڭ ئانىنى ۋاقتىدا يوقلىشىغا، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ۋاقتىدا ھەمنەپەس بولۇشىغا ئۇلار قىلچە سەۋەب بولالمايدۇ. 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشنىڭ يان تېلېفونى سايراپتۇ. ئۇنىڭغا ئاپىسى لاۋرا خانىم تېلېفون بەرگەن ئىكەن. لاۋراخانىم ئوغلىغا:
پۇتۇم ئاغرىپ تېكساس ئىشتاتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىمەن، مەندىن ئەنسىرىمە، مېنى يوقلاپ كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ. خىزمەت مۇھىم، دەپتۇ. بوش تېلېفوننى قويۇشىغا ئۇنىڭ يان تېلېفونى يەنە سايراپتۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاتىسى چوڭ بۇش تېلېفون قىلىپ مەنىلىك تەلەپپۇزدا:
ئەگەر ۋاقتىڭ بولسا كېلىپ ئاپاڭنى كۆرۈپ كەت، ئۇ ساڭا ئېھتىياجلىق، دەپتۇ. بۇش:
ـ ماقۇل، چوقۇم ئالدىراش ئىشلىرىمنى تۈگىتىپلا ئاپامنى كۆرگىلى بارىمەن. ئۆزۈڭ بىلىسەن، يېقىندىن بۇيان ئالدىراشلىقتا پۇت – قولۇم يەرگە تەگمەيلا قالدى...، دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئاتىسى بۇش:
ـ بۇلار ئاپاڭنى ۋاقتىدا يوقلىيالماسلىقىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ، دەپتۇ – دە، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋېتىپتۇ. زۇڭتۇڭ ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن گەرچە ئوڭايسىزلانسىمۇ يەنىلا خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ بۇش ئوغلىغا ‹‹سەن سەككىز ياش ۋاقتىڭدا قاتتىق يامغۇر ياققان بىر كېچىسى ئاغرىپ قىزىپ قالغانتىڭ. ئۇ ۋاقىتتا ئاپاڭ ئۆيدىن نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا ئىدى. ئاپاڭ قېشىڭغا كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ ئازراق ماڭمايلا ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ. مەن ئاپاڭغا ئەتراپتىكى مېھمانخانىلارنىڭ بىرىدە يېتىپ ئەتىسى كەل دېسەممۇ، ئاپاڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي شۇ يامغۇرلۇق كېچىدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پىيادە يول مېڭىپ، ئۈستىبېشى چىلىق – چىلىق ھۆل پېتى ئۆيگە كەلگەن. يەنە بىر ئىش سەن ئون ياش ۋاقتىڭدا مەن ئافرىقىنى زىيارەت قىلىۋاتقانىدىم. سەن تېلېفون قىلىپ ‹‹ئاتا سەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە مەن بىلەن بىللە بولىمەن دەپ ۋەدە قىلغانتىڭغۇ›› دېگىنىڭدە ئافرىقىدىكى زىيارىتىمنى يېرىم يولدا توختىتىپ كېلىپ، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە قاتناشقانىدىم. چۈنكى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئىشىمنى چوقۇم ئورۇنداپ كەلگەن. سېنىڭ بالىلىق مەسئۇلىيىتىڭنى ئورۇندىماسلىقىڭغا، بالىلىق مېھرىڭنى ۋاقتىدا يەتكۈزەلمەسلىكىڭگە ھەر قانداق ئالدىراشلىقىڭ سەۋەب بولالمايدۇ!›› دېگەن. زۇڭتۇڭ بۇش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىشلارنى باشقىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرھال ئاپىسىنى يوقلىغىلى بېرىپتۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت شەخسى ئىش بولغاچقا 180 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئايروپىلان چىقىمىنى ئۆزى تۆلەپتۇ. بۇ بۇشنىڭ يېرىم يىللىق مائاشى بىلەن باراۋەر ئىكەن. ئەمما، بۇش بۇ شۇنداق قىلىشىمغا تامامەن ئەرزىيدۇ دەپتۇ.
بۇلاردىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەرقانداق بىر ئادەم مەيلى ئۇ ئادەتتىكى پۇقرا ياكى ئەمەلدار، مىليونېر بولسۇن، ئاتا – ئانا ئالدىدا مەڭگۈ بالىدۇر. ئاتا – ئانا بالىغا ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا بالىنىڭ ئۇلارنىڭ قېشىدا بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەر بىر بالىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئۆزىنىڭ بالىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ھېچقانداق ئىشى باھانە بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق كىشى ئەگەر ئاتا – ئانىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياكى ئۆزىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاندا چوقۇم ھەر قانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ ئۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئاتا – ئانىسىغا ھەمدەم بولۇشى، ئۇلارنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
پەرزەنت ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئاتا – ئانىسىغا پەرزەنتلىك مېھنىتىنى يەتكۈزسىمۇ، ئاتا – ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى تولۇق ئالسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا – ئانا مېھرىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن پەرزەنت بولغۇچى ئۆز ئاتا – ئانىسىغا مەڭگۈ قەرزداردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەر ئۆز ئاتا – ئانىلىرىغا ئۆزىنىڭ بالىلىق مېھرىنى بىر ئۆمۈر يەتكۈزۈشى، ھەر ۋاقىت ئاتا – ئانىسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئاتا – ئانا مېھرىگە يۈز كېلەلەيدۇ.