ناۋادا مەندە بىر مىليون دوللار بولسا...
بىر ياش يىگىت مەكتەپ قۇرماقچى بوپتۇ. لېكىن مەكتەپ قۇرۇشقا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون دوللار كېتىدىكەن. «بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى قەيەردىن تېپىش كېرەك؟ ئۇزاق ۋاقىت كېتەرمۇ؟» باشقىلار بۇ يىگىتنىڭ ھەر كۈنى قانداق قىلىپ بىر مىليون دوللار يىغىش توغرىسىدا چارە ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېلىشىپ قاپتۇ، دېيىشىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يىگىت ياخشى ئامال تېپىپتۇ. ئۇ گېزىتخانىغا تېلېفون بېرىپ: «مەن ئەتە نۇتۇق سۆزلىمەكچى، نۇتقىمنىڭ تېمىسى <ناۋادا مەندە بىر مىليون دوللار بولسا>» دەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ نۇتقى نۇرغۇن سودا ساھەسىدىكىلەرنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىپتۇ. ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر سودىگەر: «يىگىت، سىز ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭىز، مەن سىزگە بىر مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدىم، ھەممە ئىش سىزنىڭ لايىھەيىڭىز بويىچە بولسۇن» دەپتۇ.
شۇنداق، تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ، تەسەۋۋۇر قىلالىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى يېرىم مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، سىز ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
مەنبە: يارغۇل مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 10:41