كۆرۈش: 2533|ئىنكاس: 5

كىشىلىك ھاياتتا.......[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
4
UID
29191
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشىلىك ھايات ھېكمەتلىرىدىن


    بۇ ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ، ئىشىنىمەنكى بۇ ھېكايە سىزگە بەخىت ئېلىپ كەلگۈسى.
    بۇرۇنقى زاماندا مىجەزى ناھايىتى چۇس بىر بالا ئۆتكەن ئىكەن، بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا بىرقاپ مىخ بېرىپ، ھەر قېتىم ئاچچىقلانغان چېغىدا ياكى بىرەرسى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان چېغىدا، ھويلىدىكى تامغا بىر تال مىخ ئۇرۇپ قويۇشنى تاپىلاپتۇ.
بىرىنجى كۈنى ئۇ تامغا 37 تال مىخ ئۇرۇپتۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىپتۇ، تامغا ئۇرىدىغان مىخلىرىمۇ بارا -بارا ئازلاشقا باشلاپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ تامغا مىخ ئۇرۇشتىن كۆپ ئاسانلىقىنى ھېس قىپتۇ، ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇ تامغا بىرەر تالمۇ مىخ ئۇرمايدىغان بوپتۇ ۋە بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن دادىسىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ.
     دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ<< ئەمدى سەن بۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈنمۇ ئاچچىقلانمىساڭ، تامدىكى مىختىن بىر تالنى سۇغىرىۋەت ''دەپتۇ. كۈنلەر بىر بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ، ئوغلى ئاخىرى تامدىكى مىخلارنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرۇپ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئوغلىنى تامنىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، مۇنداق دەپتۇ: << ئوغلۇم، ناھايىتى ياخشى قىلدىڭ، لېكىن سەن تامدىكى بۇ مىخ ئىزلىرىغا قاراپ باق، بۇ ئىزلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ، خۇددى سەن باشقىلار بىلەن سوقۇشقانغا ، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان گەپلەرنى قىلغىنىڭغا ئوخشاش بۇ ئىزلار ئۇلارنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، يەنى، سەن بىرسىگە پىچاق ئۇرۇپ ،ئاندىن كېيىن پىچاقنى سۇغىرىۋەتسەڭ يارىسى ئاسانلىقچە ساقايمىغانغا ئوخشاش ئىش. سەن ھەرقانچە ئەپۇ سورىساڭمۇ يارا يەنە شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ.دوستلىرىڭ سېنىڭ قىممەتلىك بايلىقىڭ، سەن ئۇلار بىلەن بەخىتلىك، ئۇلار بىلەن باتۇرسەن. ئۇلار دەردىڭگە دەرمان بولالايدۇ. ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىڭدا سېنى قوللاپ ياردەمدە بولالايدۇ، دوستلىرىڭغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئېيت.''
    ئاخىرىدا مەن  شۇنى دېمەكچى، باشقىلارنىڭ سىزگە بۇ ھېكايىنى ئەۋەتكەنلىكى سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى،سىزگە بەخىت تىلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قەدىمقى ھىندىستاندىن تارقالغان بۇ ھېكايىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ..
     سەن باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ،كىيىن ئەپۇ سورىغىنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن مۇنۇلارنى كۆرىسەن؛
    ھەرگىزمۇ باشقىلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ خاراكتېرىگە ئاسانلىقچە ھۆكۈم قىلماسلىق.
    باشقىلارمۇ سىزگە ئوخشاش يۈرىكى، ھېسياتى بار ئادەم، ئۇلار سىزنىڭ سەمىمىي، مۇلايىم پوزىتسىيىدە بولۇشىڭىزغا مۇھتاج.
     باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا كۈلۈمسىرەپ ،قىزغىن كەيپىياتتا بولۇڭ،قارشى تەرەپ سىزدىن ئىللىقلىق ھېس قىلالىسۇن.

مەنبە: مىسرانىم تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان بىر ياخشى ماقالە يولاپسىز،ئەكمىيەتلىك ھېكىمەتلەردىن ئىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن قايسى بىر كىتاپتا ئوقۇپتىكەنمەن، يەنە بىر كۆرۈش پۇرسىتى كەپتۇ، رەھمەت


Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
49
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diし__SiЯi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 13:27
مەن بۇرۇن قايسى بىر كىتاپتا ئوقۇپتىكەنمەن، يەنە بىر كۆ ...

مەنمۇ كۆرگەن ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت،


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
245
تۆھپە
166
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ياخشى يوللاپسىز.


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
5
UID
29711
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنش قىممىتى بار ياخشى تىمىكەن.رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 20:56, Processed in 0.074213 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991