كۆرۈش: 1598|ئىنكاس: 2

ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
634
تۆھپە
325
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى

ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي


ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى ،
ئېتىزىنى قۇچاقلاپ دېھقان .
قىزىرىپ -قىزىرىپ  پىشقان باشاقنى ،
ئۇخلىماستىن بىر-بىرلەپ يىغقان .
كەچكۈدىكى ئورما ناخشىسى ،
دەل شۇلارنىڭ  يۈرىكىدىن چىققان .


ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى ،
ئاغدۇرۇلدى  مۇنبەت ئېتىزلار .
چېچېلماقتا ئۇرۇقلار ئەنە  ،
سىيالكىلاريەرنى بېغىرلار .
كېلەريىلنىڭ غېمىدە دېھقان ،
توختىماستىن شۇنداق تىپىرلار .


ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى ،
دېھقاننىڭلا تۈگىمەس ئىشلىرى.
كېچە-كۈندۈز ئېتىز  غېمىدە ،
چارچاپ كېتەرپۇت قول تىزلىرى .
ئالالمايدۇ تۈزۈكرەك  ئارام ،
ئىشتا پىشقان  يىگىت -قىزلىرى.

ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن ھەپتىسى ،
قويۇپ بەردى سەككىز كۈن مېنى ،
‹‹دەل ۋاقتىداقويۇپ بېرىپتۇ،››
دېدى ئانام ‹‹كەتمەن ئال قېنى ››
يالغۇزچىلىق تارتىپ تۇراتتىم ،
خۇش قىلىۋەتتىڭ ئەجەپ بىر مېنى .>>
توۋا دەيمەن - دېھقان بالسىنىڭ ،
ئارامى يوق - تۆمۈرمۇ جېنى ؟


سىيالكا-ئۇرۇق چېچېش ماشىنسى

2012-يىلى 28- سىنتەبىر


ئاچىل تېلۋېزىيسى
قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولغان بولسا دىخانلارنى دەم ئالدۇرغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بولغان بولاتتى ھە؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
49
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەم ئالدىغا ئىش نەدە ،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 21:01, Processed in 0.069599 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991