كۆرۈش: 2907|ئىنكاس: 0

粉丝تەرجىمىسى ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن=AAOT
تىللا
62
تۆھپە
7
UID
28167
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 16:49:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

粉丝تەرجىمىسى ھەققىدە



    بۇ توردا بىراۋ粉丝نىڭ تــەرجىمەسىنى مەستانە دەپ ئالغۇلۇق دەپ تەشەببۇس قىلىپتۇ
     مەستانە-فارسىي سۆز【ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 531-پ】مۇخلىس- دەپ ئالساق مۇۋاپىق؛مۇخلىس سوزىنىڭ ئۆزىمۇ  ئەرەبچە سۆز،بەلكىم بۇ سۆز فارسچە سوز ئىشلىتىشنى ياقتۇرمايدىغان ، ئەرەبچە سۆز ئىشلىتىش قىزغىنلىقى بار  زىيالىيلىرىمىزغا ماس كەلسە كېرەك .(ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى -554.بەت)شەخسەن ئۆزۈممۇ ئەرەبىي-فارسىي سۆزنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى بەكمۇ ياقتۇرمايمەن。ئامالنىڭ بارىچە ئۇيغۇرچە سۆز ئىشلىتىمەن,بولماسا پىرىنسىپال ھالدا ئەرەبچە,ئاندىن فارىسچەسىنى ئالىمەن。دائىم ئەل-ئاۋامدىن ئۆگىنىمەن,ئەل-ئارىسى【يۇرت-موڭغۇلچە-ت】نى كېزىمەن,بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر قەدەمىي تىل ئالاھىيدىلىگى ساقلاپ كەلگەن تۇرفان,قۇمۇل,لوپنۇر,كەلپىن。。。 قاتارلىق جايلاردىكى ئاداش【دوست-فارىسىي】لارىمغا ياردەم قىىلىش خۇسۇسىدا مۇراجەت قىلىپ ئۇيغۇرچە ئەسلىسىنى تېپىشقا تىرىشىمەن,شۇڭا ئۇيغۇر شىۋەلەرىگە ئالاھىيدە ھۆرمەت ئىشتىياقىم بار,بەزىدە قېرىنداش ئۇلۇس【مىللەت-فارسىي】لار سۆزلەرىدىن ئىزدەيمەن,ئۆزارا سېلىشتۇرىمەن。پەقەت ئامال بولماسا ئۆزەم سۆز ياسايمەن,تىل-يېزىق كومېتىتىدىكى غوجاملار ياساپ بەرسۇن دەپ لۆمشۈيۇپ ئولتۇرمايمەن。ھازىرغىچە ئۆزۈممۇ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە سۆزمۇ ياساپ بولدۇم ۋە بۇ سۆزلەرنى توپلاۋاتىمەن ,كەلگۈسىدە 《ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى》نى قايتىدىن ئىشلەش خىيالىممۇ بار,چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان....رېسفوبلىكالىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە شۇ جۇمھۇرىيەتتىكىلەر مۇخلىس دەپ ئالىدۇ.ئالايلۇق: يۇلدۇز.ئوسمونوۋا مۇخلىسلىرى، مۇراد.ئەھمەدى مۇخلىسلىرى.مۇرات .ناسىروف مۇخلىسلىرى......دېگەندەك. تىلىمىزدا سۆز ئېلىش پىرىنسىپى ئۆزىدە بولسا ئىشلىتىش،[ئورتاق شىۋەنى نېگىز قىلىش پىرىنسىپى]،بولمىغاندا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئېلىش؛ مەسلەن-ھازىر 365 كۈن ئىشلىتىۋاتقان 《كىملىك》 تۈركچە سۆزدۇر، بۇرۇن <شەخسىي سالاھىيەت كىنىشكىسى> دەپ لەغمەن سىياقتا ئىنتايىن ئۇزۇن ئالغان; كېيىن شۇئار تىل-يېزىق كومېتىتىدىكى غوجا【ھازىرقى 2010.1.1 باشلاپ يولغا قويغان ئەبجەش ئىملا لۇغەتتە ئاتالمىش《غوجا》ئىمىش】ملىرىمىز قېلىپلاشتۇرۇپ <كىملىك>دەپ ئالغان ھەم ئەدەبىي تىلدا ئومۇملاشتۇرغان ئىدى ھازىر بىزلەردە ئاساسەن ئومۇملاشتى.ئېنگىلىزچەدىن خەنزۇ تىلىغا ئۆزلەشتۈرگەن سۆز<粉丝>دۇر. قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۆزبېك,قازاق,قىرغىزلارمۇ شۇنداق ئالىدۇ. بىز كىملەر-بىز ئۇيغۇر، قايسى تىل ئايرىمىسىدا تۈركىي تىللار ئايرىمىسىدا؛ دۇنيادا نوپۇس جەھەتتە 100دىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىكەنمىز【2005-يىلى مەلۇم تور بەتتە كۆرگەن】 ۋە دۆلىتىمىز جۇڭگودا نوپۇس جەھەتتە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەنمىز【جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى دېگەن ئەسەرگە قاراڭ】نېمىشكە بىر ئىرادىن بۇيان ئەرەب، فارس، موڭغۇل تىل-يېزىقى ئەبجەش قىلىنغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز ؟ بىزلەر ئەرەب، فارس، موڭغۇلمۇ ؟ ئەجىبا بىزمۇ تۈركىي قېرىنداش ئۇلۇس【مىللەت-فارسىي】لەردىن ئىجابىي يوسۇندا ئۆگەنمەيمىز، ھېچ بولمىسا يەرلىك شىۋىلەردىن ئالساقمۇ بولىدۇ. بولمىسا بىزلەرمۇ سۆز ياسايلى. ئېنتېرنېت تورىدا يەنە شۇ قۇرۇق 13-مۇقام سىياقىدىكى ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق لالما ئىت بولۇپ قۇرۇق نەزەرىيە توۋلىماي ھەقىقىي ئىش: ئۆز تىلىمىزنى باشقىلار ساپلاشتۇرمايدۇ، پەقەت ۋە پەقەت سىز ۋە بىزدەك ئۇيغۇر ئاممىسىلا ساپلاشتۇرىدۇ.
    پايدىلانما:ئۇزۇن يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەرجىمە-تەھرىر تەجرىبەسى. ئىنتېرنېت، ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى . 2001يىل 5-ئايدىكى 1-باسما ۋە نەشىرى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6659
تۆھپە
3362
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 22:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاي قەدىرلىك بۇرادىرىموي، ناۋادا سىزنىڭ مەنتىقىڭىز بويىچە ئەرەب-فارسىي سۆزلەرىنى ئەشلەتمەسلىك تەشەببۇسىدا بولساق، مۇخلىس، دېگەن نەچە سۆز؟ ئىسلام مۇخلىسلىرى، بۇدداھ مۇخلىسلىرى ... ئۇنىڭدىن كۆرە ساپ ئانا تىلچە بىرەر سۆز تاپىلماسمۇ؟ «چوقۇنغۇچىلار» دېسەم تايىنلىق بۇ ئىسلام دىنىمىزغا مۇخالىپ، دەپ  بەك يوغان باھانە بىلەن مېنى پۈسكەيتىۋېتىدىغانلار چىقىدۇ!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 20:59, Processed in 0.069634 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991