كۆرۈش: 1615|ئىنكاس: 0

ئېرىڭىز مۇزلاپ كەتكەندە ئىسسىقلىق ئاتا قىلىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 15:40:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېرىڭىز مۇزلاپ كەتكەندە ئىسسىقلىق ئاتا قىلىڭ



    ئۇيغۇر خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال بار: «خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات». ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى يۆلەنچۈكىمىز، ئەرلەر بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق، ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز. بالىلىرىمىزمۇ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى خاتىرجەم، بەختلىك ھېس قىلىدۇ، قورقمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئورتاق بىر گەپنى ئاڭلىدىم (ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە): «ئۆيدە ئېرىم بولمىسا تاماق ئەتكىممۇ كەلمەيدۇ».
    دېمەك، ئەر كىشى ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلە - ئەرنىڭ بەخت يېغى، ئەر - مۇقەددەس  قەلب ئۆيىدۇر. ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار بىلەن سېزىدۇ. ئايالنىڭ ھەر كۈنى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس، بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى، ئوبرازى، باھالىنشى.
    ئەر ئائىلە، خوتۇن، پەرزەنتنىڭ غەمگۇزارى. «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى» دېگەن تەمسىل مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئادەمنى بەختلىك قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.
    سىرتتا مۇزلاپ كەتكەن كىشى تەقەززالىق بىلەن ئۆيگە قاراپ چاپىدۇ، چۈنكى ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان، مۇزلاپ كەتكەن پۇتىنى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئايالى بار. ئەرلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت، قايسى بىر ئەر بۇنداق ئىسسىق چىرايغا قاراشنى خالىمايدۇ؟ قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ باشقا جايلاردىن ئىللىقلىق ئىزدەشنى خالايدۇ؟ (ئايالى ئىللىق بولسىلا)
    جاھاننى قېزىۋەتسىڭزمۇ خوتۇن كىشىنىڭ كۈلۈپ ئالدىڭىزغا چىققىنىدىنمۇ بۆلەك ھاياتنىڭ شەربىتى يوق.  

    مەنبە: خاتىرەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-30 21:28  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 22:14, Processed in 0.070995 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991