كۆرۈش: 14365|ئىنكاس: 17

تىجارەتچى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
بىرلەشمە-خەۋەرلىشىش
تىللا
17
تۆھپە
9
UID
28879
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 18:15:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىجارەتچى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ؟



    بىر يەردە ئۇماچ ساتىدىغان ئىككى ئاشپۇزۇل بار ئىدى. ھەر ئىككى ئاشپۇزۇلغا خېرىدارلار ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇراتتى. بىراق كەچتە ھېسابات قىلغاندا، سول تەرەپتىكى ئاشپۇزۇلنىڭ ھېساباتى ئوڭ  تەرەپتىكىسىدىن يۈز نەچچە سوم ئارتۇق چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ باقتىم. كۈتكۈچى قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇ قاچىغا ئۇماچ ئۇسقاچ:
    - تۇخۇم سالايمۇ؟ - دەپ سورىدى. مەن ماقۇل بولدۇم، كۈتكۈچى قىز قاچىغا بىر تال تۇخۇمنى چېقىپ سالدى.
    كۈتكۈچىلەر ئاشپۇزۇلغا كىرگەن ھەربىر خېرىداردىن ئەنە شۇنداق سوراپ چىقتى، خېرىدارلارنىڭ بەزىلىرى سالىمەن دېسە، بەزىلىرى سالمايمەن دېدى.
    بۇ يەردىن چىقىپ، سول تەرەپتىكى ئاشپۇزۇلغا كىردىم.
    ئوخشاشلا كۈتكۈچى قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇ  بىر قاچا ئۇماچ قۇيۇۋېتىپ:
    - بىر تۇخۇم سالايمۇ، ئىككىنىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئاشپۇزۇلغا كىرگەن ھەربىر خېرىداردىن ئۇلار ئەنە شۇنداق سورىدى.
    تۇخۇم يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىككىنى سېلىڭ دېسە، بەزىلەر بىرنى سېلىڭ دېدى، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى سالماڭ دېدى.
    شۇنداق قىلىپ سول تەرەپتىكىلەر ئوڭ تەرەپتىكىلەردىن نۇرغۇن تۇخۇمنى ئارتۇق ساتتى.
    مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى
    كۆز قارىشىم: دىيارىمىزدىمۇ ھازىر بەزى تېز تاماقخانىلاردا كۈتكۈچى: «نېمە يەيسىلەر» دەپ سورايدۇ.
    يېرىم لەغمەن دېسەك، كاۋاپچۇ؟ دەپ سورايدۇ. ياق بولدى دېسەك، لەڭپۇڭچۇ؟ دەپ سورايدۇ. بۇنداق سوراش بەزىلەرنى زېرىكتۈرسە، بەزىلەرنى خۇشال قىلىدۇ. سىز قانداق قارايسىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 18:26  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1049
تۆھپە
404
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 18:48:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىجارەتنىڭ ئېپىنى، نەغمىچىلەرنىڭ دېپىنى بىلسە ياخشى.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:13:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى تېز تاماقخانىلارنىڭ ھەممىسىدە تاماق تىزىملىكى بولىدۇ ، كۈتكۈچىلەرمۇ كۆپىنچە يەنە باشقا تاماق بۇيرۇتامسىلەر دەپ سورايدۇ . كاۋاپ يەمسىلەر ، پاچاق يەمسىلەر ، ئۆپكە يەمسىلەر دەپ گەپنى ئۇزارتىۋەتمەيدۇ مىنىڭچە


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:17:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1408
تۆھپە
320
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:56:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇممۇ تىجارەتنىڭ بىر يۇلى ئوخشايدۇ،ھازىر كۆپىنچە تىجارەتچىلەر شۇنداق سۇرايدىكەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:18:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، باشقىلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەندە ئاندىن ئۆزگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ


Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
13
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:54:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنىڭ ئىپىنى بىلىدىكەن ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش دىگەن شۇ . ئۆزىنىڭ چۆنتىكىنىمۇ ئوڭلايدۇ ، باشقا يىمەكلىك قوشقۇسى بارلارنىمۇ رازى قىلىدۇ . بولمىسا ، ئەلۋەتتە ئىككى كىشىلىك يىمىگەندىكىن  چالا قورساق چىقىپ كەتكەندىن ياخشى .


Rank: 2

تىللا
132
تۆھپە
35
UID
27180
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:57:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىگەن  تىجارەتنىڭ  ئېپىدە ،  يامان تىجارەتچى شۇنداق بولىدۇ


Rank: 2

تىللا
132
تۆھپە
35
UID
27180
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما خاتـا يىزىلىپ قاپتۇ ،   ئۇماچقا  ھىچنەدە  تۇخۇم  سالمايدۇ ، ئەسلىدە  بۇ  تاماق ئۈگرە  ،    بۇ نى   مەن  بۇرۇن كۈرۈپتىكەنمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:10:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئىككى تۇخۇم سالىمىزمۇ؟ كاۋاپ يەمسىز؟... دېگەنلەر ئاتۇشلۇق تىجارەتچىلەرمۇ قانداق؟...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:23, Processed in 0.077991 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991