ھەجىڭ قوبۇل بولمايدۇ
تۇداخۇن توي قىلىپ، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئاتا - ئانسىنى تاشلىۋەتمەي، كۈنىگە نەچچە رەت يوقلاپ تۇرىدىكەن. تاپسا ئاز - تولا نەرسە ئېلىۋالىدىكەن، تاپالمىسا قۇرۇق قول بېرىۋېرىدىكەن. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ قۇلى پۇلدىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئۇدا بىر قانچە قېتىم قۇرۇق بېرىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن دادىسى تۇداخۇنغا:
- بالىموي، ئىشىڭ يوقتەك كۈندە كېلىسەن، قۇرۇق كېلىپ قاچا بوشىتىپ چىقىپ كېتسەن، قاچانغىچە باقىمىز سېنى؟ - دەپتۇ.
- دادا - دەپتۇ تۇداخۇن، -مەككەممۇ سىلەر، مەدىنەممۇ سىلەر، مەن بۇ يەرگە يەپ - ئىچكىلى ئەمەس «ھەج» قىلغىلى كېلىمەن.
- مۇنداق قۇرۇق كېلىۋەرسەڭ، - دەپتۇ دادىسى، - «ھەجىڭ» قوبۇل بولمايدۇ.
بىر كەسىپ
بىر كۈنى بىر دىۋانە تۇداخۇننىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەپتۇ - دە، قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ:
- ئامىن! - دەپتۇ.
دىۋانە «ئامىن» دېيىشى بىلەن تەڭ تۇداخۇن قولىنى دۇئادىن چۈشۈرۈپ بوپتۇ.
- ئاللاھۇ ئەكبەر.
بۇنى كۆرگەن دىۋانە ھاڭ - تاڭ بولۇپ سوراپتۇ:
- سېلىمۇ مۇشۇ كەسىپنى قىلاملا تەقسىر؟
پو ئېتىش
تۇداخۇن نۆۋىتىدە خېلى كېلىشتۈرۈپ پو ئېتىپمۇ قويىدىكەن. بىر كۈنى ئاغىنىلىرى ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىپ، قورۇسىنىڭ ئارقا تېمىغا تۇتىشىپ كېتىدىغان باغ ئىچىدىن تېپىۋاپتۇ.
- مۇشۇ بويۇڭ بىلەن، - دەپ چاقچاق قىپتۇ ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا، - قورقماي چاتقاللار ئارىسىدا نېمە قىلىپ يۈرىيسەن؟
- خۇتۇن دېگەن جۇۋاينىمەكنىڭ ئىشى بولمامدۇ، - دەپ پو ئېتىپتۇ تۇداخۇن، - يوقىلاڭ ئىش بىلەن سەپرايىمغا تېگىپ قويدى. چىرايلىق گەپ قىلسام ئاڭلار ئەمەس. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، ھېلمۇ ياخشى ئوڭ تەرىپىدە ئۇرۇپ قويماپتىمەن، قۇلۇمنىڭ دۇمبىسى بىلەن قويىۋېدىم، شۇنداق قارىسام يوق، مۇشۇ باغ تەرەپكە ئۇچۇپ چۈشتىمىكىن دەپ ئىزدەپ يۈرۈشۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 18:07