كۆرۈش: 17493|ئىنكاس: 12

كومىدىيەلىك نادىر فىلىم: «پۇل دېگەن نەرسە» توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
135
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كومىدىيەلىك نادىر فىلىم: «پۇل دېگەن نەرسە» توغرىسىدا



cap00.jpg


cap01.jpg

cap02.jpg

cap03.jpg

cap04.jpg

cap06.jpg

cap07.jpg

cap08.jpg

cap09.jpg

cap10.jpg

cap11.jpg

cap12.jpg

cap13.jpg



    (بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ئىىتودىيەسى 1985 - يىلى ئىشلىگەن)
    سىنارىست: تۇرسۇن يۇنۇس.
    رېژىسسور: جىڭ شۇشى.
    روللاردا:
    تەلەيخان: ئاتىكە زەمىر.
    كازىم: تۇيغۇن ئەخمىدى.
    ئەلى: جۈرئەت ئۆمەر.
    روشەنگۈل: ئارزۇگۈل.
    دىلشات: ئەنۋەر مەمەت.
    شەھىدە: ئاينۇر.
    توختى: توختى قۇربان.
    ئايىمخان: ئىمىگۈلسۈم.
    مەمەت: تاھىر.
    نىياز: تۇرسۇن مامۇت.
    فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
    بۇ فىلىمدە ئاچكۆز كازىم بوۋاي كارتون قەغەز بىلەن ئۆچكە تېرىسىنى ئىشلىتىپ، كۆرۈنۈشى ئېسىل، سۈپىتى ناچار بولغان كۆپلىگەن خۇرۇم ئاياغلارنى تىكىپ ئىشلەپ بازارغا سالىدۇ. ئارقىدىن يەنە بىر تۈركۈم گىلەملەرنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، كۆپ پايدا ئالماقچى بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن كازىم بوۋاينىڭ سېتىۋالغىنى ئۇنىڭ بولغىسى قۇدىسى تەلەيخان ئىشەك ژۇڭى ئارىلاشتۇرۇپ توقىغان ساختا گىلەم بولۇپ چىقىدۇ. «ئېلىشمىغىچە تېپىشماس» دېگەندەك تەلەيخان ئېلىپ - ساتارنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان ئەرزان پۇللۇق خۇرۇم ئاياغلارنى بولسا، كازىم بوۋاي تىكىپ ساتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كېلىشتۈرۈش قىيىن بولغان جېدەل - ماجىرالار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. ئاخىرى ئۇلارنىڭ نىقابى ئاشكارلىنىپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ناھايىتى ئوسال بولىدۇ. نەتىجىدە ھالال ئىشلەپ بېيىغان دىلشات بىلەن شەھىدەنىڭ ياردىمى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىپ، قايچا قۇدا بولۇپ، توي قىلىشىدۇ. كازىم بىلەن تەلەيخانلار بىر – بىرىنى ئالداپ ساتقان ساختا ئاياغ بىلەن ساختا گىلەملەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشىدۇ. بۇ فىلىم كىشىلەرگە ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇلنىڭ بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ فىلىم 1985 - يىلى قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ كومىدىيەلىك فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى ئوبرازلىق، ئارتىستلارنىڭ فىلىمدە رول ئېلىش ماھارتى ئۆزگىچە. كۆرۈرمەنلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىگە تولىمۇ ئەرزىيدۇ.
    تەييارلىغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
    2012 - يىلى 26 - سېنتەبىر يېزىلدى.
    قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 16:05  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
135
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:03:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇلنىڭ بەركەتلىك بولىدىغانلىقى، ھېلىگەرلىك بىلەن كىشىلەرنى ئالداپ تاپقان پۇلنىڭ ئۆزىگە تۈگىمەس ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. پۇ فىلىمنى شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى 2011-يىلى 5-ئايدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بىر قېتىم كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
236
تۆھپە
71
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:54:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم خىلى قىزقارلىق بۇ كىنو،  فىلىمنىمۇ قوشۇپلا يوللىماي يەنە بىر كۆرەركەنمەن.


Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
135
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:13:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىم يوللاشنى ماقالە يوللىغانغا ئوخشاش يوللىسا بولامدۇ؟مەن يېڭىدىن تورغا كىرگەنلىگىم ئۈچۈن فىلىم يوللاشنى بىلەلمىدىم. كەچۈرۈشىڭلارنى سورايمەن.


Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 19:38:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
56 تورىغا كىرىپ تىزىملىتىپ بوشلۇق ئالىسىز ، فىلىمىڭىزنى شۇ بوشلۇققا يوللايسىز ، ئۇنىڭدىن كىيىن فىلىمىڭىزنىڭ تور ئادرىسى بولىدۇ

/data/att ... d3zwzooo3dooo3f.jpg
  
، فىلىمنىڭ ئادرىسىنى چىقىرىپ بۇ مۇنبەرگە يوللىسىڭىز بۇلىدۇ

/data/att ... 7vlcy97y77ncdw7.jpg


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:22:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يولاپسىز،باشتىن كۆرگەندەك بولدۇم.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
2
UID
18082
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا كىنوسىنى يوللىغان  بولسىڭىز ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1279
تۆھپە
794
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:51:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ فىلىمنى يېقىندىلا كۆرگەن ئىدىم. ئىلگىرىمۇ بىرقانچە قېتىم كۆرگەن خېلى قىزىقارلىق فىلىم بۇ.


Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
94
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:18:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق فىلىمنىڭ ئۇزىنى كۇرگەن بولساق تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.


Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
20
UID
4810
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 20:53:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم دائىم فىلىم يوللايدىكەن ،ئەمما قېنى ئۇ فىلىملەر؟ دائىم مۇشۇنداق ....يوللىمىسا بولمامدۇ ئۇنداق قىلغۇچە،ئادەمنى ئەخمەق قىلغاندەك


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:23, Processed in 0.087345 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991