كۆرۈش: 3298|ئىنكاس: 3

ھەقىقىي خۇشاللىق ئېتىقادتىن كېلىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
502
تۆھپە
148
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:03:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقىي خۇشاللىق ئېتىقادتىن كېلىدۇ


    ھازىرغىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، كۆپچىلىكتە ئوخشاشلا بىر خىل ئورتاق تۇنۇش مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ «خۇشاللىق» ھەممىدىن مۇھىم.
    بىراق، بىز مۇنداق بىر مەسىلىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئويلانمىدۇقمۇ – قانداق؟ زادى نېمە ھەقىقىي خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ؟ خۇشاللىقنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟ ھېلىقىدەك يەپ – ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدىكى «خۇشاللىق»، رەڭگارەڭ چىراغلار ئىچىدىكى «ھۇزۇرلىنىش»، « تۇلپار ماشىنا ئىچىدە يىغلىسىمۇ رازى بولۇش» تەك قوغلىشىشلار تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىمىدۇ؟ ئەگەر ھەئە دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قانائەتلىنىش ھاسىل قىلغاندىن كېيىنمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا دائىم نېمىلا يېسە ئېغىزغا تېتىمىغاندەك، قانداقلا ئوينىسا مەنىسىزدەك، نېمىلا ئىش قىلسا زېرىكىش ھېس قىلىدۇ؟ گەرچە ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرىدىغان، داڭلىق كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىپ يۈرىدىغان، «پۇلدا مەسىلە يوق» دەيدىغان ئېسىلزادە – بايلارمۇ نېمە ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، قايغۇرىدۇ، ھەتتاكى «كەمبەغەللىكتىن پەقەت پۇللا قالدى» دەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ؟ كەينىمىزگە قارىساق، نۇرغۇنلىرىمىز جاپالىق يوللارنى بېسىپ ئۆتكەن، بىراق نېمە ئۈچۈن شۇنچە جاپالىق كۈنلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ، تىللاردا داستان بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى قالدۇرالىدۇق؟
    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇشاللىق ھەرگىزمۇ يەپ – ئىچىش، ئويۇن – كۈلكە ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئەيىش – ئىشرەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ھېس قىلىشقا ئېھتىياجلىق. كىشىدە غايە، قوغلىشىش، ئېتىقاد بولۇشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا، خۇشاللىق مەڭگۈلۈككە، ھەقىقىي داۋاملىشىدۇ. فىرانسىيەنىڭ 16 - ئەسىردىكى مۇتەپەككۇرى مونتاگېن ئىلگىرى ھەقىقىي خۇشاللىق ئېتىقادتىن كېلىدۇ دەپ تەسۋىرلەپ، «خۇشاللىق» ئۇقۇمىنى ناھايىتى توغرا ھەم چوڭقۇر شەرھىلەپ بەرگەن.
    ئالدىنقى ئەسىردىكى لېي فېڭ كىشىلىك ھاياتىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قوغلىشىپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلگەن، شۇڭا ئۇ ناھايىتى خۇشال. بىز كونا ئالبۇمنى ۋاراقلاپ، لېي فېڭنىڭ ھەربىر پارچە سۈرىتىگە سەپسالساق، ساددا، ھەقىقىي ئىچىدىن چىققان كۈلكىنى ھېس قىلالايمىز، بۇ كۈلكە سىماسى بىلەن خۇشاللىق دەل ئۇنىڭ يېڭى تۇرمۇشتىكى رازىمەنلىكى، پارتىيە ۋە خەلققە بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى، ۋەتەن ۋە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىنكى كۆكسى – قارنى كەڭلىكتىن ئىبارەت.
    «ھازىرقى زاماندىكى لېي فېڭ» گو مىڭيى، خۇشاللىقنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئۇ پەقەتلا بىر ئاددىي ئىشچى، بىراق ئون نەچچە يىلدىن بىرى بىرلا ئېتىقادتا ــــ لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەستىن ئازغىنە كىرىمى بىلەن ياردەم قىلغان؛ ئېغىر كېسەللەر قان بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇ ھېچ گەپ قىلماي يېڭىنى تۈرگەن. شۇنداقلا بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە «گو مىڭيى مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈش فوندى» نى تەشكىللەپ، تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغان، ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر قىلغان، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
    جاڭ لىلىنىڭ ھېكايىسى جەمئىيەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ جان – پىدالىق بىلەن ئادەم قۇتقازغان ھەرىكىتىدە بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئادەتتىمۇ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان جاھىللىقىدا، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا بولغان يېقىنچىلىقى ۋە شەخسىيەتسىز مېھىر – مۇھەببىتىدە ، ئۇنىڭ مەڭگۈگە كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىن كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» شەرەپلىك نامىنى سېخىيلىق بىلەن بەرگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىشكە بولمايدۇ.
    لېنىن مۇنداق دېگەن: ئالغا ئىلگىرىلەش نېمە دېگەن ياخشى، مانا بۇ ھەقىقىي تۇرمۇش! پەقەت ئېتىقادلا بىزگە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى، مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەرگىزمۇ خاتا بولغان قىممەت قارىشى تەرىپىدىن خاتا يولغا باشلىمايدۇ. ھاياتلىقتا ھەقىقەتنىڭ يول كۆرسىتىشى بولغاندىلا، ئاندىن نىشاندىن چەتنەپ كەتمەي، تۇرمۇشتىن ھەقىقىي خۇشاللىقنى ھېس قىلالايمىز. بۇمۇ خۇشاللىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى!
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:52:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشاللىق ھەرگىزمۇ يەپ – ئىچىش، ئويۇن – كۈلكە ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئەيىش – ئىشرەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ھېس قىلىشقا ئېھتىياجلىق. كىشىدە غايە، قوغلىشىش، ئېتىقاد بولۇشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا، خۇشاللىق مەڭگۈلۈككە، ھەقىقىي داۋاملىشىدۇ


بۇ قۇرلارنى  نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم ، بەك توغرا   مۇئەيەنلەشتۈرۈلۈپتۇ.


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:26:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشاللىق بار جايدا ،ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىك مەۋجۇت ئەمەستۇر.


Rank: 1

تىللا
53
تۆھپە
13
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پىسخولوگنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيسىدە ئىشلىگەن تەتقىقاتىدا دىيىلىشىچە ، ئۆلۈش ئالدىدىكى كىشىنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان 25 تۈرلۇك ئىشنىڭ بىرىنچىسى ئىتقادسىزلىق ئىكەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:18, Processed in 0.074479 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991