كۆرۈش: 2210|ئىنكاس: 0

يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
502
تۆھپە
148
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 14:55:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشماقتا


    جۇڭگو جەمئىيىتى ئۆزگىرىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئەنئەنىۋى «قېرىغاندا تايانچىسىز قالماسلىق ئۈچۈن بالا بېقىش» ئاستا – ئاستا غۇلاشقا باشلىدى. بۇ ئالاھىدىلىك شەھەر – يېزىلاردىكى پەرقنىڭ چوڭ بولۇشى ۋە تۈركۈملىگەن ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى تۈپەيلىدىن، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشمەكتە. شەنشى ئۆلكىسى تەيبەي ناھىيەسىدىكى ياشانغان ئەر – خوتۇن ياڭ دېچىڭ ئائىلىسى گۆش يېيەلمىگىلى 6 يىل بولدى. (9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى «خۇاشاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى)
    بۇنداق مەنزىرىنى ئانچە كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا بېقىش مەسىلىسى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا: پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش ئېڭى بارغانسېرى سۇسلىشىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنما ئەمگەك كۈچى توختىماستىن شەھەرگە يۆتكىلىپ، يېزىلاردىكى يەرلىكنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش كاپالەت فۇنكسىيەسى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئائىلىدە ياشانغانلارنى بېقىش قاتتىق رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى «قېرىغاندا تايانچىسىز قالماسلىق ئۈچۈن بالا بېقىش» سىستېمىسى ھازىر غۇلاپ چۈشمەكتە، بۇ مەسىلىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سىزىقىدا ياشايدىغان، يېزىلاردىكى ياشانغانلار توپىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە.
     نۆۋەتتىكى يېزىلار «ياشانغانلار كەنتى» گە تېخىمۇ ئوخشاپ قالدى، ئون ئائىلىنىڭ 9 ىدا ئادەم يوق، ئۇۋىنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بار بولسىمۇ، بىراق نەۋرە – چەۋرىلىرىنىڭ شادلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، ھەتتاكى تۇرمۇش مەنبەسىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. دۆلەت ياشانغاندا بېقىش جەھەتتىكى تەمىناتى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر ياكى «يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ياشانغانلار» غىمۇ يەتمەيدۇ، ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئائىلىدە ياشانغاندا بېقىش ۋە جەمئىيەتنىڭ ياشانغاندا بېقىش ئوتتۇرىسىدىكى قىستۇرما قەۋەتتە قالغاچقا، كۆرۈنۈشتە ھەممەيلەن خەۋەر ئېلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھېچكىمنىڭ ئۇلار بىلەن كارى يوق. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، «6 يىل گۆشكە ئېغىز تېگەلمەسلىك ئاچچىقى» دەك ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
    گەرچە دۆلىتىمىز يېزىلاردا ياشانغاندا بېقىش سۇغۇرتىسى ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئومۇمەن 60 ياشتىن ئاشقان يېزا نوپۇسلارنىڭ مەيلى ئىشقا ئورۇنلىشىش تارىخى ياكى كىرىم ئەھۋالى بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەت مالىيەسىنى ئاساس قىلغان، ھەر ئايدا تارقىتىلىدىغان ياشانغاندا بېقىش كاپالەت سوممىسىغا ئېرىشەلەيدىغان بولسىمۇ. بىراق بۇ خىل ئېتىبار سىياسەتنىڭ ئۆلچىمى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، ھېچنەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئەگەر بۇ بىردىنبىر تۇرمۇش مەنبەسى بولسا، ئۇنداقتا «6 يىل گۆش يېيەلمەسلىك» تەك ئېچىنشىلىق ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنى بېقىش يەنىلا «قېرىغاندا تايانچىسىز قالماسلىق ئۈچۈن بالا بېقىش» قا ئۈمىد باغلاپ كەلمەكتە. بىراق مەسىلە «قېرىغاندا تايانچىسىز قالماسلىق ئۈچۈن بالا بېقىش» غايەت زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، قانداق قىلىپ يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا بېقىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ يېزىلاردىكى ياشانغانلارنى ھەقىقىي تۈردە ياشانغاندا بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلامنىڭ لايىھەسىگە ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ.
    نۆۋەتتە، دۆلەتنىڭ مالىيە ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلىقتىن، يېزىلاردىكى مۇكەممەل بولغان ياشانغاندا بېقىش سىستېمىسى بەرپا بولمىدى، جەمئىيەتنىڭ ياشانغاندا بېقىش سەۋىيەسى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى تەس. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ئائىلە بېقىش كونا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزى جۇغلاشنى تەكىتلەپ، ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «تەتۈر بېقىش» تەك ياشانغاندا بېقىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. بىر جەھەتتىن، مۇناسىۋەتلىك قائىدە – قانۇنلارنى بەلگىلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ «ياشانغانلار كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەت قانۇنى» غا بەزى ئەمەلىي بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ھەتتا ياشانغانلارنى تاشلاپ كېتىشتەك قىلمىشلارغا بولغان جازانى ئېغىرلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قول سېلىپ يېزىلاردىكى ياشانغاندا بېقىشقا ئائىت قانۇننى تەييارلاپ، ئائىلىدە بېقىشقا قارىتا ئېنىق بولغان قانۇنىي چەك – چېگرا بېكىتىشى لازىم؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مۇئەييەن ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلىدە بېقىشنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، جەمئىيەت بېقىش تەرەققىياتىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئائىلىدە بېقىشتىن «ئائىلە، جەمئىيەت، دۆلەت» بېقىشتەك ئۇنىۋېرسال ئۆتكۈنچى سىستېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
    بۇنىڭدىن باشقا، يېزىلاردىكى ئۆزئارا بېقىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يەر ئوبوروتى قاتارلىقلار ئارقىلىق ياشانغاندا بېقىشنى مۇقىم مەبلەغگە ئايلاندۇرۇش ھەمدە يېزىلاردىكى ياشانغاندا بېقىش مەسىلىسىدە، دۆلەتنىڭ ئېتىبار خاراكتېرلىك ياشانغاندا بېقىش سوممىسىنىڭ ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ، مۇقىم قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش لازىم. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق، «6 يىل گۆش يېيەلمەسلىك» تەك ئېچىنىشلىق ئىشنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا بېقىشنىڭ باھارىنى بالدۇرراق كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:21, Processed in 0.071155 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991