كۆرۈش: 1972|ئىنكاس: 1

ناخشىچى(ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
123
تۆھپە
74
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 14:44:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناخشىچى
(ساتىرا)

«مىللىي ئاھاڭ، مۇقام» نى قىلىپ قالقان ناخشىچى،
دوپپىسىغا خەلقنىڭ جىگدە سالغان ناخشىچى،
قىلغىنىدەك گوياكى تاغنى تالقان ناخشىچى،
كەلسە - كەلمەس ۋارقىراپ «ئاتاق» ئالغان ناخشىچى!

تۆت - بەش «ناخشا» ئىجاد قىپ، ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدە،
ئېلىپ ئۇنى لېنتىغا، بىرلا كۈندۈز - كېچىدە،
تاۋلانمايلا سەنئەتنىڭ مۇشەققەتلىك پېچىدە،
بىر كېچىدە چولپان بوپ، كۆكتە يانغان ناخشىچى!

ئالقىشلانسا قايسى كۈي، ئۈزۈۋېلىپ ئاز - تولا،
ئاڭا «كىرپىك - قاش» ياساپ، بېرىپ بىر ئاز رەڭ - جۇلا،
پىنھان رەستە بۇلۇڭدا، چېچىپ گۈلگۈن نۇر - شولا،
شەربىتىگە سەنئەتنىڭ، توپا سالغان ناخشىچى!

قۇراشتۇرۇپ تۆت مىسرا، تېكىست ئاتاپ ئۆزىچە،
سېلىپ غەيرىي ئاھاڭغا، ئەل - ئاۋامنىڭ كۆزىچە،
«ئىجاد – ناخشا چولپىنى» بولۇپ دوستلار سۆزىچە،
چۈشۈپ ئەلنىڭ نەزەرىدىن، پەستە قالغان ناخشىچى!

سەنئەت نېمە، ناخشا ھەم چۈشەنمەستىن تېگىنى،
ئەل نېمىگە ئىنتىزار، قايسى سەنئەت ئېقىمى،
ۋاسىتە قىلىپ سەنئەتنى، يەپ ئۆزىنىڭ غېمىنى،
ساختا شۆھرەت پۇل بىلەن قورساق سالغان ناخشىچى!

بىلسەڭ ناخشا قىممىتى ئۆلچەنمەيدۇ پۇل بىلەن،
ئەل كۈيچىسى قۇتلىنار مېدال بىلەن، گۈل بىلەن،
كېلەر ئىقبال سائادەت مۇشەققەتلىك يول بىلەن،
ئېيتقانلىرىم ھەقىقەت، ئەمەس يالغان ناخشىچى!

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 14:47  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
196
تۆھپە
83
UID
17521
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 22:10:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن! كارامەت يېزىپسىز! مەڭە بەك يارىدى! تېخىمۇ بەك تىرىشىڭ!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:21, Processed in 0.090199 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991