كۆرۈش: 1938|ئىنكاس: 2

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
381
تۆھپە
211
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 14:18:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم


يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

سىزگە ئاشىق يۈرىكىم قاناپ.

كۈتۈش ئەجەب تۇيۇلدى ئۇزاق،

يارسىز ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ.

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

گۈلدەك يۇمران لېۋىمنى چايناپ.

پەيدا قىلدى بېشىمدا سەۋدا،

شورلۇق تۇزدەك تومۇرۇم قايناپ.

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

يېقىپ ئاتەش باغرىمنى يەرگە.

ئاقتى ئاچچىق قىسمىتىم بىللە،

زەرداب سۇدەك قوشۇلۇپ تەرگە.

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

قۇچاق ئېچىپ جۇدالىق پەسلى.

شېرىن چۈشتەك يىراقتا قالدى،

جانغا ھۇزۇر مۇھەببەت ۋەسلى.

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

سەرسان روھنى پاكىزە يۇيۇپ.

مەستلەپ كەتتى قاناتلىق خىيال،

جانغا ھىجران شارابى قۇيۇپ.


مەنبە: مەن شۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 14:44  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:45:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،

گۈلدەك يۇمران لېۋىمنى چايناپ.

پەيدا قىلدى بېشىمدا سەۋدا،

شورلۇق تۇزدەك تومۇرۇم قايناپ


                           بۇ مىسرالار  بولدىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:03:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       مەستلەپ كەتتى قاناتلىق خىيال،

جانغا ھىجران شارابى قۇيۇپ

  ئامىرىقىم ، ئۇشبۇ نامىمنى ،
  قوياي دەيمەن قەلبىڭگە ئويۇپ !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:18, Processed in 0.070589 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991