كۆرۈش: 6579|ئىنكاس: 3

مانا بۇ ھەقىقىى ئايال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:34:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا بۇ ھەقىقىى ئايال



مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛
ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال؛
ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛
گۈزەللىكنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛
كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛
ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي خۇلقلىق ئايال؛
ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛
راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛
ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛
چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛
ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛
ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛
بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛
پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۈمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدەتەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...سەن ھەقىقىي ئايال، ئەڭ ھەقىقىي ئايال
                                                                            مەنبە :  ئۇيغۇر  قىزلار  تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛


             ھەرقانداق بىر ئايال  مۇشۇنداق سالماقلىق ئايال بولۇشقا تىرىشساق دەيمەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:17:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئايال بولۇش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس، توغرا يولدا مېڭىپ ئۆزىمىزگە يۈز كىلىپ ،بالىلار،ئەرلەر،ئاتا ئانىلار، جەمىيەت ئالدىدىكى ئاياللىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ماڭالىساقلا ھەقىقى ئايال بولىمىز.
ھەممىمىز تىرىشايلى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1493
تۆھپە
962
UID
372

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:59:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ناھايىتى ئېسىل تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئېسىمدە قېلىشچە، بۇ ئەخمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئايال» ناملىق نەسىرىغۇ دەيمەن؟ يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:18, Processed in 0.072664 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991