كۆرۈش: 11084|ئىنكاس: 11

قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىدىكى چاچ چۈشۈرگىلىك توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
28836
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:27:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىدىكى چاچ چۈشۈرگىلىك توغرىسىدا


سەمەت ئەسرا تۇرا

(قومۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە)


90fba609152010b1505e12.jpg


    ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىدا بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان ئۆزگىچە توي قىلىش مۇراسىم-ئادەتلىرى بولۇپ، باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىدە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى يىگىت تەرەپتىكى يىگىتنىڭ چاچ چۈشۈرگىلىك مۇراسىمى بىلەن قىزنىڭ يۈز ئاچقۇلۇق مۇراسىمىدۇر.
    چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ھازىر بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ. تويلاردا بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. بۇنداق ئېسىل ئادەتلەرنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئېتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدىن يىراقلاپ بارغانچە ئۆز مەزمۇنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن ئالدى بىلەن چاچ چۈشۈرگىلىكنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال مۇراسىمنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى بايان قىلىمەن.
    قومۇل شەھەر ئىچىنى ئاساس قىلغان يېزا-كويلاردىن تارتىپ تاكى بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغقىچە توي-تۆكۈنلەردە چاچ چۈشۈرگىلىك ئادەتلىرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئانچە-مۇنچە پەرق بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ پەرق يوق.
    چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئادەتتىكى تويى بولغان يىگىتنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتى دەپ تونۇيدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك، بۇ مۇراسىم ئادەتتىكى چاچ چۈشۈرۈش مۇراسىمى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى بايقايمىز. بىزدە «ئادەت يوقالمايدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. قومۇل ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بۇ ئېسىل ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تويلارنىڭ ئالاھىدە كۆركى بولۇپ قالغان. ئادەتتە يىگىتنىڭ يىگىت بېشى چاچ چۈشۈرگىلىكنى مەھەللىدە كىمنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ مۇراسىم ئومۇمەن يىگىتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قېرىندىشى بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىسا، يېقىن ئاغىنە-بۇرادەرلىرى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:38:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     توي قىلىدىغان يىگىتنىڭ چېچى چوقۇم چۈشۈرەلەمدۇ ؟ ھازىرقى يىگىتلەرمۇ بۇ خىل ئادەتنى قوبۇل قىلالامدۇ ؟ دىگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلگۈم كەلدى .
ئېسىل ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ساقلاش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئەۋلاتلاغا يەتكۈزۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1238
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزغا رەخمەت....


سەكرا

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
28847
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:11:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 11:38
توي قىلىدىغان يىگىتنىڭ چېچى چوقۇم چۈشۈرەلەمدۇ ؟ ھا ...


مەنمۇ شۇنىڭغا قىزىقىۋاتىمەن.


Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:06:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ‹چاچ چۈشۈرگىلىك›  بۇ بىر ئۆرۈپ -ئادەت ياكى قائىدە-يوسۇننىڭ ئاتىلىشىمۇ؟ياكى تويى بولغان يىگىتنىڭ بىشىدىكى چاچنى راھىپلارنىڭكىدەك قىلىپ چۈشۈرۈۋىتىشمۇ ؟ ئوچۇقراق يازمامسىز  ئاسرا ، سۈرەتتىغۇ يىگىتنىڭ دوپپىسىنىڭ تىگىدە چاچقا ئوخشاش قارا نىمە تۇردۇ بولمىسا  ئا......ينا.


Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:18:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپە-ئادەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك . ئەپسۇس ھازىرقى جەمىيەتتە بەزىلەر غەرىبنى دوراپ كالتە كىيىم كەيسە ، يەنە بەزىلەر ئەرەپلەرنى دوراپ زوروچە نىقاپلىنىپ يۈرمەمدۇ ،،،،،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 16:40:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،لىكىن ئېنىق جاۋابىنى ئاڭلىساق بولاتتى.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
236
تۆھپە
71
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:04:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلمەيدىكىنمەن بۇ مەدەنىيىتىمىزنى ،  تەپسىلى بىر چۇشەنچە بىرىلسە ياخشى بولاتتى.


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
28877
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:35:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يىگىتنىڭ چىچى چۈشۈرۈلمەيدۇ ، چاچ چۈشۈرگىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى  توي كۈنى يىگىت ۋە يىگىتنىڭ دوستلىرىنى  رازى بولغىدەك مېھمان قىلىدۇ......   


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 19:31:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
公主梦 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 17:35
يىگىتنىڭ چىچى چۈشۈرۈلمەيدۇ ، چاچ چۈشۈرگىسىنى ئۆتكۈزۈ ...

ھە ئەسلى مۇنداقمىتى.........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:05, Processed in 0.083546 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991