كىنو مەدەنىيىتى ۋە كىنوچىلىقىمىزنىڭ بۈگۈنى
ئابدۇكېرىم ئابلىز
كىنو ئونىۋېرسال، ئاممىباب سەنئەت، شۇنداقلا ھەرىكەتچان سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ۋە پىرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويۇش تېخنىكىسىنىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن زامانىۋى سەنئەت. 1895 – يىلى فىرانسىيەلىك ئاكا – ئۇكا لومبىرلار بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا دۇنيا بويىچە بىر قەدەر ئىلغار، ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەيدىغان تۇنجى سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىنى ياسىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئۈنسىز كىنو سۈرەتكە ئېلىنغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىدىكى مەشھۇر كەشپىياتچى ئېدىسون كىنو تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا بولىدىغان ئەمەلىي تېخنىكىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نىيويۇركتا بىر تۈركۈم كىنو شىركەتلىرى مەيدانغا كېلىپ، ئارقا – ئارقىدىن فىلىم ئىشلەشكە باشلىدى. ئەمما، بۇ دەۋردىكى كىنولار ئاۋازسىز، رەڭسىز ئىدى.
1906 – يىلى فىرانسىيەلىك روستىر كىنونىڭ ئاۋازىنى فىليونكىنىڭ گىرۋىكىگە ئېلىش ئارقىلىق ئاۋازلىق كىنونى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيەلەردە كىنوچىلىق تېز راۋاجلاندى. زامانىۋى شەھەرلەردە كىنوخانىلار بەس – بەستە قۇرۇلدى.
كىنوچىلىق ئەدەبىيات، تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، سېرك، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، بىناكارلىق قاتارلىق سەنئەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئەڭ يېڭى پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرىدىغان ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى باشقا ھەرقانداق سەنئەت تۈرلىرىدىن يۇقىرى بولىدۇ. كىنو ئارقىلىق پەيدا بولغان سەنئەت دۇنياسى ئىنسانىيەتنى ئۆزگىچە بىر غايىۋى سەنئەت دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. كىنو فىلىملىرى ئارقىلىق ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلىق قىسسەلىرى، ئەپسانە – رىۋايەت ۋە تارىخىي ۋەقەلەر قايتىدىن پىششىقلىنىپ، ئۆتمۈشتىن دالالەت بېرىدىغان كۆپ خىل مەدەنىيەت – سەنئەت ھادىسىلىرى مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ كىشىلەرگە نامايان قىلىندى. ئەسلىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلۈك قەدىمىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت، سەنئەت قاتارلىقلار كىنو ئارقىلىق قېزىپ چىقىلىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بارغانسېرى زورايتتى.
پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ فوتو ئاپپارات، تېلېكامېرا، سكاندىرلاش ماشىنىسى، رەڭلىك نۇسخا ئالغۇ قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، سۈرەتلەرنى مونتاژ قىلىش تېخىمۇ قولايلاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە بىر – بىرى بىلەن سىڭىشىش دەرىجىسى يەنىمۇ كۈچەيدى. رەقەملىق تەقلىدىي سۈرەتكە ئېلىش ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن كىنو فىلىملەرنىڭ رېئاللىق ۋە تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىدىكى تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلار ئازلاپ، تەننەرخى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى قاتارلىقلار كىنو ئارقىلىق ئۆز ئارا تۇتىشىپ، زامانىۋى ئېكرانلار ئىنسانلارنى مۇرەككەپ مەۋھۇم دۇنياغا باشلاپ كىردى.
دېمەك، كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ئاۋازسىز كىنو، ئاۋازلىق كىنو، رەڭسىز، رەڭلىك كىنو، كەڭ ئېكرانلىق كىنو، ئىستېرېئولۇق كىنو قاتارلىق باسقۇچلار بېسىپ ئۆتۈلدى ھەم شارشىمان ئېكرانلىق كىنو، گولوگىرافىيەلىك كىنو، پۇراش سېزىمى بېرىدىغان كىنو، تېگىش سېزىمى بېرىدىغان كىنو قاتارلىق بىر مۇنچە تۈرلەر بارلىققا كەلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنوچىلىقىغا كەلسەك، 1917 – يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ زەربىسىدىن شىنجاڭغا قېچىپ كەلگەن چارپادىشاھ ئەسكەرلىرى رۇسىيەدىن كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە بىر يۈرۈش دىزېل موتور ئالغاچ كەلدى. بۇ شىنجاڭغا كىنونىڭ دەسلەپكى قېتىم كىرىشى ئىدى. 1924 – يىلى قاغىلىقتىكى ئالا بازىرى، قەشقەر شەھىرىدىكى تىللا بازىرى، ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈكتە فىرانسىيە سودىگەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ‹‹ساياھەت خاتىرىلىرى›› ناملىق ئاۋازسىز ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. ئەينى يىللاردا خەلق بۇنداق كىنولارنى ‹‹لاتەك(لاتا) ئويۇنى››، ‹‹شەيتان سۈرىتى›› دەپ ئاتاشقانىدى. 1930 – يىلى ئۈرۈمچىدە كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن قونچاق كىنولار قويۇلدى. 1930 – يىلنىڭ ئاخىرى قەشقەرلىك مەتنىياز مەخسۇم، ھۈسەيناخۇن ھاجى قاتارلىقلار قەشقەردە ‹‹كىنو تەرەققىيات شىركىتى›› قۇردى. ئۇلار سېۋىت ئىتتىپاقىدىن بىر جۈپ ئاۋازسىز كىنو ئاپپاراتى سېتىۋېلىپ، 1 – دۇنيا ئۇرۇشى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا دائىر فىلىملەرنى قويغان. 1932 – يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنتتە يەرلەشكەن غۇلجىلىق ئۇيغۇر ھۈسەيىن بىر جۈپ كىنو ئاپپاراتى ۋە ‹‹چاپايىۋ››، ‹‹گۈزەل ۋاسىلىسا›› (پاقا چوكان) قاتارلىق فىلىملەرنى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىپ قويغان. 1934 – يىلى ئۇنىڭ كىنوخانىسى ‹‹ھۈسەيىن كىنو شىركىتى›› بولۇپ قۇرۇلغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدە مۇنتىزىم كىنوخانىدىن ئۈچى، ھەر خىل ئويۇنخانىدىن 89ى قۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلار تولۇق ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەن. 1946 – يىلى مارتتا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تىياتىر – كىنوخانىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭدا كىنو ئىستۇدىيەسى قۇرۇش، ئۇيغۇرچە كىنو ئىشلەش تەشەببۇس قىلىندى. 1950 – يىلى ئىيۇلدا بېيجىڭ كىنو ئىستۇدىيەسى ئوپېراتورلار ئەترىتى شىنجاڭغا كېلىپ ‹‹قىسىم ئىشلەپچىقىرىشى››، ‹‹خەلقنىڭ يېڭى شىنجاڭى›› قاتارلىق فىلىملەرنى سۈرەتكە ئالدى. ئۈرۈمچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۇنجى كىنوخانا <<خەلق كىنوخانىسى›› قۇرۇلدى.
1956 – يىلى ئۆكتەبىردە شىنجاڭ كىنو ئىستۇدىيەسى تەييارلىق ھەيئىتى قۇرۇلدى. 1959 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹بوستانلىقتىكى تەنتەنە››، ‹‹ئىككى ئەۋلاد››، ‹‹مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان››، ‹‹قاسەن – جەمىلە››، ‹‹تىيانشان قىزىل گۈلى››، ‹‹يىراقتىكى ئۇچقۇنلار››، ‹‹ئانارخان›› قاتارلىق فىلىملەر ئىشلەندى. 1979 – يىلى شىنجاڭ كىنو ئىستۇدىيەسى ‹‹تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى››گە ئۆزگەرتىلدى ھەم قايتىدىن ھېكايە فىلىم ئىشلەشنى باشلىۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ‹‹يول باشلىغۇچى››، ‹‹يايلاقتىكى مىلتىق ئاۋازى››، ‹‹بەخت ناخشىسى››، ‹‹ئارتىس بولمايدىغان قىز››، ‹‹رەنانىڭ تويى››، ‹‹قىز قەبرىسى››، ‹‹مۇزتاغ ئېتىكىدە››، ‹‹پۇل دېگەن نەرسە››، ‹‹تىنچسىز قۇمباغ››، ‹‹ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى››، ‹‹سىرلىق كارۋان››، ‹‹قېرىنداشلار››، ‹‹نۇرنىسا››، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ››، ‹‹ سەمىمىي غەمخورلۇق›› قاتارلىق ھېكايە فىلىم ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە فىلىم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا مۇكاپاتلارغا نائىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.
مەدەنىيەت كەسپى مەلۇم دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسىي ۋاسىتە. ھازىر مەدەنىيەت كەسپىدىكى باشلامچى كەسىپ بولغان كىنو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ مەلۇم دۆلەت ياكى مىللەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارغانچە ئېنىق گەۋدىلەنمەكتە. بىز خالايلى – خالىمايلى، كىنو – تېلېۋىزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت بىلەن قورشالغان بىر دۇنيا ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە روجىكىگە سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. گەرچە بىز ئۆزىمىزنى سەنئەتخۇمارلىقىمىز بىلەن بەزلەپ يۈرسەكمۇ، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمىز سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئاز ھەم ئاددىي بولغاچقا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلب دۇنياسىغا شۇڭغۇپ كىرەلمەيۋاتىدۇ.
يەنە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئاپتونوم رايونىمىز كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولۇۋاتقىنى نوقۇل مەبلەغ قىيىنچىلىقى ۋە بىنورمال سېنزورلۇق ئۆلچىمىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا سېنارىستلار قوشۇنىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، پىشقان سېنارىستلىرىمىزنىڭ بولماسلىقى، بولغان تەقدىردىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بەيگىگە يېقىنلىشالماسلىقتەك رېئال ئەھۋالمۇ بار. بۇنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز، ئۆزىمىزدە بار ئاجىزلىق ۋە قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
بىزدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە چانمىغۇدەك، ھەتتا خەلقئارا سەھنىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغۇدەك ئارتىس، ئاكتىيورلار قوشۇنى بار. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇنبەرلەرگە ئەزىز مېھمان بولالىغۇدەك رېژىسسورلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا، بىز ئۆزىمىزدىكى ئوبيېكتىپ ئەھۋالنى توغرا بايقاپ، مەسىلىگە توغرا دىياگنوز قويۇپ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت بىر تەرەپ قىلىپ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل، ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز زۆرۈر.
ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنوچىلىقىدىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان ياخشى نەتىجە ۋە ئۇتۇق مەيدانغا كېلىدۇ. كىنو – تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتىمىز بوستانىدا خۇش پۇراق گۈللەر بەرق ئۇرىدۇ.