كۆرۈش: 5899|ئىنكاس: 4

دۆلىتىمىزنىڭ تەييار چۆپ ساھەسى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
44
تۆھپە
76
UID
21918
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۆلىتىمىزنىڭ تەييار چۆپ ساھەسى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟


4487fcd79e3911cb9f842a.jpg


     2005-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئالتە يىل مابەينىدە، ئازىراقمۇ ئۆرلەش بولمىغان دۆلىتىمىزنىڭ تەييار چۆپ ساھەسىدە نۆۋەتتە «سوغۇق قىش پەسلى» كۈتۈۋالماقتا. 20-سېنتەبىر، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى «جۇڭگو تەييار چۆپ ساغلام ئوزۇقلىنىش دوكلاتى» خېبىينىڭ شىجىياجۇاڭدا ئېلان قىلىنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ساغلاملىق بولسا جۇڭگونىڭ تەييار چۆپ ساھەسى يۈزلىنىدىغان ئاساسى ئېقىم ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20-ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، تەييار چۆپ ساھەسى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىن خارابلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى. 2005-يىلدىكى 48 مىليارد يۈەنلىك سېتىش سوممىسى 2011-يىلغا كەلگەندە ئاران 50 مىليارد يۈەنگە ئۆرلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ساھەسىنىڭ سېتىش مىقدارى يەتتە يىلدا 2 مىليارد ئاشقان. ئىچكى خادىملارنىڭ قارىشىچە، ئېشىش قىممىتىدە نۆللۈك ئېشىش ھالىتى شەكىللەنگەن. ياپونىيە، كورىيە ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سېتىش شەكلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىز تەييار چۆپ ساھەسىنىڭ سېتىش شەكلى ناھايىتى پاسسىپ ئىكەن.
    بەيشىياڭ يېمەكلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياڭدۇڭيۈن «جۇڭگو تەييار چۆپ ساھەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىدىن زور دەرىجىدە كەينىدە قالدى» دەپ كۆرسىتىپتۇ، يەنى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار چۆپنىڭ چۆپى، تەم تەڭشىگۈچى، كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەردە 20 يىلدىن ياقى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. ھەر قايسى كارخانىلار بىر قەدەر ئاددىي بولغان تەمنى قوغلاشقان بولۇپ، ھېچقانداق يېڭىلىق كىرگۈزۈلمەپتۇ، شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن جۇڭگو تەييار چۆپ ساھەسىدىكى بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.
    مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچى تەييار چۆپ ساھەسىدىكى «ئەڭ ئالدىنقى قوشۇن» دەپ ئاتالغان يۈچىنجاسۈن، تىيەنفاڭ، بەيشىياڭ قاتارلىق ماركىلار ئاللىقاچان كونا تەرتىپكە ئۆتكەن ھەمدە يىللىق سېتىلىش ھالىتىدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. جۇڭگو يېمەكلىك تېخنىكا بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپلار باشلىقى شىياۋېينىڭ كۆرسىتىشىچە، خېنەن ئۆلكىسى بولسا ئاشلىق چوڭ ئۆلكىسى، بولكا چوڭ ئۆلكىسى بولۇپ، ئەگەر خېنەندىكى تەييار چۆپ كارخانىلىرى تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ بارالىسا، ئاندىن تەييار چۆپنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «ئەخلەت يېمەكلىك» دىن «ساغلام يېمەكلىك» گە ئۆزگەرتەلەيدىكەن. شۇندىلا خېنەن جۇڭگونىڭ «چوڭ ئاشپۇزۇلى» بولالايدىكەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، 2005-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئالتە يىل مابەينىدە ئېشىش بولمىغان دۆلىتىمىزنىڭ تەييار چۆپ ساھەسى نۆۋەتتە «سوغۇق قىش پەسلى»نى كۈتۈۋالغان.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1383
تۆھپە
886
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 18:31:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ مۇشۇ ئۆمرۈمدە ئىككى قېتىملا يەپ باقتىم.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1381
تۆھپە
609
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 19:43:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 18:31
مەنغۇ مۇشۇ ئۆمرۈمدە ئىككى قېتىملا يەپ باقتىم.

ئالدىراپ يېمىگەن ياخشى . سەپىرىمىزدە نان ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ ئەمەسمۇ.  


باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1381
تۆھپە
609
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 19:43:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراپ يېمىگەن ياخشى . سەپىرىمىزدە نان ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ ئەمەسمۇ.  


باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:35:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللەردە ئەخلەت يىمەكلىك دىسە بىزلەر بۇ بۇ بىر ھوزۇر دەيدىكەنمىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:07, Processed in 0.079928 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991