كۆرۈش: 5712|ئىنكاس: 8

بايرام – دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە ئامما لۇشىيەنىدە مېڭى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بايرام – دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە ئامما لۇشىيەنىدە مېڭىپ بېقىش كېرەك



     9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ، شەھىرىمىزدىكى بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللار مۇددىتى 8 كۈنلۈك ھەقسىز «ئارام مەزگىلى» گە كىرىدۇ . تۈنۈگۈن ، شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى 6 ئورۇن بىرلىشىپ بېكىتكەن « (1-ئۆكتەبىر) ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش » نى ئېلان قىلدى . ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0:00 دىن باشلاپ تاكى 10-ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 24:00 كىچە 7 كىشىلىك (7 كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن كىچىك بولغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن قاتناش ھەققى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ . (9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى «بېيجىڭ سەھەر گېزىتى» دىن كۆرۈڭ)
    قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ، ئاممىۋى تاشيول ھۆكۈمەتنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنى تەمىنلىگەن ئاممىۋى مەھسۇلاتى ، جەزمەن ئومۇم (公) نىڭ بولۇشى كېرەك . بىراق ، ھەق ئالىدىغان يوللار زىيادە كۆپ ، ھەق يىغىش پونكىتى زىيادە زىچ ، ھەق يىغىش ئۆلچىمى زىيادە يۇقىرى ، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول « يۇقىرى باھالىق تاشيول» غا ئايلاندى . توشۇش تەننەرخىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتتى ، شۇنداقلا ئاپتوموبىللارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشقا مەجبۇر قىلغۇزۇپ ، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى «قەرز ئېلىپ يول ياسايمىز ، ھەق يىغىپ قەرز قايتۇرىمىز » دېگەن سۆز خېلى ئورۇنلۇق بولسىمۇ ، بىراق ھەق يىغىشمۇ ئۇنداق مۇددەتسىز بولۇپ كەتسە بولمايدۇ . مەسىلەن ، بېيجىڭ–شىجياجۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھەق يىغىش يىل سانى 42 يىل بولۇپ ، ئاللىبۇرۇن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن . يەنە بەزى تاشيوللاردىكى ھەق يىغىش « ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەق يىغىش » تىن « تىجارەت خاراكتېرلىك ھەق يىغىش » قا ئۆزگەرگەن . بۇنداق مۇددەتنى ئۇزارتىپ ھەق يىغىش ئەگەر ئۆتمۈشتىكى «بۇ تاغنى مەن تەشكەن ، بۇ ئورماننى مەن تىككەن ، بۇ يەردىن ئۆتسىڭىز يول ھەققى تۆلەڭ » دېگەندىن پەرقى بولمىسا ، ئۇنداقتا بۈگۈنكى «قولۇڭدا ھوقۇق بولسا ، بويرۇقنىمۇ ئېلىۋېرىسەن » گە ئايلىنىپ قالىدۇ .
    ئەلۋەتتە، ھەق يىغىپ يول ياساشتا جەزمەن ھەق ئېلىش كېرەك ، بىراق قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇپ ، ھەق يىغىش مۇددىتى توشۇپ كېتىپ ، داۋاملىق ھەق يىغسا ، داۋاملىق پۇل تاپسا ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەر «مۆشۈك ئويۇنى» يوقمىدۇ ؟ كۆزى ئوچۇق كىشىلەرگە شۇنىسى ئايانكى ، رايون خاراكتېرلىك مونوپول قىلىپ تىجارەت قىلىش ـــــ تاشيول كارخانىلىرىنى خالىغانچە توساق قۇرۇپ ھەق يىغىپ ، ھەق يىغىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «يۇشۇرۇن پرىنسىپى» غا ئايلىنىپ قالدى. ئاۋال «قەرز ئېلىپ يول ياسايمىز ، ھەق يىغىپ قەرز قايتۇرىمىز » دىكى قەرز قايتۇرۇلۇپ بولۇپ ، ئەمدى «قەرز قايتۇرۇپ بولدۇق ، ھەق يىغىپ پۇل تاپىمىز » غا ئايلىنىپ قالدىمۇ ؟ پۈتۈن يەر شارىدىكى 140 مىڭ كىلومېتىر ھەق يىغىدىغان تاشيولنىڭ 100 مىڭ كىلومېتىرى جۇڭگودا ، بولۇپمۇ ، بەزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «پۇل ئېلىش ماشىنىسى» ياكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» كە ئايلىنىپ قالدى . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى ، ھېچ بولمىغاندا يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىپ ، زور مىقداردىكى مەبلەغنى تەقسىم قىلىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ، جەمئىيەتتىكى باراۋەرلىك ۋە ھەققانىيەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولدى . لېكىن  « ھوقۇقنىڭ جەزمەن مەجبۇرىيىتى بار ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك » ئىكەنلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەسلىشىپ ، بۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئىدىيە جەمئىيەتتە يامراپ كەتتى ، قىپيالىڭاچ بولۇپ ئاشىكارىلاندى .
    ئەمەلىيەتتە ، ئاممىۋى تاشيول ئاممىۋى مەھسۇلات بولغان ئىكەن ، تاشيولمۇ «ئامما (公) » نىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، «خاتىرجەم يول » غا ئايلانسا،  ئاندىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى «قەلىب تۇتاشتۇرۇش يولى» غا ئايلىنالايدۇ . خۇجيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ھەقسىز بولۇپ كەتتىغۇ ؟ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، بايرام–دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز قاتناش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىشى ياخشى ، بىراق نېمىشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا پەقەتلا بايرام–دەم ئېلىش كۈنلىرىدىلا ھەقسىز قاتنايدۇ ؟ ئاشىكارىلاپ ئۆتكەندە ، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ ، ئالاھىدە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايۋاتىدۇ ، يەنى ئاممىۋى مەھسۇلاتنى «ئامما» نىڭ قىلغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ . بۇنىڭ كەينىدە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يەنىلا بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش ياكى ئالماسلىقتا ئاممىنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشقا تېگىشلىك ، ئامما لۇشىيەنىدە ماڭغاندا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا گەرچە يەنىلا ھەق يىغسىمۇ ، ئاممىنىڭ قەلبىدىكى تەشۋىش كەيپىياتىغا ئوت تۇتاشمايدۇ .
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:22:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى گەپ بولۇپتۇ.دىمىسىمۇ نىمە دىگەن قالايمىقان ھەق ئىلىش بۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1049
تۆھپە
404
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 13:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خەۋەردە دىيىلىشىچە بايرام مەزگىلىدە ھەق ئالماسلىق دۆلەتنىڭ 20مىليارت يۈەن تاپاۋىتىنى ئازلىتىۋېتىدىكەن.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:05:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنىيەنىڭ ئىمپورت ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدىغانلار ئىھتىيات قىلارسىلەر


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1381
تۆھپە
609
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 19:44:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېك يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 15:05
ياپۇنىيەنىڭ ئىمپورت ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدىغانلار ئىھت ...

ھېچقىسى يوق


باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1049
تۆھپە
404
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:08:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېك يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 15:05
ياپۇنىيەنىڭ ئىمپورت ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدىغانلار ئىھت ...

قۇرال بەتلەگلىگمۇ قانداق؟


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:25:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 21:08
قۇرال بەتلەگلىگمۇ قانداق؟

ئىشنى قىلىپ ياپۇن ماشىنىلىرى بارلار ماشىنىسى بىلەن ئچكىرىگە ئامال بار بارماڭلار . بەزى ئەپقاچتى گەپلەردىن ياپۇن ماشىنىلىرىغا ماي قاچىلاپ بەرمەيدىكەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىدىم ، بەلكىم چاقچاقتۇ .


Rank: 2

تىللا
116
تۆھپە
56
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 15:24:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇننىڭ ئىمپورت ماشىنىلىرىغىمۇ ياكى ياپۇنلار ھەيدىگەن ماشىنىلارغىمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:08, Processed in 0.080570 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991