«ماشىنىسىز كۈن» نېمە ئۈچۈن «ماشىنا قاپسىلىپ قېلىش كۈنى»گە ئايلىنىپ قالىدۇ؟
خې يۇڭخەي
22-سىنتەبىر كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماشىنىسىز كۈن. ھالبۇكى شۇ كۈنى، نەنجىڭدە جۇجياڭ يولى، چاڭجياڭ يولى، جۇڭشەن يولىدا ماشىنىلار قاپسىلىپ قالدى. يول بويلىرىدىكى قاپسىلىش راستىنلا ئادەمنى شۇ كۈنىنى «ماشىنىسىز كۈن» بىلەن باغلاشقا ئامالسىز قالدۇردى؛ شۇ كۈنى، جىنەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىۋېلىشى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىنى يوقلىشى قاتناشنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن تەسكە توختىدى. بەزى شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ئاچچىقلىنىپ: « بۈگۈن «ماشىنىسىز كۈن» ئەمەسمۇ؟ يوللاردا نېمىشقا ماشىنىلار قاپسىلىپ قېلىپ، «ماشىنا قاپسىلىپ قېلىش كۈنى»گە ئايلىنىپ قالىدۇ»دېيىشتى. (23-سىنتەبىر «نەنجىڭ سەھەر گېزىتى»، «جنەن ۋاقىت گېزىتى»)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىملىق «ماشىنىسىز كۈن»دە جىنەن، نەنجىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن شەھەرلەردە كۆپ قېتىملىق ماشىنىلار قاپسىلىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ، كىچىك دائىرىدىكى «ماشىنىسىز رايون»لاردا ماشىنا ئاز، يول كەڭ، قاتناش راۋان بولغاندىن باشقا، ئاساسلىق قاتناش يول بۆلەكلىرىدە ماشىنىلار روشەن ھالدا ئازايماستىن، «ماشىنىسىز رايون» ئەتراپىدا ئەكسىچە ئادەتتىن تاشقىرى ماشىنا قاپسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.«ماشىنىسىز كۈن» خۇددى يېشىل يول يۈرۈش بىلەن قېرىشقاندەك، ھەرقايسى جايلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن: گۇاڭجۇدا قىسمەن شەھەر ئاھالىلىرى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، ئۆز جايلىرىنىڭ «ماشىنىسىز كۈن» قاتارىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
«ماشىنىسىز كۈن» نېمە ئۈچۈن « ماشىنا قاپسىلىپ قېلىش كۈنى»گە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئېڭى كۈچلۈك بولمىغاندىن باشقا، «ماشىنىسىز كۈن»نىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، 9-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈننى «ماشىنىسىز كۈن» قىلىشنىڭ ئۆزى بېسىم پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە دائىم دېگۈدەك دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنىغا ئوخشاش قوش بايراملار كېلپ تۇرىدۇ. مال سېتىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلارنى يوقلاش، توي-تۆكۈن ۋە سودا سارايلىرىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىملىرى كۆپ، ئاھالىلارنىڭ سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى زور بولىدۇ؛ «ماشىنىسىز كۈن»نىڭ ئەھمىيىتى ئىدىيە جەھەتتىن تەشەببۇس قىلىشتا بولۇپ، جازالاش ۋە چەكلەشلەر بولمىغاچقا، ھەتتا ماشىنا ھەيدېگۈچىلەر «ماشىنىسىز رايون»لارغا كىرىپ قالغان تەغدىردىمۇ تەربىيە بېرىپ يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر «ماشىنىسىنى ھەيدىگەن ياكى ھەيدىمىگەن تەغدىردىمۇ»، توسۇلىدىغان يول يەنىلا توسۇلۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق «ماشىنىسىز كۈن» شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ، شەھەرنىڭ پائالىيىتىدىكى بىر سەنئەت بولۇپ قالىدۇ.
شەھەرنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى يېتىشەلمىگەندە «ماشىنىسىز كۈن»نىڭ راۋان بولۇشى تېخىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. ھەر قېتىم «ماشىنىسىز كۈن» يېتىپ كەلگەندە، قاتناش تارماقلىرى دائىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆپرەك ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇشى، كۆپرەك ۋېلسىپىت مىنىشى، ھەتتا كۆپرەك پىيادە يول يۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، ئاممىۋى قاتناش، مېترولارنىڭ توشۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغاچقا، قىستاڭچىلىق كۆرۈلۈپ، تاكسىلارنىڭ ئۈنۈملۈك يول يۈرۈشىمۇ يېتىشمەيدۇ، ۋېلسىپىت مىنگەن تەغدىردىمۇ بەزىدە يول راۋان بولماي قالىدۇ، ھەمدە يول يىراق بولغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرى ماشىنىلارنى قىممەت ھېسابلاپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولىدىغان بولسا، «ماشىنىسىز كۈن»نى ھەرقانچە كۆپ قىلغاننىڭمۇ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
شەكىلۋازلىقنى «ماشىنىسىز كۈن»نىڭ بىر چوڭ بەلگىسى قىلماي، شەھەر ئاھالىلىرىغا راۋانلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار بىرەر «ماشىنىسىز رايون»نى بەلگىلەپ، بىر قانچە «يول يۈرۈشنى چەكلەش ئاگاھلاندۇرۇشى» تاختىسىنى ئاسمايمۇ ھەل قىلالايدۇ. بۇنىڭدىكى ماھارەت «ماشىنىسىز كۈن»نىڭ سىرتىدا. مەسىلەن: يېشىل يول يۈرۈشنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەشەببۇس قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل مۇھىت ئىدىيەسىنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ يەنە بىر مىسال، ماشىنا ئىشلىتىش تەننەرخىنى چوڭراق ئۆستۈرۈپ بۇنىڭ بىلەن كىچىك ئاپتوموبىللارنى چەكلەش، بولۇپمۇ كۆپ بولغىما چىقىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئاممىۋى ئاپتوۋۇز قاتنىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى مەيلى «ماشىنا يول يۈرۈش كۈنى» ياكى «ماشىنىسىز كۈن» بولسۇن، ئوخشاشلا ئاممىۋى قاتناشقا تايىنىپ، تېخىمۇ ئاسان، ئازادە، تېز يول يۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى شەخسى ماشىنا ئىگىلىرى قولىدىكى رولىنى بوشىتىشى مۇمكىن.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «ماشىنسىز كۈن»نىڭ چاقىرىقى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېشىل مۇھىت ئېڭىنى قوزغىتىپلا قالماستىن، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى، ھەمدە ئاممىۋى قاتناش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش سانى ھەم پايدىلىنىش نىسبىتى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشىنى تېخىمۇ قوزغىتىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات