كۆرۈش: 9962|ئىنكاس: 9

«سېنى سۆيىمەن» تېلېۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
135
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 22:05:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«سېنى سۆيىمەن» تېلېۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا

cap00.jpg


cap01.jpg

cap03.jpg

cap06.jpg

cap07.jpg

cap08.jpg

cap09.jpg

cap10.jpg

cap11.jpg

cap12.jpg

cap13.jpg

cap14.jpg

cap15.jpg

cap16.jpg

cap17.jpg

cap19.jpg

cap20.jpg



    فىلىم مۇدىرى: نامان رەھمىتوللا.
    رېژىسسور: ئەنۋەر تۇرسۇن.
    ئاساسلىق روللاردا:
    ئېرشات: نەبىجان.
    رەيھان: روشەنگۈل مەمەتئېلى
    ھېكىم: نامان رەھمىتوللا.
    نورۇنسا: زۇلپىيە ئىبراھىم قاتارلىقلار.
    فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
    بۇ فىلىمدە ھېكىم ئايالى نورۇنسا بىلەن بىرلىشىپ، يېڭىدىن گېزىتخانىغا خىزمەتكە چىققان ئوغلى ئېرشاتنىڭ تويىنى قىلىشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭغا دوستى تۇراخۇن جىڭلىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ ھەمدە بۇ ئىشنى ئوغلى ئېرشاتقا ئېيتقاندا ئېرشات بۇ قىز بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. شۇ پەيتتە گېزىتخانا رەھبەرلىكى ئېرشاتنى قارىمايغا مۇخبىرلىققا ئەۋەتىدۇ. ئېرشات قارىمايغا كەلگەندىن كېيىن بىر كۈنى توساتتىن يول ئۈستىدە بىر كىچىك بالىنى ماشىنا ھادىسىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئاقكۆڭۈل قىز رەيھان بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەيھاننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئېرشات ھەر كۈنى رەيھان ئېچىۋاتقان دۇكاندىن كەمپۈت، پىچىنە - پىرەنىك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى باھانە قىلىپ، رەيھان بىلەن ئۇچرىشىشنى توختىتىپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئوتتۇرىسىدا چىن مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. ئېرشات قارىمايدىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى توي ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، توي تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ. بىراق ئېرشات بۇ تويغا قوشۇلماي، رەيھاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېكىم قارىمايغا يوشۇرۇنچە بېرىپ، رەيھاننىڭ ئائىلسىنى تېپىپ، قىزنىڭ ئاچىسىغا يالغان گەپلەرنى قىلىپ، بۇ ئىككى ياشنى بىر - بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېرشات رەيھان بىلەن خەت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، رەيھانغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، رەيھاننى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئېرشات بىلەن جىڭلىنىڭ قىزىنىڭ تويى ئاتا - ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولىدۇ. دەل توي كۈنى نىكاھ ئوقۇۋاتقان پەيتتە رەيھان توي ئۈستىگە كېلىپ، ئېرشات بىلەن كۆرۈشۈپ، تويىنى بۇزۇپ، ئىككىسى ئۆيدىن چىقىپ  قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئىشتىن ئېرشاتنىڭ ئاتا - ئانىسى تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىدۇ. بۇ فىلىمدە ئوغۇل - قىزلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ چات كىرىۋالماسلىقىنى، بالىلىرىنىڭ تاللىغان لايىقىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
    تەييارلىغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
    2012 - يىلى 25 - سىنتەبىر
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
135
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 22:07:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم قارىمايدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 2000-يىللاردا تارقىتىلغان. مەزمۇنى ئۆزگىچە بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىر قېتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1400
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:54:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت چىقرىپ كۇرۇپ باقساق بولغۇدەك.رەخمەت.


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 20:25:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolfiram يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 22:07
بۇ فىلىم قارىمايدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 2000-يىللاردا تارقى ...

بۇ فىلىمنىڭ سىنارېست بارغۇ دەيمەن، نېمىشقا يازمىدىڭىز؟
ياكى فىلىم ئىشلىگۈچى قوشۇلمىدىمۇ؟


Rank: 2

ئىسىمى
قاراخان
تىللا
102
تۆھپە
37
UID
5158
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 20:26:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolfiram يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 22:07
بۇ فىلىم قارىمايدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 2000-يىللاردا تارقى ...

بۇ فىلىم 2000 - ئىشلەنگەن . فىلىم ئىشلەنگەن ئاساسلىق ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇسرەت
تىللا
509
تۆھپە
244
UID
9024
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:17:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زاماننىڭ ئارقىدا قالدىممۇ نىمە ،بۇ فىلىمنىڭ نامىنى بۈگۈنگىچە ئاڭلاپمۇ باقمىغانكەنمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇسرەت
تىللا
509
تۆھپە
244
UID
9024
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:18:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بولسىمۇ كۆرەي ،رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
520
تۆھپە
251
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە سىنارىستى نىجات مۇھەممەت ئەپەندى،2003- يىللىرى قارامايدا دولەت بايرىمى كۈنلىرى ئىشلەنگەن، ئوپېراتۇرى ئابباس ئەنۋەر.
   ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىغى ۋە كۆڭۇل بۆلۈشلىرىگە كۆپ رەخمەت.
  ئاپتۇرغا ئەسكەرتىش: تېلېۋىزىيە فىلىمى ئەمەس، تېلېۋىزىيە كىنوسى دەپ ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ چۇنكى تېلېۋىزىيەدە قويۇلغان   فىلىملەرنىڭ تۈرلىرى ئوخشىمايدۇ، بىز بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنىمىز، تېلېۋىزىيە ھىكايە فىلىمىدىن ئىبارەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tesewwur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 18:02  



Rank: 4

تىللا
326
تۆھپە
200
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن ،ئەمدى بىر كۆرەيچۇ .


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
6
UID
29375
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:22, Processed in 0.089899 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991