كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 3

ھەققانىي: ئۇتتۇردۇم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
383
تۆھپە
115
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 15:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇتتۇردۇم



(بىر قىمارۋازنىڭ بايانى)



خۇمار بولۇپ قىمارغا بىساتىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۇتارمەن دەپ تەلمۈردۈم،تامايىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۆز يۇرتۇمدىن كېتەي مەن ماكانىمنى ئۇتتۇردۇم،

چوڭ سۆزلەشكە نە ھەددىم،زۇۋانىمنى ئۇتتۇردۇم.



ئۇتقان چاغدا پاتمايتتىم بۇ جاھانغا تاراقلاپ،

تۈنتەڭلەردە سانايتتىم ئۇتقان پۇلنى شاراقلاپ،

بۈگۈن كەتتىم قىماردا قىممىتىمدىن يىراقلاپ،

قەسەم قىلدىم نەچچە رەت تەكرارىمنى ئۇتتۇردۇم.



تاراملىدى كۆز يېشىم بۈگۈن بولدۇم قاق سەنەم،

رەنجىپ كەتتى مىنىڭدىن ئۇرۇق-تۇققان،مەھەللەم،

قاپساپ مېنى تەنھالىق بىھۇش قىلدى دەرت-ئەلەم،

ئەسلى دۇرۇس ئادەملىك ئىسپاتىمنى ئۇتتۇردۇم



.

قىلسا دوستلار نەسىھەت كەلمىدىم ھېچ ئەيۋەشكە،

ئەمدى مانا ئولتۇردۇم ئىككى پۇل يوق خەشلەشكە،

قىلمىشىمدىن ئاچچىقلاپ دادام كەتتى كەلمەسكە،

دىمەك تاغدەك يۆلەنچۈك قاناتىمنى ئۇتتۇردۇم.



ئانام ئاندىن رەنجىدى ئەيىب ئەتتى تۇققانلار،

تەنبىھ قىلدى يالۋۇردى بۇ ئىشىمنى ئۇققانلار،

چىرلاپ تېنىچ قويمايدۇ ئۇتتۇرغانلار-ئۇتقانلار،

خاتىرجەملىك يوق ئەمدى ئارامىمنى ئۇتتۇردۇم.



قاغىش تەككۈر قىمارغا نىچۈن مۇنچە چاپلاشتىم؟

تۇرمۇشتىكى ھالاكەت سۈڭگۈچىگە قاپلاشتىم،

ئۆز يۇرتۇمدىن-قەۋمىمدىن يېتىرقىدىم-ياتلاشتىم،

چۇڭقۇر پاتتىم گۇناھقا ساۋابىمنى ئۇتتۇردۇم.



توختاتمىدى قىمارۋاز كۈندە كىلىپ ئۆيۈمگە،

قەرزىدارلىق يامانكەن باراۋەركەن ئۆلۈمگە،

ئىنسان زاتى نىچۈنكى سەت كۆرۈندى كۆزۈمگە،

يولدا ماڭدىم موزايدەك سالامىمنى ئۇتتۇردۇم.



ھەممە ئىللەت بىر كەلدى قەرزى مىندى پاتاڭغا،

خوتۇن كىلىپ ئېسىلدى بىر نەچچە رەت ياقامغا،

‹‹پۇلنى بەر››دەپ بىر لۈكچەك پىچاق تىقتى يوتامغا،

ئارزۇ-ئۈمۈد،ئىشەنچىم،ھاياتىمنى ئۇتتۇردۇم.

            *******

مەنبە: ئۆز قەلىمىم( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:26:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇمار بولۇپ قىمارغا بىساتىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۇتارمەن دەپ تەلمۈردۈم،تامايىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۆز يۇرتۇمدىن كېتەي مەن ماكانىمنى ئۇتتۇردۇم،

چوڭ سۆزلەشكە نە ھەددىم،زۇۋانىمنى ئۇتتۇردۇم.

مۇشۇ تۆت مىسىرا قىمارۋازنىڭ بايانىغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك،





Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:15:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ساتىرالىرىڭىزدىن داۋاملىق ھوزۇرلىنىپ تۇرغايمىز .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1408
تۆھپە
320
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 15:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرچاغلاردا  ساقچىلار قىمارۋازلىنى تۇتىدىغان ،ھازىر كارى يوق ئوخشايدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:08, Processed in 0.072802 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991