ئاتا - ئانىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق ؟
بالام ، گېپىمگە قۇلاق سال !
بالام ، سەن بالىلىق چاغلىرىڭدا مەن ساڭا تاماقنى قانداق يېيىشنى ، كىيىمنى قانداق كىيىشنى ، ئايىغىڭنىڭ يىپىنى قانداق باغلاشنى ، يۈزۈڭنى يۇيۇشنى ، چېچىڭنى تاراشنى ھەتتا بۇرنىڭنى قانداق سۈرتۈشنى .....ئېرىنمەي بىر- بىرلەپ ئۆگەتكەن ئېدىمغۇ ؟ ھازىر شۇ دەقىيقىلەرنى نەقەدەر سېغىنىغانلىقىمنى بىلەمسەن ؟ بەزى ئىشلارنى ئېسىمگە ئالالماي ، دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغان مېنۇتلاردا داداڭغا ئازراق ۋاقىت بەرگىن ، بىردەم ساقلىغىن مەن ئويلىنۋالاي بالام ….. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشىمغا پۇرسەت بەرگىنە !
بالام ، ئېسىڭدىمۇ ؟ سەن تۇنجى قېتىم ئېيتقان ناخشىنى ئىككىمىز قايتا – قايتا يادلاپ مەشىق قىلغاندىن كېيىن مىڭ تەستە ئۆگەنگەن ئەمەسمىدىڭ ؟ سەن ھەر كۈنى توختىماي مەندىن سوئال سورايتىڭ ، مەنمۇ جاۋاپ بېرىپ ھارمايتىم . شۇڭا مەن ئۆتكەن ئىشلارنى تەكرارلاپ ، بالىلىق ۋاقتىمدىكى ناخشىلارنى غىڭشىپ ئېيتقۇم كەلسە مېنى ئەيىپلىمە بالام !
ھازىر مەن دائىم تۈگمەمنى ئېتىشنى ، ئايىقىمنىڭ يىپنى باغلاشنى ئۇنتۇپ قالىمەن ، تاماق يىگەندە ياكى چاي ئىچكەندە شۇنچىلىك ئىھتيات قىلساممۇ كىيىملىرىمگە چاچىرتىپ داغ قىلدىغان ، قولۇم تىتىرەپ ساقاللىرىمنىمۇ ئالالمايدىغان ، ھەتتا بىرسى يۇيۇپ قويمىسا باش – كۆزۈمنى يۇيالمايدىغان بولۇپ قالدىم . ھازىر مەن يەنە دەس تۇرالمايمەن ، راۋۇرۇس ماڭالمايمەن ، شۇڭا قولۇمنى مەھكەم تۇتۇپ ، ئەينى چاغدا مەن سېنى يىتەكلىگەندەك سەنمۇ مېنى يىتلىيەلىگەن بولساڭ نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە ! بىلىمەن سەن ھازىر تۇرمۇش ، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ،شۇنداق بولسىمۇ سەندىن ئۆتىندىغىنىم قېرى داداڭغا تېزىرەك بولۇڭ ۋارقىرما ، گۆلەيمە ، سەۋىرچان بولغىن قوزام ، سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا تاغدەك يۆلەنچۈكۈم بار دەپ پۈتۈن ھۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىم يەنى ئاتلىق مېھىر –مۇھاببەت ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالىدىغانلىقىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ !
مانا بۇ سۆزلەر ھېمايىچىسى يوق بىر مويسىپىتنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ تېمىغا يېزىپ قالدۇرغان يۈرەك سۆزى .
ئانىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق ؟
ئۈچ ياش ۋاقتىمىزدا ئانىمىز ئېتىپ بەرگەن ئاشنى يىگۈمىز كەلمەي تۆكۈۋەتتۇق ؛
تۆت ياش ۋاقتىمىزدا ئانىمىز ئېلىپ بەرگەن بوياق بىلەن ئۆينىڭ ئاپئاق تاملىرىغا نەچچە خىل رەڭ بىلەن قالايمىقان رەسىم سىزدۇق؛
يەتتە ياشقا كەلگەندە ئانىمىزغا ئالدۇرغان توپنى ئويناپ خوشنىلارنىڭ ئەينىكىنى چىقۋەتتۇق ؛
13 ياشقا كەلگەندە ئانىمىز كىيىم ئېلىپ بېرىۋىدى مودىنى تالليالماپسىز دەپ زاڭلىق قىلدۇق ؛
14 يېشىمىزدا ئانىمىز بىر ئايلىق يازلىق لاگىر خىراجىتمىزنى تۆلەپ يولغا سېلىۋىدى ، بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ تېلىفون قىلمدۇق؛
15 ياشقا كەلگەندە ئانىمىز بىزگە مەسلىگى كېلىپ قۇچاقلاپ قويماقچى بولىۋىدى بىراق بىز ئۆرىلىپلا ھوجىرىمىزغا كىرىپ كەتتۇق ؛
17ياشقا كەلگەندە ئانىمىز مۇھىم بىر تىلفوننى كۈتۈپ ئولتۇرسىمۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي دوستىمىز بىلەن كېچىچە مۇڭداشتۇق ؛
18 ياشتا ئانىمىز تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۇردى دەپ خوشاللىقىدا كۆزگە ئىسسىق ياش ئالدى ، بىراق شۇ كۈنى بىز دوستلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەپ بىر كېچە ئۆيگە قايتمىدۇق؛
19 ياشقا كەلگەندە ئانىمىز بىزنى ئالىي مەكتەپكە ئۆزى ئەكلىپ قويدى . بىراق بىزساۋاقتاشلىرىمىزدىن نۇمۇس قىلىپ ئۇنى دەرۋازا سىرتىدىلا ئۇزىتىپ قويدۇق ؛
20 ياشقا كەلگەندە ئانىمىز بىزگە بىر يۇرۇش ئۆي جاھازىللىرىنى ئېلىپ بەردى ، بىراق دوسلىرىمىزغا بۇ جاھازىلارنى ياختۇرمانلىقىمىزنى ئېتتۇق ؛
30 ياشتا ئانىمىز بىزگە بالىنى قانداق بېقىش ، تەربىيىلەش توغىرىسىدا تەلىم بەرسىمۇ بىراق بىز «دەۋىر ئۆزگەردى »دەپ گېپىگە قۇلاق سالمىدۇق ؛
40 ياشقا كەلگىنىمىزدە ،ئانىمىز ئۆز قولى بىلەن تاماق ئېتىپ بىزنى ساقلاپ
يىمەي ئولتۇرغانلىقىنى ئېتسىمۇ ئالدىراشلىقىمىزنى باھانە قىلىپ كېلەلمىدۇق ؛
50 ياشقا كەلگىنىمىزدە جاھاندىكى ئەڭ كۈيۈمچان ئادىمىمىز يەنى ئانىمىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمىزنى ئۆكۈنۈش ، پۇشايمان ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئەسكە ئالدۇق . بىراق بىز تولىمۇ كىچىككەن ئىدۇق .....
سىز يۇقارقى قۇرلارنى ئوقىغىنىڭىزدا قانداق ھېسياتتا بولدىڭىز ؟ سىزنىڭ يۈرىگىڭىزمۇ مېنىڭكىدەك رىتىمسىز سوقتىمۇ ؟ ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بەزەن ئىشلار توساتتىن يادىڭىزغا كېلىپ ، نېرىۋلىرىڭىز جىددىيلەشتىمۇ ؟
مەن يۇقۇرىدا ئەمەلى تۇرمۇش ئۆرنەك قىلىنغان ئىككى ھىكايىنى قايتا – قايتا ئوقۇپ چىقساممۇ ، يەنە ئوقىغۇم كەلدى ....
.بۇ قىسقا ھەمدە تەسىرلىك بايانلار ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئاتا – ئانىمىزنى
ھۆرمەتلىشىمىزنىڭ ، قەدىرلىشىمىزنىڭ ، ئۇلارنى ھايات ۋاختىدا داۋاملىق يوقلاپ تۇرۇشمىزنىڭ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىزنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ھەر ۋاقىت سەمىمىزگە سالىدۇ .
مەنبە : (قازاقچە ماتىريالدىن پايدىلاندىم )