كۆرۈش: 7871|ئىنكاس: 16

ھالرەڭ غۇنچە ( سەرۋى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 10:21:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

120007v28eugolv78hu8na.gif


ھالرەڭ غۇنچە
                              
مېنىڭ گۈلگۈن باھار پەسلىمنىڭ ،
پىغان بىلەن ئۆتتى قانچىسى ؟!           
سويگۈ گۈلۈم بولۇپتۇ خازان ،
تۆكۈلۈپتۇ ھالرەڭ غۇنچىسى .
تېرىپ ئېلىپ ساماغا چاچسام ،
يۇلتۇز بوپتۇ ئۇنىڭ بارچىسى .
ئېلىۋالدىم قولۇمغا يەنە ،
   ئاھ ! شۇ ئۇلۇغ سۆيگۈ كېچىسى !
   
  ( 2 )
قايتىپ كەپسەن ئارمىنىمنى يەپ ،
مۇڭغا تولغان قارا يەكشەنبە .
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ جېنىم ،  
ئۆتتى قانچە جۈمە ۋە شەنبە ؟!
ئوتلىرىڭدا ئۆتتى ئۆرتىنىپ ،  
  سېغىنىشقا تولغان دۈشەنبە .
ھەسىرەتتە ئۇزاتتى مېنى ،  
كۆز ياشلارغا چۆمگەن سەيشەنبە .
بويۇن قىسىپ قالدى كەينىمدە ،
ئەلەملەرگە تولغان چارشەنبە.
ئاقتى سەلدەك ھەسرەتلىك يېشىم ،
سەن ئۇزىغان ئاشۇ پەيشەنبە !
ياشاپتىمەن سېنىڭ ئۈچۈنلا ،
ھاياتىممۇ بوپتۇ بەخشەندە !


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:15:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، سۈرەتمۇ شۇنداق ماسلاشقان ، مەن ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەر


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:27:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن جۇمۇ،  


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:19:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان شىېر ئىكەن،تەشەكۈر.


Rank: 2

تىللا
96
تۆھپە
39
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:34:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىشقا تولغان دۈشەنبە،
تارىماقتا خىياللىرىمنى.
مەي باغلىغان كۈتۈشلىرىمگە
پاياندازدۇر گۈلنىڭ كۆزلىرى.

بىر قارىسام كىلىسەن نۇردەك
بىر قارىسام سەن مەۋھۇم تىلەك ............


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:38:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەڭلىسا خانىم ، دىلسېرى خانقىز ، نۇر ئەپەندى ، ئەلشىپا  ، رەھمەت سىلەرگە !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1404
تۆھپە
320
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 15:30:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ شئىرلىرىڭىز  بەك ئىسىل جۇمۇ ،مەن بەك ياقتۇرمەن،


Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
94
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 15:57:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  قالتىس يېزىپسىز. جۇمۇ.


Rank: 4

تىللا
383
تۆھپە
115
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:51:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى يېزىپسىز،مىسرالىرىڭىزدىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم.


Rank: 4

ئىسىمى
مارىگۈل
تىللا
391
تۆھپە
73
UID
5392
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 18:21:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېىرىڭىزنىڭ تىلى راۋان ۋە لىرىك چىقىپتۇ بولۇپمۇ
      
سويگۈ گۈلۈم بولۇپتۇ خازان ،
تۆكۈلۈپتۇ ھالرەڭ غۇنچىسى .
تېرىپ ئېلىپ ساماغا چاچسام ،
يۇلتۇز بوپتۇ ئۇنىڭ بارچىسى .
  بۇ مىسرالارنى بەكلا ياختۇردۇم . بوشاشماي  ئىلگىرلەڭ !
  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:40, Processed in 0.089906 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991