كۆرۈش: 5508|ئىنكاس: 4

چاچ شەكىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 00:52:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چاچ شەكىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت


مۇھەممەت مەتنىياز دانىش


   
ساتىراچلىق توغرىسىدا بىر قوللانما تۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ، تىلشۇناس ئالىمىمىز ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندى ھايات چېغىدا ، ئۇنىڭدىن ساتىراچلىق توغرىسىدا بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە ، ئۇنى زىيارەت قىلغان ئىدىم . ئالىمىمىز چاچ شەكىللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى :
    _ تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۇرۇقداشلىق جەمەتى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەتى بولۇپ ، ئۇ دەۋىردە ئانىلار يەنى ئاياللار ئەقىل – پاراسەتتە ئەرلەردىن ناھايىتى يۇقىرى بولغاچ ، ئۇلار ئىلاھلىق يەنى ھۆكۈمىرانلىق ئورۇندا تۇرغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئەرلەردىن ئەقىل – پاراسەتتە ئەنە شۇنداق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ئاياللار شۇ دەۋرلەردە ئىنسانلارنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈش يولىدا  ئىزدىنىپ ، چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالسا ، بېشىغا قاراپلا ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى تاپقان ئىكەن . ھازىرقى چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ يۈرىدىغان ئاياللارنى ئەنە شۇ چاغدىكى ئەرلەردىن ئەقىل – پاراسەتتە ناھايىتى ئۈستۈن تۇرىدىغان شۇ ئىلاھىي ئاياللارنىڭ ۋارىسلىرى دېيىشكە بولىدۇ . كېيىنكى دەۋىرلەردە ، ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىگە تايىنىپ ، ئايال ئىلاھلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەتىنى قۇرۇپ ، ئايال ئىلاھلارنى ئىنسى – جىن ئاياق باسمايدىغان چۆل – جەزىرىلەرگە سۈرگۈن قىپتۇ . ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن ئايال ئىلاھلار ئاچچىقىدا چاچلىرىنى چۇۋۇپ ، ئۇچرىغان ئەرلەرگە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن چاچلىرى چۇۋۇلغان ، تىرنىقى ۋە لەۋلىرى قان بىلەن قىپقىزىل بويالغان بىر توپ پەيدا بوپتۇ . چاچلىرى چۇۋۇلغان ، ئۇزۇن تىرنىقى ۋە لەۋلىرى قاندىن قىزارغان بۇ بىر توپ  ئەرلەرگە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ ، ئەرلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ يەيدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق دەپ تونىغان ئەرلەر
ئۇلارنى " ئالۋاستىلار " دەپ ئاتاپتۇ . ھازىرقى چاچلىرىنى چۇۋۇپ ، ئۇزۇن تىرناقلىرىنى ۋە لەۋلىرىنى قاندەك بويىۋالىدىغان ئادەتنى ئەنە شۇ ئالۋاستى دەپ ئاتالغان توپتىن قالغان ئادەت دېيىشكە بولىدۇ .  شۇ دەۋىرلەردە يەنە ، بەزى ئاياللار ئىنسى – جىن ئاياق باسمايدىغان چۆل – جەزىرە ۋە خارابىلەردە ئالۋاستىلاردەك ياشاشنى خالىماپتۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى " باشلىرىمىزنى ھايۋانلارنىڭكىدەك قىلىۋالساق ، ئەرلەر بىزنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرەلمەي ، بىزگە زەربە بەرمەيدۇ " دېيىشىپ ، چاچلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ، باشلىرىنى قوزىلارنىڭ  باشلىرىدەك قىلىۋاپتۇ . يەنى بەزىلىرى چاچلىرىنى قىرقىپ ، ئەر – ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىلىۋىلىپ ، ئەرلەرنىڭ زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىپتۇ . بۇنىڭ بىلەن قوزىباش ۋە قىرقىم چاچ ئاياللار پەيدا بوپتۇ .
    ئالىمىمىز يۇقارقى رىۋايەتنى سۆزلەپ كېلىپ :
_ بىز قىز- ئاياللارنى چېچىڭنى مۇنداق شەكىلدە قىلىسەن ، دەپ مەجىبۇرلىمىساقمۇ ، ئەقىلگە ئىگە قىز – ئاياللىرىمىز چاچلىرىنى ئالۋاستىلارنىڭكىدەك ياسىتامدۇ ، قوزىباش قىلىۋالامدۇ ياكى ئايال تۇرۇپ چېچىنى ئەرلەرنىڭكىدەك ياسىتىپ ، ھەمجىنىسلاردەك بولىۋالامدۇ ۋە ياكى چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈپ ، ئۆزلىرىنى ئەينى چاغدىكى ئەقىل – پاراسەت جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شۇ ئىلاھىي ئاياللارنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلامدۇ ، ئىشقىلىپ ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا بولىدۇ ، _ دېگەننى قوشۇپ قويغان ئىدى .
http://www.sirdaxlar.   

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
919
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق رىۋايەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمە  ئەمەسمۇ ،ئەمدى بىلۋالدىم ، رەھمەت سىزگە.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:34:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ چاچ پاسۇنى توغرىسىدا ئاياللادىنلا ئويلانماي ئەرلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ باقساق بولىدۇ،بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى،مىللەتنىڭ ئاتىسى،دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولمىش يىگىتلەر تىلۋۇزۇردىكى قايسىبىر تەنھەركەتچىنى ياكى ئارتىسنى دوراپ ،چېچىنى ئاياللارمۇ ھەيران قالغۇدەك پاسۇنلاردا ياسىتىۋاتىدۇ،بىردەم رونالدونى دورىسا،بىر دەم مىسسى نى، يەنە بىردەم جىكسون نى دورىسا بىر دەم باشقا بىرىنى.......
     بولۇپمۇ بۇ يىل يىگىتلىرىمىزگە مودا بولغان چاچ پاسۇنىنى كىمنىڭكىكىن تازا بىلمەيدىكەنمەن،ئىشقىلىپ يىگىتلەر شۇ خىل پاسۇندا چاچ ياسىتىۋالسا نىمىگەئوخشىتىشنى بىلەلمەي ھەيران بولۇپ يۇرگەن ئىدىم،قوشنامنىڭ 20 ياشلاردىكى ئوغلى شۇنداق ياسىتىۋاپتىكەن،مىنىڭ 8 ياشلىق بالام :ئاپا قورودىكى بالىلار رىنات ئاكامنى ئىشەك باش دەپ تىللاپتىكەن ئۇرۇش چىقىپ كەتتى دەپ يۇگرەپ كىردى، تازا زەن سېلىپ قارىسام ئىككى تەرىپى قۇلىقىنى بويلاپ پاكىز قىرىۋېتىلگەن ئوتىرىدا ئۇزۇن چاچ ،ياپىرىم ،بۇ بالىلار نىمىدىگەن ئەقىللىق ،راسلا ئىشەكنىڭ بېشىغا ئوخشايدىكەن .
    مۇنبەرداشلار بۇ ئىنكاستا مەن ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتىرىسىدا مۇنازىرە قىلماقچىمۇ ئەمەس، ئەمما تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا دىگىم كەلدى،ئەمما ھەر بىر ئاتا ئانا بالىلىرىمىزغا قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۆزىگە يارىشىملىق قىزلىرىمىزغا قىزلارچە لاتاپات،يىگىتلىرىمىزگە يىگىتلەرچە سالاپەت بېغىشلايدىغان چاچ پاسۇنلىرىنى قويۇشقا تەۋسىيە قىلساق؛ ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئۆيلۈك ئەرلەرمۇ ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ پاسۇن،كىيىنىش،يۈرۈش تۇرۇشلىرىنىڭ مىللەتكە ماس بولىشىغا دالالەت قىلىپ تۇرساق دىگەن ئۈمىتتىمەن.
    ئاياللارنىڭ گۇناھىنى باشقۇرالمىغانلىق سەۋەپلىك ئەرلەر ھىسابات بېرىدۇ دەيدۇ جۇمۇ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
diし__SiЯi + 20

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
49
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 17:34
مىنىڭچە بۇ چاچ پاسۇنى توغرىسىدا ئاياللادىنلا ئويلانما ...

بەك ئۇرۇنلۇق  ئىنكاس بوپتۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:50:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kamaltap يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 17:42
بەك ئۇرۇنلۇق  ئىنكاس بوپتۇ.

رەھمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:56, Processed in 0.074907 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991