ئاجايىپ پاراسەت
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تېۋىپ بىر كېسەل ئادەمنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
ـ بۈگۈن يېمىش يەپسىز،-دېدى.
ـ شۇنداق،-دېدى كېسەل كىشى.
- مىجەزىڭىز ئەسلىگە كەلگىچە يىمەڭ،-دېدى تېۋىپ.
يەنە بىر كۈنى ئۇ تېۋىپ بىر كېسەلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-بۈگۈن چۈجە يەپسىز،-دېدى.
-شۇنداق،-دېدى ئۇ كىشىمۇ.
-ھازىر چۈجە يەيدىغان ۋاقىت ئەمەس،كېسىلىڭىزگە زىيانلىق،-دېدى تېۋىپ.
خالايىقلار تېۋىپنىڭ دانالىقىدىن ھەيران قېلىشتى.تېۋىپنىڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ،ھەر ۋاقىت تېۋىپنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ھۈنەر ئۆگۈنەتتى.ئۇ دادىسىنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرۈپ سورىدى، دادىسى:
-مەن ئۇنى ھەقىقىي تىبابەت ئىلمىي بىلەن ئەمەس،بەلكى پاراسەت بىلەن بىلدىم.مەن بىرىنچى كېسەلنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم،ھويلىسىدا ئاقلانغان مېۋە پوستىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.« مېۋە پىشسا يىيىشكە ئالدىرار›› دىگەن گەپ بار،شۇڭا ئۇنىڭ مېۋە يىگەنلىكىنى بىلدىم.
يەنە بىر كېسەلنىڭ سارىيىغا بارغانىدىم،قارىسام ئىشىك يېنىدا چۈجىنىڭ يۇلۇنغان قاناتلىرى تۇرۇپتۇ.بىلدىمكى،چۈجىنى كېسەل ئادەمدىن باشقا ئادەم يىمەيدۇ.شۇڭا، بۇ ساراي بېگى چوقۇم چۈجە يىگەن دەپ بىلدىم، ـدېدى.
بالىسى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دادىسىنىڭ ھۈنىرىنى ئۈگەنگىسى كەلدى ۋە ساراي بېگىنىڭ يېنىغا باردى.ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-سىز بۈگۈن ئېشەك گۆشى يەپسىز،-دىدى.
ساراي بېگى بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى-دە،قاتتىق رەنجىپ:
- توۋا قىلدىم،سىز ئالجىدىڭىزمۇ؟ئېشەك گۆشىنى كىم يەيدۇ!؟- دېدى.
تېۋىپنىڭ بالىسى بۇ بىئەدەپ سۆزىدىن خىجىل بولدى.ساراي بېگى تېۋىپقا بالىسىنىڭ قىلغان ھاقارىتىدىن ئەرز قىلدى.تېۋىپ بالىسىنى چاقىرتىپ:
ـ ئەي ھاماقەت، ئۇنىڭ ئېشەك گۆشى يىگەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟-دەپ سورىدى.بالىسى مۇنداق دىدى:
-سارايغا بارغانىدىم،قارىسام ئۇ يەردە ئېشەكنىڭ توقۇملىرى تۇرۇپتۇ. ئويلىدىمكى،ئەگەر ئېشەك تىرىك بولغان بولسا،توقۇم ئېشەكنىڭ ئۇچىسىدا بولغان بولاتتى.شۇڭا،ئېشەك ئۆلگەن. ئېشەك بىر بولسا ئۆزى ئۆلدى،بىر بولسا ئۆلتۈرۈلدى.ئەگەر ئۆزى ئۆلگەن بولسا تاپى شۇ يەردە بولغان بولاتتى.شۇڭا ئۇنى باشقىلار ئۆلتۈرگەن.كېسەل كىشى ئېشەكنى
ئۆلتۈرگەنىكەن،ئۇنى يىمەي قالامدۇ؟مانا مۇشۇ پاراسەت بىلەن ئېشەك گۆشى يەپسىز،دېدىم.
*******
مەنبە:‹‹ ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر›› ناملىق كىتاپ
يوللۇغۇچى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي