كۆرۈش: 2890|ئىنكاس: 4

نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
381
تۆھپە
211
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 22:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟


نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟

بىلگۈم كېلەر ئىچىگە كېرىپ.

تۈمەن نازدا جىلمىيىپ باقساڭ،

كېتەر تاشتەك يۈرىكىم ئېرىپ.


نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟

تال-تال كىرپىك قوغدايدۇ ھۇشيار.

كۆڭۈل بېغىڭ مۇستەھكەم شۇنچە،

سۆيگۈ...دەپلا سايرىغان قۇش بار...


نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟

چاقنار مىليۇن قۇياشنىڭ نۇرى.

داستان پۈتەر شەيدالىق دىلدا،

مەپتۇن قىلىپ جاننى ھەر قۇرى.


نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟

قىلىپ قويدى قەلبىمنى دەردلىك.

خۇنۇك تامدەك كۆرىنەر ئايمۇ،

قىلىپ كەڭرى ئاسماندا مەردلىك.


نېمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق؟

قالار پەرى مېھرىمۇ چېنىپ.

تىلەپ يۈرسەم تەڭرىدىن كۈندە،

سۆيۈش نېسىپ بولارمۇ قېنىپ؟

مەنبە: مەن شۇ...



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:21:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزغا تەشەكۈر.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:29:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
     نىمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق ؟
     تىكىلەرمەن بولارمەن ھەيران .
     بىر جىلۋەڭدە ياقىسەن بىر ئوت ،
     مەن كۆيەرمەن ! بولارمەن ۋەيران !


Rank: 3Rank: 3

تىللا
167
تۆھپە
67
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 09:30:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆيدۈم ساڭا ئەي قىزچاق،
   كۆيگۈنۈمنى بىلەمسەن.
   قاراپ كۆزۈم تەلمۈردى،
   بىر قارىساڭ ئۆلەمسەن!؟

   تۇرسۇنجان، بۇ شېئىرىڭىز ماڭا مۇنۇ مىسرالارنى ئەسلەتتى. چىن تۇيغۇلار مانا مۇشۇنداق يۈرەك پەردەزسىز بولىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
921
تۆھپە
264
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە باردۇ كۆزۈڭدە قىزچاق ؟
ھەر قارىسام ئۈلۈپ كىتىمەن .
ئۆلمەي قالسام ناۋادا بىر رەت -
ھەسرىتىمگە چۇكۇپ كىتىمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:56, Processed in 0.073793 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991