كۆرۈش: 15861|ئىنكاس: 12

خېنىم چىرايلاردىن بولۇپ قالماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 20:55:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خېنىم چىرايلاردىن بولۇپ قالماڭ



   يېقىندىن بۇيان كوچىلاردا ئۇزۇن چاچ قويۇپ، ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەتتا زىبۇ-زىننەت تاقاپ، تاماكىسىنى پۇرقۇرىتىپ چېكىپ كېتىۋاتقان يىگىتلەرنى دائىم ئۇچرىتىدىغان بولدۇم. ھەر قېتىم ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە بەكمۇ ئازاپلىناتتىم. زامانلاردىن بېرى چەبدەس، باتۇر، چېچەن دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان يىگىتلىرىمىزنىڭ قىسمەنلىرى مانا ئەمدى ئاياللارغا ئوخشاش چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇپ، زىبۇ-زىننەت تاقاپ، ھەتتا گىرىم قىلىپ كوچىدا يۈرسە، ئۇلارغا كىممۇ لەنەت ئوقۇماي تۇرالىسۇن، دەپ ئويلىدىم.
ئەلۋەتتە، بىراۋنىڭ قانداق كىيىنىشى، قانداق ياسىنىشى ئىختىيارلىقىدىكى ئىش، ئەمما ئەر-ئاياللارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەم تىببىي نۇقىتىدىن ئېيتقاندا، ئەرلەر ئەرلەرگە، ئاياللار ئاياللارغا خاس كىيىنىشى، ياسانمىقى زۆرۈردۇر.
          بەزىدە كوچىدا ئەر ياكى ئاياللىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بومىغۇدەك دەرىجىدە كىيىنىۋالغان ياشلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قاراپ قالىمىز، قىسمەن يىگىتلەرنىڭ چېچىنى ئاياللارنىڭكىدەك بوياپ، بۈدۈر قىلدۇرۇپ ئۇزۇن قويۇۋالغانلىقى، يۈزىگە گىرىم قىلىۋالغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنىغا ئەپسۇسلىنىمىز. ئەسلىدە ئۇلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئاتىسى ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھەم غۇرۇرلىنىش ئىلكىدە خۇش بولغان، ئانىسى سۆيۈنۈش ئىلكىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، باغرىغا چىڭ باسقان بولغىيتتى. ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئوغلىنىڭ ئەرلەرگە خاس جۇشقۇن، بەردەم بۇلۇشىدن پەخىرلىنىدۇ. ئەجەبا بۇ ئاتا-ئانىلار ئوغلىنىڭ ياشلىق بوسۇغۇسىغا قەدەم قۇيۇپلا ئاياللارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسە، ئازاپتىن يۈرىكى لەختە بولماسمۇ؟
          يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭ دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەلەر گىرەلىشىپ ھەم ئارىلىشىپ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. سىنچىلاپ قاراپ باقساق. پاسونى غەلىتە، ھەتتا چاكىنا كىيىم-كېچەكلەر ئەتراپىمىزنى بىر ئالدى. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئېستېتىك گۈزەللىكى ئوخشىمايدۇ، كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ يارىشىملىق كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز ھەم كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىمىز تۇرۇپ، ئۆزگە مەدەنىيەتكە قارىغۇلارچە يېپىشساق ئېنىقكى بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ.« كۆككە باقماي، كۆپكە بېقىش»، تۇرمۇش چاكىنا رەڭۋازلىقىنى ئەمەس، ئاددىي-ساددا، ئېسىل گۈزەللىكنى تېپىش ئاقىلانىكتۇر. مېنىڭچە، كىندىكلىرى ئوچۇق، پۇچقاقلىرى يەرگە سۆرەلگەن، ھەتتا چۇچىلىرى، قىرلىرى سۆكۈلگەن، رەڭلىرى شۇقەدەر يېقىمسىز، دۇنيادىن رايى قايتقانلاردەك تۇيغۇ بېرىدىغان ياسىنىش چاكىنىلىقتۇر.
      بىر ئادەمنىڭ رەتلىك پاكىزە كىيىنىپ يۈرۈشى ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۆزىدىن باشلاپ ياراتقىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق مۇئەييەن توپتا ياشاۋېتىپ، شۇ توپتىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئەدەپلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا كىيىنىش چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەرىقلىق ياسىنىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولىدۇ، بىراق زىيىنى بولسا بولىدۇكى، پايدىسى بولمايدۇ. بىر ئادەم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە تۆھپە قوشسا، خەلق تەرىپىدىن ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۆزلۈكىدىن نامايەن بولىدۇ ھەم ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. خىتابىم شۇكى، يىگىتلىرىمزدە جۇشقۇن، سەمىمىي قەلب، ئەرلەرچە سالاپەت بولسۇن.


      مەنبە:تەرمىلەر

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
7
UID
23696
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:30:41يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇتوغرا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:34:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
     ئەرلەردىكى مەردانىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە   ئورۇن ئېلىپلا قالماي ، بەلكى تاشقى قىياپىتىدىمۇ جۇلالانسۇن !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 16:41:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنىش ،تاشقى قىياپەتكىمۇ دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ،


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:37:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى قىياپەت ئادەمنىنىڭ خارەكتىرىنى 30% ئەتراپىدا ئېچىپ بېرىدۇ، روھىدا بولمىغان ئەرلىك سالاپەتنى تاشقى قىياپەتتىن تېپىش مۈمكىنمۇ؟


Rank: 2

تىللا
41
تۆھپە
27
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:27:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئەرلەرنى دورىسا يارىشىدۇ ، ئەمما ئەرلەر ئاياللارنى دورىسا ،،،


Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
5
UID
1815
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 00:41:24يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە بىردە ئالتۇننى بىردە ئەر كىشىنى جىڭ دەيدىغان ئەقىدە باركەنﻂ شۇڭا ئەر كىشى ئالتۇن تاقىسا شەرىەتكەﻂ قائىدە يۇسۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.لىكىن نۇرغۇن ئەرلەر قۇلىغا ئۈزۈك سىلىپ يۈرىدۇﻂ بۇ بىزگە تۇغرا كەلمەيدىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
984
تۆھپە
688
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 07:17:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ غىتمەك چىراي يىگىتلىرىمىز جىقلاپ كەتتى. ئەمما بەك جىق ئەمەس، خۇداغا شۈكرى.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
236
تۆھپە
71
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 17:15:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turknaz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 17:37
تاشقى قىياپەت ئادەمنىنىڭ خارەكتىرىنى 30% ئەتراپىدا ئېچ ...

ئېسىل ئىنكاس،  مەنمۇ شۇ پىكىردە.


Rank: 1

ئىسىمى
بىچارە
تىللا
23
تۆھپە
8
UID
28174
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 23:54:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ، جاھاندا غەيرى تۆرەلمە ئىنسانلار كۆپىيىپ كەتتىغۇ تاڭ.... چەتئەلنىڭ ئۇنداق يەرلىرىنى دورىغىچە  ئىلغار تېخنىكا بىلىملىرىنى، بەزىبىر ئىسىل يەرلىرىنى دورىسىغۇ بۇلىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 16:39, Processed in 0.079540 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991